كۆرۈش: 2089|ئىنكاس: 30

ياندا ئېرىڭ بولمىسا

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ياندا ئېرىڭ بولمىسا   

ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم


چەشلىرىڭ بوراندا خار ياندا ئېرىڭ بولمىسا ،
رەيھانىڭ قاردا قالار ياندا ئېرىڭ بولمىسا .
ئوچاقتا كۆيمەس ئوتۇن ، كۆيسىمۇ يالقۇنى يوق ،
تۈتۈنى تەتۈر ئۇچار ياندا ئېرىڭ بولمىسا .


مۇڭ تۆكۈپ ئىللىق ھوجرا ، قان يۇتار ياستۇقمۇ  ھەم ،
سۇلىدۇ تەكچىدە گۈل ، بەرگىدىن سىرغىيدۇ غەم .
ئاھ ئۇرۇپ ، پىغان يۇتۇپ ھاياتتىن يوقايدۇ تەم ،
چېھرىڭدىن كۈلكە يۈتەر ياندا ئېرىڭ بولمىسا .


مۇساپەڭ ئەگرى -توقاي يانار كۆپ قىزىل چىراق ،
مۇھتاجىلىق يالمايدۇ مىڭ ، پاراغەت شۇنچە يىراق .
تۇل بولغاچ يالغۇز  بېشىىڭ تۆھمەتكە يېقىن بىراق ،
خانەڭدىن راھەت يۈتەر ياندا ئېرىڭ بولمىسا .


بىر جۈپلەر ئاراسىدا تاقلايدۇ باغرى ، جېنى ،
يېتلىسەڭ يالغۇز بالاڭنى ، سورايدۇ دادام قېنى ؟
ئاھ ، ھېجىران قوقاسلىرى ئۈتلەيدۇ ھەرۋاق سېنى .
تەختىڭدىن بەخت يۈتەر ياندا ئېرىڭ بولمىسا .


ئۇ تۇتقان ئاپئاق قولۇڭدا يارىسەن كۈندە ئوتۇن ،
تۈز يولدا ماڭساڭمۇ گەر بولىسەن ‹‹ يامان خوتۇن ››.
بۇ قانداق تەتۈر پەلەك سېنىلا سوقار جۇدۇن ،
بېغىڭدىن باھار يۈتەر ياندا ئېرىڭ بولمىسا ،


توزۇيدۇ زىبالىغىڭ ،پۈكلىگەچ تۇرمۇش غېمى ،
بىر ئۆمۈر تولمايدىكەن ھەمراھسىز ئۆينىڭ كېمى .
تەنھالىق قىينايدىكەن ئىگىزلەپ ھەسىرەت تېمى ،
تۈنىڭدىن ئايمۇ يۈتەر ياندا ئېرىڭ بولمىسا .


ئەر دىگەن قانات ئىكەن  پەرۋازىڭ  قىلغان راۋان ،
ئەر دىگەن سولتان ئىكەن  تەختىڭنى قىلغان ئامان .
ئەر دىگەن قالقان ئىكەن جاناننى قوغدار ھامان ،
جاھاندىن بارىڭ يۈتەر ياندا ئېرىڭ بولمىسا .

مەنبە -----  ئۆز قەلىمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4قىزغىنلىق +17تىللا +17تۆھپە +17شۆھرەت +18يىغىشسەۋەبى
زەپەر + 4 + 4 + 4 + 4بارىكاللا تېرىشىڭ!
火山 + 10 + 10 + 10 + 10ياخشى تېما.
muhtar6768 + 1بارىكاللا تېرىشىڭ!
مىرابلا + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-8-5 22:56:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىنلىق ئەكىس ئەتكەن ،ياخشى يېزىلغان ، تەربىيۋى تىمىلىق ياخشى ئىجادىيتىڭىزگە ئاپرىن
ۋاقتى: 2015-8-5 23:44:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن سىز ھەقىقەتەن ياخشى بىر ئانا ئىكەنسىز...........
ۋاقتى: 2015-8-6 03:21:18يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىئاللىق تەسۋىرلەنگەن ياخشى شېئىر چىقىپتۇ،ئەر-ئايال تىرىشچان بولسىلا توغرا نىيەت قىلسىلا چانمايدۇ
ۋاقتى: 2015-8-6 17:30:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمدىگەن ياخشى يىزىلغان شېئىر بۇ،  ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇق، تەربىيۋى ئەھمىيتى زور ئەسەر بوپتۇ.
ناھايتى زوقلاندىم شېئىرىڭىزدىن.
ۋاقتى: 2015-8-7 02:13:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن…… ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپ چىقىپسىز، ئاپرىن!
ۋاقتى: 2015-8-7 11:09:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز .ئىلھامىڭىز داۋاملىق ئۇرغۇپ تۇرسۇن .ئاپىرىن ئېيتىمەن.
ۋاقتى: 2015-8-7 12:27:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلارنىڭ «خوتۇن كىشى ئەردە ياخشى،بولمىسا يەردە(ئۆلگىنى) ياخشى دېگەن ھېكمىتىنى ئەمەلى مىساللار ۋە مارجان-مارجانلاردىن تۈزۈلگەن گۈزەل مىسرالىرىڭىز ئارقىلىق جانلىق ئىسپاتلاپ بېرىپسىز.قەلىمىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن.
ۋاقتى: 2015-8-7 13:56:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيتىڭىزگە تەشەككۇر،ناھەيتى ياخشى يېزىپسىز.
ۋاقتى: 2015-8-7 20:20:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ! يولدىشى يېنىدا بولمىسا شۇ ئايالنىڭ كەينىدن گەپ تۇلا.....
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش