كۆرۈش: 6039|ئىنكاس: 40

ئىزدىنىش ئىچىدە چاقنىغان ياشىلىق

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىزدىنىش ئىچىدە چاقنىغان ياشىلىق


     ياشلىق قەدىرىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن گوياكى پاللىدە بىر چاقناپ گۈزەللىگى بىلەن قەلىپلەرنى لال قىلغۇچى ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشايدۇ .شۇنچە قىسقا ،شۇنچە گۈزەل ،شۇنچە رەڭدار .شۇڭلاشقىمۇ بۇ قىسقىغىنە ياشلىقنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ،ياشلىقنىڭ ھەربىر پارچە مۇنبەت تۇپىرىقىغا رەڭمۇ-رەڭ گۈل ئۈندۈرۈش، گوياكى قوياشتەك ھارارەت ،تىز پۈكمەس جاسارەت بىلەن ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇش تولىمۇ زۆرۈردۇر .بۇ نوقتىنى ئىجتىھاتلىق ياش   روزى مەتسىدىق بالدۇرلا تونۇپ يەتكەن ئىدى . شۇڭلاشقا ئۇ ياشلىقنىڭ مۇنبەت ئېتىزىغا رەڭدار گۈل ئۈندۈرۈپ ، پەرۋىش قىلىش بىلەن تولىمۇ مەنىلىك ياشىدى.
روزى مەتسىدىق 1984-يىلى 6-ئايدا كېرىيەناھىيە توغرىغاز يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1990-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە توغرىغاز يېزىلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1998-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە شىنجاڭ ئېلىكتىر-ئېنىرگىيە مەكتىپىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان. 2002-يىلدىن 2004-يىلغىچە شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىتىنىڭ خەنزۇتىلى كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان. 2004-يىلىدىن 2012-يىلغىچە كېرىيە ناھىيە سىيەك يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ، كېرىيە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، كېرىيە ناھىيىلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى تېخنىكا مەكتىۋى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان. 2011-يىلى 7-ئايدا «بايقاش مائارىپ تورى»نى قۇرۇپ چىققان، 2012-يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۈنۋىرسىتىتىنىڭ كومپيۇتېر ئۇچۇر ئىنىستىتوتىدا بىلىم ئاشۇرۋاتىدۇ.
روزى مەتسىدىق كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىدە تىرىشچان، جاپاغا چىدايدىغان خارەكتىرنى يىتىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆيىدىن 9كىلومېتر يىراقلىقتىكى مەكتەپكە پىيادە بېرىپ-كېلىپ ئوقۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن يالغۇز ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆستىگە ئالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر كاللىسى، بىلىمگە ھېرىسمەنلىكى، يېڭىلىقنى بايقاشقا ماھىرلىقى بىلەن ئىزچىل ئوقۇتقۇچىلار ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلگەن، ئىزچىل سىنىپ ھەيئەتلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ئالى مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن سىنىپ بۇيىچە يېشىنىڭ ھەممىدىن كىچىك بولىشىغا، خەنزۇتىلى ئاساسىنىڭ تۈۋەن بولىشىغا قارىماي، ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، ناھايىتى تىزلا سىنىپتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا ئۆتكەن. ھەمدە خەنزۇتىلى بىلمەسلىكتىن خەنزۇ تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ گورۇپپا باشلىقىغا ئايلىنىشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ئوقۇش جەريانىدا مەكتەپتە ئۆتۈلۋاتقان دەرسلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، دەم ئېلىش ۋە تەتىل كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ. ئېنگىلىز تىلى، كومپيۇتېر كورۇسلىرىغا قاتنىشىپ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بارغان. ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇ ئۆزى مۇستەققىل ياساپ چىققان «قۇلاي ياردەمچى<< ۋە ساۋاقدېشى بىلەن بىرلىكتە ياساپ چىققان ئېلىكتىرونلۇق ئوقۇغۇچىلار خاتىرىسى قاتارلىق پىروگراممىلار ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
ئۇ خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان ۋاقىتلار كېرىيە ناھىيىسىنىڭ «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتى ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى دەسلەپكى ۋە ئەڭ ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ تېزلا بۇ خىزمەتتىكى غوللۇق خادىمغا ئايلىنىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ يېراق مۇساپىلىق ئۈسكىنىلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئىشلىتىش خىزمەتلىرىگە بىۋاستە قاتناشقان ۋە يىتەكچىلىك قىلغان. ھەمدە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خادىملىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس ئۆتكەن. ئۇ تەربىيەلىگەن خادىملار  ناھىيەدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش جەھەتتىكى تايانىچ خادىملارغا ئايلانغان. ئۇ يەنە ئۆزى ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ياخشى بولغان تېخنىكلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئارخىپلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي قوللىنىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر نەچچە قېتىم ۋىلايەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىدە بىر نەچچە قېتىم ئىلغار شەخىس ۋە مەكتەپنىڭ يىللىق خىزمەتلىرىدە ئۇدا مۇنەۋۋەرلىكنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۇچۇر-تېخنىكا ئوقۇتۇش ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش جەھەتتىكى ئىلمىي ماقالىلىرى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.
ئۇ بىر نەچچە يىللىق مائارىپ ۋە ئۇچۇر-تېخنىكا ئىلمى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قۇلاي بولغان، ئۇلارنى تەكرار ئەمگەكتىن خالاس قىلىدىغان، مائارىپ بايلىقلىرى مول بولغان ئۇيغۇرچە تور بىكەتلىرىنىڭ كەمچىل بولىشى ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى بىر تۈگۈن بولۇپ كەلگەن. ھەمدە مۇشۇنداق بىر تور بىكەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارزۇسى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ بارغان. ئەمما خىزمەت ئالدىراشچىلىقى، شۇنداقلا تور شارائىتى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئىزچىل ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلگەن. 2011-يىلىغا كەلگەندە ئۇ قەتئىي نىيەتكە كىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزى ماتېرىيال كۆرۈپ، تور بىكەت قۇرۇشقا دائىر بىلىملەرنى ئۈگەنسە، بىر تەرەپتىن «بايقاش مائارىپ تورى» نامىدىكى مائارىپ تور بىكىتىنى قۇرۇشقا كىرىشكەن. بۇ جەرىياندا ئۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ئائىلىسىگە سىملىق تور ياكى سىمسىز تور ئەكىرىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، ھەركۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن 15 كېلومېتر يىراقلىقتىكى ناھىيە مەركىزىگە بېرىپ، تورخانىلاردا، دوستلىرىنىڭ ئىشخانىلىرىدا كېچىلەپ ئىشلىگەن. ئىككى يىلغىچە ئۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە خاتىرجەم دەم ئېلىپ باقمىغان، ھەتتا قىش كۈنلىرى پار يوق، مەشتە ئوتمۇ يوق ئىشخانىدا نەچچە كېچىلەپ ئولتۇرۇپ پۇتىنى ئۈششىتىۋېلىشقا تاسلا قالغان. ئۇ «قانداق قىلسام تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچى توردىن پايدىلىنالايدىغان قىلىمەن؟» دىگەن مەسىلە ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىپ، نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ توردىن ماتېرىيال ئىزدەش ۋە چۈشۈرۈش پايدىلىنىشقا تولىمۇ ئېھتىياجلىقلىقىنى، قىزغىنلىقىنىڭمۇ يۇقىرلىقىنى ئەمما تورغا چىقىش، ماتېرىيال ئىزدەش ۋە چۈشۈرۈپ پايدىلىنىش بىلىملىرىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى توردىن ئۈنۈملۇق پايدىلىنالماسلىقتەك بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھىس قىلىپ ئاساسى كۈچىنى تور مەشغۇلاتىنى قۇلاي قىلىشقا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تور بىلىملىرى بۇيىچە تەربىيەلەشكە قارىتىپ، ھەر بىر ئەزاغا سەۋىرچانلىق بىلەن تەپسىلى چۈشەندۈرگەن، بىر-بىرلەپ ئۆگەتكەن.
ئۇنىڭ بۇ تېرىشچانلىقىلىرى نەتىجىسىدە بايقاش مائارىپ تورى قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە 15 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى، 120 مىڭغا يېقىن ماتېرىيال بار، كۈندىلىك چىكىلىشى 12مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن ئۇيغۇرچە مائارىپ تور بىكەتلىرى ئارىسىدىكى بىر قەدەر سېستىمىلاشقان، ماتېرىياللىرى تولۇق بولغان تور بىكەتكە ئايلاندى. ئەمما ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى، ئۇ توردىكى يوللانغان ماتېرىياللارنىڭ تەكرار بولىشى، پايدىلىنىش قىممىتى تۆۋەن بولۇش، زىيارەت قىلغاندا ئەسلى ماتېرىياللارنى تەپسىلى كۆرگىلى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۈرۈمچىدىكى بىلىم ئاشۇرۇش پۇرستىدىن پايدىلىنىپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كورۇسلارغا قاتنىشىپ ,JAVAscript,PHP HTML5,jQuery,AJAX,CSS,mySQL قاتارلىق تور پروگرامما تىللىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىگەللىسە،يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى تەجىرىبىلىك، تايانچ ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان سۈپەتلىك مائارىپ ماتېرىياللىرى تەتقىقات گورۇپپىسىنى قورۇپ چىقىتى. ھەمدە ئەڭ ياخشى، ئەڭ سۈپەتلىك دەپ قارالغان مائارىپ ماتېرىياللىرىنى ماۋسۇملار بۇيىچە رەتلەپ، سېستىمىلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھەرقايسى يىللىق ماتېرىياللىرى ئاساسەن تولۇق بولغان، تور يۈزىدە كۆرۈش ئىقتىدارى سەپلەنگەن، ئوقۇتقۇچىلانى ئەڭ يۇقىرى  پايدىلىنىش  قىممىتى بىلەن تەمىن ئېتەلەيدىغان «بايقاش سۈپەتلىك ماتېرىياللار ئامبىرى» نى قورۇپ چىقىتى. بۇ دىيارىمىز تورچىلىقىدىكى يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە كىچىك تىپتىكى پىروگىراممىلاردىن بىر ئايلىق پىروگىراممىسىنى ساقلاپ ئاڭلىغىلى بولىدىغان« بايقاش تور رادىيوسى»، «بايقاش ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش دېتالى» قاتارلىق تور پىروگىرامملىرىنى يازغان ھەمدە بىر قانچە شىركەتنىڭ تور بىكەتلىرىنى ئىشلەپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇ ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە شۇ مەكتەپنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ، پىداگوگىكا ئۈنۋېسىتىتى، مالىيە ئۈنۋېسىتىتى، كەسپى ئۈنۋېستىتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بەرگەن، ھەمدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشكەن.
بايقاش مائارىپ تورىنى ھازىقى ھالغا ئەكىلىشتە روزى مەتسىدىق يۇقىرىقىدەك ۋاقىت ۋە زېھىن جەھەتتىن نۇرغۇن بەدەللەرنىڭ تۆلەپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادى جەھەتتىنمۇ ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلىگەن. ئەمما ئۇنىڭ دائىم دەيدىغان گىپى «بايقاشنىڭ مەقسىتى ئىقتىسادى قىممەت يارىتىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئازىراق بولسىمۇ تۆھپە قۇشۇش، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغاقۇلايلىق يارىتىش، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئەگەر تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئىشىمىزدىن نەپكە ئېرىشەلىسە، بىز بايقاشلىقلارمۇ قىلغان ئەجرىمىزدىن رازى بولىمىز!»دەيدۇ.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار: http://bbs.misranim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=133773

ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم

باھا سۆز

كۆز تەگمىسۇن ساۋاقدىشىم .تىنىڭىز سالامەت بولسۇن !  ۋاقتى: 2015-9-6 16:44

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 9قىزغىنلىق +47تىللا +36تۆھپە +48شۆھرەت +47يىغىشسەۋەبى
مەرزىيە + 1 + 2 + 2 + 1ياخشى تېما.
ئىلغار + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.
گۈلزار + 10 + 5 + 10 + 10ياخشى تېما.
TARAM + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!
سىرداش + 6 + 5 + 6 + 6بارىكاللا تېرىشىڭ!
穆塔力甫 + 2 + 1 + 2 + 2بارىكاللا تېرىشىڭ!
ئالىم + 10 + 5 + 10 + 10ئورۇنلۇق، گەپ كەتمەيد.
pari + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5ئورۇنلۇق، گەپ كەتمەيد.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-5 12:53:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي ۋوي كمنى داڭلاۋاتىدىكىن دىسەم بىزنىڭ ئاتاماننى يېزىپسىزغۇ ! ھەقىقەتەن داڭلاشقا ماختاشقا ئەرزىيدۇ،ئۇنىڭ بۇخىل خالىس روھى ھەقىقەتەن ئادەمنى تەسىرلەندۇرىدۇ.بولسا ئۈستىگە بىر پارچە رەسمىنى قېتىۋەتكەن بولساق شۇنداق ياخشى چىقاتتىكەن .شۇنداق پاساھەتلىكتىللار بىلەن يېزىپسىز !يارايسىز .يېزىشقا توغرا كەلسە مانا مۇشۇنداق ئالىيجاناپ كىشلەرنى يازسا بۇلىدۇ.

باھا سۆز

توغرا دەيسىز.  ۋاقتى: 2015-1-8 11:49
گەپ كەتمەيدۇ!  ۋاقتى: 2015-1-6 21:00
ۋاقتى: 2015-1-5 13:36:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مەنىلىك ئۆتكەن ھايات بوپتۇ. كىينكى ھاياتىنىڭمۇ تېخىمۇ رەڭدار بولىشىغا تىلەكداشمەن.
ئۆزىنىلا ئويلايدىغانلار ئەمەس، مىللەت، مائارىپ ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشىۋاتقان تىپلارنى چۇقۇم مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
ۋاقتى: 2015-1-5 13:51:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلاردا ئۈمىد زور جۇمۇ. بىز كۆزىمىزنى يۇغان ئېچىپ قارايدىغانلا بولساق ئەتىراپىمىزدا يۇقارقىغا ئوخشاش ياخشى تېپلارنى ئاسانلا كۆرەلەيمىز. لېكىن بىزنىڭ ئارىمىزدا بىر قۇلاقلىق ئىنسانلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن روزى مەتسىدىققا ئوخشاش ئىككى قۇلاقلىق ياخشى شەخىسلەر پەرىقلاندۈرەلمەيۋاتىمىز. ئەتىراپىمىزدىكى ياخشى تىپلارنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلساق، سەرخىللارنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە كۆپ پايدىسى بار.
دىمىسىمۇ بايقاش مائارىپ تورى بىز مائارىپچىلارغا كۆپ نەپلەرنى يەتكۈزدى. تېخىمۇ پارلاق ياشاڭ.

باھا سۆز

ياخشى تىما  ۋاقتى: 2016-3-9 19:19
ۋاقتى: 2015-1-5 14:30:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇزى مەتسىدىقنىڭ بۇ سوزلىرى ماڭا چۇڭقۇر تەسىر قىلدى ‹‹بايقاشنىڭ مەقسىتى ئىقتىسادى قىممەت يارىتىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئارىراق بولسىمۇ تۆھپە قۇشۇش، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغاقۇلايلىق يارىتىش، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئەگەر تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئىشىمىزدىن نەپكە ئېرىشەلىسە، بىز بايقاشلىقلارمۇ قىلغان ئەجرىمىزدىن رازى بولىمىز!» ئاپىرىن سىزگە نەتىنجىڭىزگە كوزتەگمىسۇن. رەخمەت سىزگە جاپا تارىتىڭىز.

