| قىزىمنىڭ <<قۇياشى >>
ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم
چېھرىدىن نۇر تېمىپ ، تۇنجى كىتاۋىنى باغرىغا تېڭىپ ، تاقلاپ –تاقلاپ كىردى قىزىم . چۈچۈك تىلىدا دىدى :<< ئانا، ئېلىپبەنى تۈگەتتىم >>
ۋۇجۇدۇم كەلدى لەرزىگە ، ئارمانلىرىم چېچەك ئاچقاندەك ، قېنىم داۋالغۇدى ، يۈرىكىمدە بىر دېڭىز دولقۇنلىنىپ تاشقاندەك.
چۈنكى قىزىم قەلبىگە سىزدى مەۋجۇتلۇق قۇياشىنى ، روھى شۇتاپ بۇغراخاننىڭ روھىدەك پاكىز ، قەلبى قاردىنمۇ كىرسىز . قۇياش قىزىرىپ چىقىدۇ قىزىمغا ئۆتمۈشنى كۆرسەتكىلى ، كەلگۈسىنى سۆزلەتكىلى . ئىشىنىمەن ! قىزىممۇ چاپىدۇ كارۋانلارنى قوغلاپ يەتكىلى .
ئىزدەيدۇ تۆگىلەرنىڭ ئىزىنى ئورخۇن ۋادىسىدىن ، چۈشنىدۇ بىر ھېكىمەتنى مەڭگۈ تاشلاردىن ، بىلمىگەنلىرىنى سورايدۇ مەھمۇد بوۋىسىنىڭ قامۇسىدىن ، ئەقىل قۇشى قانات قاقىدۇ يۈسۈپ بوۋىسىنىڭ ئۈگۈتىدىن .
روھ يىلتىزى چىلىشىدۇ ئانا تارىمغا ، ئاندىن چىڭ چىرمىشىدۇ تەكلىماكانغا پەقەت يىقىلىپ باقمىغان خىسلەتلىك توغراقتەك . چۈنكى قىزىم ئېلىپبەدىن ئۈگەندى ، ئەل قوينىغا سىڭىشنى ، ئەلدىن ئېلىپ ئەلگە بېرىشنى ، ئۆزلۈكنىڭ قورغانلىرىغا بۆسۈپ كىرشنى .
|
|