| ئۇستاز ، ئوقۇتۇش ماھارىتىڭىز كۆپ خىل بولسۇن !
ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ قەدەممۇ -قەدەم چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ساپاسىغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ بارغانچە يۇقۇرلاپ بارماقتا . ‹‹ ئۇمىچى يوق مازاردىن شەيخ قېچىپتۇ ›› دىگەندەك ، بىلىمى كونىرغان ئوقۇتقۇچىدىن ئوقۇغۇچىلار قاچىدۇ ئەلۋەتتە . ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئېمىن : ‹‹ ھازىرقى دەۋىردە ئوقۇتقۇچى ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ بىلىم فۇندىنى بېيىتىپ ۋە يېڭىلاپ تۇرماي ئۆز مەجبۇرىيتنى ئادا قىلىشى مومكىن ئەمەس ›› دىگەن ئىدى . يۇقارقى ھېكىمەتتىن ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن بىلىم يېڭىلاشنىڭ ، ئۆزلىكسىز ئۈگىنىشنىڭ قانچىلىك زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس . ئەمما ، ئوقۇتقۇچىدا مول ئۇنۋېرسال بىلىم بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزگىچە ئوقۇتۇش ماھارىتىنڭ بولىشىمۇ ئىنتايىن زۆرۈر بولماقتا . ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزگىچە ئوقۇتۇش ماھارىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ دەرىسكە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرىدۇ ، دەرسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇرىدۇ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى دەرىسخانىدىن ، كىتابتىن سىرىتقا باشلاپ چىقىدۇ .ئوقۇتقۇچى ئۆزى بېرىۋاتقان دەرىسنىڭ خاراكتېرى ، دەرس ئۆلچىمىنى پىششىق بىلگەن ئاساستا ئوقۇتۇش ماھارىتىنى يېڭىلاپ تۇرالىسىلا ئۆزىنىڭ دەرسخانىدىكى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ تۇرالايدۇ . مەكتىۋىمىزدە بىر ئوقۇتقۇچى ‹‹ سىزمۇ مۇخبىر بولالايسىز ›› ناملىق بىر سائەتلىك ئوچۇق دەرسنى مۇنداق ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئوقۇتۇش ماھارىتى ھەممىمىزنى تولىمۇ قايىل قىلدى . بۇ بىر سائەتلىك ئوچۇق دەرسنى ئاڭلاشقا ھەر قايسى ئوقۇتۇش گورۇپپا باشلىقلىرى ، ئىلمىي مودىر ، ئوقۇتۇشقا مەسئول مودىرمۇ كىردى .( خىزمەتدىشىم مودىر ۋە ئىلمىي مودىرنى كىرمەيدۇ دەپ ئويلاپتىكەن ) دەرس ناھايتى تەبئىي ئۆتۈلدى . ئوقۇتقۇچى ئالدىن تۈزۈلگەن دەرس دېتالىدىن مۇخبىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلاملاردىكى ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ، ھەرخىل موھىتلاردىكى ئەمەلىي خىزمەت كۆرۈنىشلىرىنى بىرمۇ -بىر كۆرسۈتۈپ ، ئولارنىڭ ئوخشىمىغان موھىتلاردا ئۇچىرايدىغان ئوخشىمىغان قېيىنچىلىقلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا ھېس قىلغۇزغان ئاساستا سۆزلەتكۈزدى ،ھەم مۇخبىرلىق خىزمىتىنىڭ جەمىيەتتىكى ئەھمىيىتى ، رولى ،جاپاسى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىگە چوڭقۇر ھېس قىلغۇزدى . ئاخىردا ئوقۇغۇچىلارنى دەرس ئاڭلاشقا كىرگەنلەرنى مۇخبىر ئورنىدا تۇرۇپ زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىدى .ئوقۇغۇچىلار دەسلەپتە ئاددى -ئاددى سۇئالللارنى سورىدى ،بارا-بارا مەكتەپتىكى قىززىق نوقتىلارنى ، ئوقۇغۇچىلار ئۆز مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى سوراپ ،دەرسخانا كەيپىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە جانلاندۇردى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئورۇنلۇق سۇئاللىرىغا مەكتەپ مودىرىمۇ ئويلىنىپ جاۋاپ بېرىشقا باشلىدى . ئوقۇغۇچىلار مۇنداق سۇئاللارنى سورىغان ئىدى . - مەكتەپ مودىرى ، بىزنىڭ تاپشۇرۇقىلىرىمىز بەكلا كۆپ ، بېسىمىمىز ئېغىر ، ئۇيقۇغىمۇ قانمايمىز، تاپشۇرۇقنى ئازلىتىشقا بولامدۇ ؟ -مەكتەپتە ئايدا بىر قېتىم قول-ھۈنەر كۆرگەزمىسى ، رەسىم-ھۆسنخەت كۆرگەزمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولامدۇ ؟ - بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوچۇق دەرس ۋاقتىدا دەرسنى ناھايتى ياخشى سۆزلەيدۇ ،باشقا ۋاقىتتا ئادەمنى بېزار قىلىدۇ ، مەكتەپ مۇدىرى ، سىزنىڭ ھەممە دەرسنى ئوچۇق دەرستەك ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە قۇربىڭىز يېتەمدۇ ؟ ... دىگەندەك سۇئاللار ئىدى . شۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ ، ئۆزلىرىنى تېلىۋېزىيە ئىستانىسىنىڭ مۇخبىرلىرىدەك ئورۇنغا قويۇپ زىيارەت قىلدى .دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ ۋاقىت توشۇپ كەتكىنىمۇ ھېچكىمنىڭ پەرۋايىغا كەلمىدى .ئوقۇتقۇچى دەرستىن چۈشۇڭلار دىمىگەن بولسا ، بەلكىم كىيىنكى سائەتمۇ داۋامىلىشىدىغاندەك ئىدى . ئوقۇغۇچىلارغا نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش پۇرسىتى يارتىلغاچقا ئاجايىپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل بولدى ، ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇ چاغدىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ، شۇ تېكىستنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن دەرھاللا بۇ ماھارەتنى قوللىنىشى شۇ سائەتلىك دەرسكە جان كىرگۈزۈپ ،ھەممەيلەن رازى بولغان بىر سائەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈلگەن دەرس بولدى . مەكتىۋىمىزدىكى يەنە بىر بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى ‹‹ قان يەتكۈزگۈچى پومپا –يۈرەك ›› ناملىق دەرىسنى ئۆتتى . بۇ دەرسنى مەن بىلەن يەنە بىر ئوقۇتقۇچى بىرگە كىرىپ ئاڭلىدۇق . ئوقۇتقۇچى دەرس باشلىنىش بىلەنلا ئۈچ گورۇپقا ئۈچ دانە قوينىڭ يۈىكىنى تارقىتىپ ، يۈرەكنىڭ تۈزۈلىشىگە دائىر مەزمۇننى بەش مىنۇت ئەتىراپىدىلا سۆزلىدى ، ئاندىن يۈرەكنىڭ پۈتكۈل ئىچكى تۈزۈلىشىنى دوسكىغا سىزىپ بولغاندىن كىيىنلا گورۇپپىلار بويىچە ھەمكارلىشىپ ، يۈرەكنى قولى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ كۈزۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى . ئوقۇغۇچىلار دوسكىدىكى تۈزۈلۈشكە ئاساسەن قولىدىكى يۈرەككە بەلگە سېلىپ ، ئىچكى تۈزۈلۈشلەرنىڭ نامىنى ئاتاشقا باشلىدى .يۈرەك قولدىن قولغا ئۆتۈپ ،ئوقۇغۇچىلار خۇددى تىببىي ئىلىم ساھەسىدە تەربىيلىنىۋاتقان بولغۇسى دوختۇرلاردەك قوللىرىغا كىچىك پىچاق ئېلىپ يۈرەكتىكى سىرلارنى قېزىشقا باشلىدى . يۇقارقى ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ قوللانغان ماھارىتى ئۆتۈۋاتقان دەرسنىڭ خاراكتېرىگە تولىمۇ ماس كەلگەن بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنى تار نەزىرىيەدىن ھالقىتىپ ئەمەلىيەت ئىچىگە ، تار تەپەككۈر كۆلچەكلىرىدىن ھالقىتىپ مۇلاھىزە دېڭىزلىرىغا باشلاپ كىرگەن .ئوقۇغۇچىلاردا كۈچلۈك قىزىقىش قوزغاپ شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۈنۇمىنى ئاشۇرغان . دىمەك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ماھارىتىنىڭ كۆپ خىللىقى دەرسخانىغا جان كىرگۈزۈپلا قالماي ، ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇنبەردىكى ھاياتىي كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ .
مەنبە ----- ئۆز قەلىمىم
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|