| غېرىپسىنار ئانام قالغان ئۆي
ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم
بۇرۇن بار ئىدى بەكمۇ كونا ئۆيىمىز ، شۇ ئۆيدە ياڭرىغان ئۇنتۇلماس بالىلىق كۈيىمىز. شۇ ئۆيگە بەش بالا قىستىلىپ ئاران پاتاتتۇق ، خۇددى ئانار دانىسىدەك قىستىلىپ ياتاتتۇق . زىمىستان قىشنىڭ پەيلى بۇزۇلغان كۈنلەردە ، سوغۇق قۇتىرغان تۈنلەردە ، قار لەپىلدەپ چۈشەتتى ، بىز بىر-بىرىمىزنى مەھكەم باغاشلاپ كۈلەتتۇق ، ئانامغا ئەركىلەپ قۇچىقىغا چىقىپ سۆيەتتۇق . قۇشلار ، دەرەخلەر سوغۇقتىن تىتىرەيتى ، سوغۇق غېرىپلىقنى باشلاپ دېرىزىدىن ئۇدۇل كىرەتتى ، ئەمما بىز ئانامنىڭ تەپتىدىن ئىسسىق تەرگە چۈمەتتۇق ، شۇڭلاشقىمىكىن كىچىككىنە ئۆيىمىزنى جەننەت دەپ بىلەتتۇق . ئۆينى بىر ئالاتتى بەشىمىزنىڭ پۇشۇلدىغان تىنىقى ، ئۇيقۇ دېڭىزىدا لەرزان ئۈزەتتۇق . گاھىدا ئۇيغۇنۇپ كەتسەك ، ئانامنىڭ مۈكچۈيۈپ ئولتۇرۇپ بىزگە كىيىم تىكىۋاتقىنىنى كۆرەتتۇق . بىزنى قىستىلىپ قالمىسۇن دەپ ، ياتماي بىزگە قاراپ ئولتۇرۇپ ،تاڭ ئاتقۇزغىنىنى سېزەتتۇق .
ئاھ ... ئانام تۇتقان ئۆي ، بەكمۇ كونا ئۆي ، بىراق ،تۆكۈلەتتى ھەممە يېرىدىن ئەڭ گۈزەل بىر كۈي .
ياشلىق مېۋە بەرگەندە، تەرەپ-تەرەپكە كەتتۇق تارقىلىپ . ئانار يېرىلىپ دانىسى چېچىلغاندەك ، ياكى قۇش بالىسى ئۇچۇپ قاتارغا قېتىلغاندەك . يوق ئەمدى كونا ئۆي ، ئىزىدا بار رەت-رەت ئېسىل ئىمارەت ، خۇددى ئايۋان -سارايدەك ، شۇنچە چوڭ ئۆيدە يالغۇز قالدى ئانام تىكەندەك . كۆزى يولدا ، يولدا ئولتۇرۇپ كۈننى كەچ قىلار . بىزنى ساقلاپ ، نەۋرىسىگە ئالما ئاقلاپ ، ئۆزى تىكىپ بەرگەن كىيمدىن تونۇش ھېدىمىزنى ھېدلاپ ... ئانامنىڭ ‹‹بالام ›› دەپلا تەلمۈرشىنى بىلەتتۇق ، توۋا ! نىمىشقىدۇ ، ‹‹ ئالدىراش ›› دىگەن سۆزنىلا قالقان قىلاتتۇق .
ئاھ ... يالغۇز ئاناملا قالغان ئۆي، يېڭى ، بەكمۇ ئېسل ئۆي . بىراق ،تۆكۈلۈپ تۇرار ھەممە يېرىدىن ئەڭ غېرىپ بىر كۈي !
مەنبە --- ئۆز قەلىمىم
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|