ۋاقتى: 2015-1-5 16:53:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىلىك ئۆتكەن ھايات ھامان بىر كۈنى جۇلالىنىدۇ،يەنىمۇ تىرىشىڭ، نۇرغۇن قېرىنداشلېرىمىز سىزنىڭ يۇلىڭىزغا قارايدۇ!
ۋاقتى: 2015-1-5 20:48:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكنۇر ياخشىمۇ سىز ؟ ئۇقۇپ كىتىپ كىمنى يازدىكىن دىسەم بىرنىڭ ئاتامان رۇزى مەتسىدىقنى يېزىپسىز . رۇزى مەتسىدىقىنى ھەقىيقەتەنمۇ تەرىپلەشكە تۇلۇق ئەرزىيدۇ . مائارىپ سېپىدىكى مۇشۇنداق ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىپ ئۇنىڭ روھىغا مەدەت بىرشىمىز كىرەك . مەن بىلەن رۇزى مەتسىدىقنىڭ بايقاش مائارىپ تورىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئۈچۈن   كىچىنى - كۈندۈزگە ئۇلاپ . ھېرىپ چارچاشتىن قوقماي . ئاچ - قۇساق قالغان شارائىتتا بايقاش مائارىپ تورىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزدىنىشتەك  خالىسانە روھى بايقاش مۇنبىرىدىكى بارلىق مائارىپچىلارنىڭ  ياخشى باھاسىغا ئىرشىپ كىلىۋاتىدۇ . مەن ئاتامانىمىز بولغان رۇزى مەتسىدىقنىڭ بايقاش مائارىپ تورىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئۈچۈن توختىماستىن ئىلگىرلىشى  ھازىرقى مائارىپ تور بەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرۋاتىدۇ . مەن رۇزى مەتسىدىقنىڭ بۇندىن كىيىنكى تور بەت جەھەتتىكى ئىزدىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ  كوپ ئەجىر سىڭدۈرشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . مۇشۇنداق ياخشى ئىلغار شەخىسلەرنى تەپسىلى ياخشى تەشۋىق قىلايلى كەسىپداشلار .

باھا سۆز

پىكىرىڭىزنى تولۇق قوللايمەن!  ۋاقتى: 2015-1-6 21:02
ۋاقتى: 2015-1-6 08:38:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز پاكنۇر خانىم ؟ ياخشى تېما يوللاپسىز ، مائارىپ سېپىمىزدە مانا مۇشۇنداق تۆھپىكار باغۋەنلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپرەك چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز .
بۇ تېمىڭىز ئارقىلىق " بايقاش مائارىپ تورى "نىڭ  ئاتامانىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشەندىم .تىرىشچانلىق ھامان ھەر ۋاقىت جۇلالىنىپ تۇرغۇسى....
ۋاقتى: 2015-1-6 21:25:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز پاكنۇر قىز! ھەقىقەتەن ئىسىل تىما يوللاپسىز! گەرچە مەن بۇ بايقاش تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولساممۇ ئەمما رۇزى سىدىق مۇئەللىم بىلەن ئەسرالىشىپ باقمىغان،بۈگۈن بۇ تىمىڭىزئارقىلىق كۈرۈشتۈرگىنىڭىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن! بولۇپمۇ مۇنۇ جۈملىلەر:‹‹ئىككى يىلغىچە ئۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە خاتىرجەم دەم ئېلىپ باقمىغان، ھەتتا قىش كۈنلىرى پار يوق، مەشتە ئوتمۇ يوق ئىشخانىدا نەچچە كېچىلەپ ئولتۇرۇپ پۇتىنى ئۈششىتىۋېلىشقا تاسلا قالغان. ئۇ «قانداق قىلسام تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچى توردىن پايدىلىنالايدىغان قىلىمەن؟» دىگەن مەسىلە ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىپ..››   مانا بۇ سۆزلەر بىزنىڭ ئاتامانىمىز رۇزى سىدىق مۇئەللىمنىڭ  بارلىغىنى مىللى مۇئارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى،جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش،توختىماي ئىزدىنىش، ھەرۋاقىت ئۈن-تىۋىشسىز خالىسانە ياردەم بىرىشنى ئويلايدىغان بۇ ئىسىل روھى ھەقىقەتەن ھەممىمىزنىڭ ئۈگىنىشىگە ئەرزىيدۇ!!! بىزمۇ بايقاشنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن  ھەرۋاقىت تەييارمىز!!!!!
  ئاخىرىدا رۇزى سىدىق مۇئەللىمىنىڭ تىنىنىڭ سالامەت،ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم، خىزمىتىنىڭ ئوتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن !
شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ تىما ئارقىلىق بىزنى رۇزى سىدىق مۇئەللىمنىڭ ھاياتى بىلەن تۇنۇشتۇرغان پاكنۇر قىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمىتىمىنى بىلدۈرىمەن.
ۋاقتى: 2015-1-6 21:27:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز ، بايقاشنىڭ قۇرغۇچىسى ھەققىدە خېلى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش