| بولمىساڭ
تۈندە ئاي جىن چىراقتۇر يارىم سىرداش بولمىساڭ ، بۇ جاھان تىرناقچىدۇر باغرىم دىلداش بولمىساڭ .
ھاياتلىق ھارۋۇسىغا چىقتۇق بىرگە يانمۇ -يان ، ئاتقا قامچا سالالمايمەن بۇندا يولداش بولمىساڭ .
يول ئۇزۇن داۋانى كۆپ ، خەتىرى ئاندىن يامان ئۇندا يالغۇز يۈرەلمەيمەن چۆلدە قاياش بولمىساڭ .
مۈشكۈلات سەرۋازلىرى يىقىتىپ قويسا ئەگەر ، سىلكىنىپ تۇرالمايمەن كۈندە قولداش بولمىساڭ .
مەن ئۈچۈن ئېيتقان غەزەل ئۈزۈلسە بېچاغ ئەگەر ، غەزەلسىز ياشالمايمەن تۈندە مۇڭداش بولمىساڭ .
گۈلشىنىم بولۇر خازان ، ھۇشقۇتۇپ چىقار بوران ، نۇر سېپىپ سۆيگۈڭ بىلەن ماڭا قوياش بولمىساڭ .
مەنبە ----- ئۆز قەلەم (ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم ) |
|