كۆرۈش: 265|ئىنكاس: 2

كەپسىز سېغىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  كەپسىز سېغىنىش


ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم


قانات قېقىپ خىيال قۇشلىرىم ،
ئۇچۇپ  كەتتى يەنە سەن تامان .
سەندە بولغاچ ئۇنىڭ تىزگىنى ،
ھالىم بولدى شۇڭا بەك يامان .


چاقىرماقچى بولۇپ بىرىنى ،
يەنە ئىسمىڭ چاقىردىم بۈگۈن .
ئېزىپ گاھى قىلغان سۆزۈمدىن،
ھەر كۆڭۈلگە سالدىم بىر تۈگۈن .


سۆيۈشمىدى نەملەنگەن كىرپىك ،
يۇلتۇز بولدى تۈنلەردە سىرداش .
ئاھلىرىمدىن تولغاشتى ياستۇق ،
كۆز يېشىمغا سۈكۈتتە مۇڭداش .


سەۋدا بىلەن قاپتۇ رەڭلىنىپ ،
ئاھ، قەلبىمنىڭ پىنھان دالاسى .
سېغىنمايمەن دېگىنىم يالغان ،
قاناپ كەتتى يۈرەك ياراسى .


سەن قەلبىمگە تىكىلگەن كەشتە ،
سېغىنىشتا ئۆتەر ھەر كۈنۈم .
سەن پەرۋاسىز ياشىغان بىلەن ،
مۇشتەك گۆشتە كۈندە بىر ئۆلۈم .

ئىجادىيەت

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
زەپەر + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-5 14:10:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈشمىدى نەملەنگەن كىرپىك ،
يۇلتۇز بولدى تۈنلەردە سىرداش .
ئاھلىرىمدىن تولغاشتى ياستۇق ،
كۆز يېشىمغا سۈكۈتتە مۇڭداش .


سەۋدا بىلەن قاپتۇ رەڭلىنىپ ،
ئاھ، قەلبىمنىڭ پىنھان دالاسى .
سېغىنمايمەن دېگىنىم يالغان ،
قاناپ كەتتى يۈرەك ياراسى .  نىمھ دىگەن گۈزەل لىرىكا بۇ ماڭا بەك تەسىر قىلدى.يارايسىز دوستۇم !قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي!
ۋاقتى: 2015-1-5 14:15:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز رەخمە سىزگە تېخىمۇ تىرشىڭ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش