كۆرۈش: 489|ئىنكاس: 1

ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم
(پىشقەدەم ئ‍ۇستازىمغا بېغىشلايمەن)
رەھمەتجان مۆمىن( ساتېرىك)

ئ‍ۇ يىراق سەھرادا يۈرگەن مۇئەللىم،
ئ‍ۇ ئ‍ەجدات روھىنى كۆرگەن مۇئەللىم،
ئ‍ۇ ئ‍ەلنىڭ ئ‍ىشقىدا كۆيگەن مۇئەللىم، .
مېھنەتتىن جاۋاھېر تەرگەن مۇئەللىم،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇ سەپتە پىداكار، مەشئەل تۇتقۇچى،
ئ‍ۇ جەڭدە يېڭىلمەس، مەڭگۈ ئ‍ۇتقۇچى،
ئ‍ۇ ھېكمەت نۇرىدا  دىل يورۇتقۇچى،
مۇھەببەت،مېھىردە ھەق تۇنۇتقۇچى،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇ كەسپىي ئ‍ەخلاققا قىلاتتى ئ‍ىخلاس،
بىر روھ بار ئ‍اتىدىن قالغان بىر مىراس،
بىر خىسلەت يېتىلژەن ئ‍ۆزىگىلا خاس، ،
ئ‍ۇ شەرەپ ئ‍ېگىسى،ئۆز نامىغا ماس،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇ تېخى ئ‍ەللىككە كىرمەستىن تولۇق،
چاچقا  ئ‍اق،يۈزىگە تارتىلدى قورۇق،
ئ‍ۇئ‍ەجدات روھىدىن ئ‍الغان قان- ئ‍وزۇق،
چاچىتى ئ‍ۇ  ئ‍ەۋلاتنىڭ روھىغا ئ‍ۇرۇق،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

بىر ئۆمۈر كەسپكە قىلىدى ئ‍ۇ ھەۋەس،
تەربىيە سېپىدە تۇردى ئ‍ۇ تىك،دەس،
ئېرادە كۈچ-قۇۋۋەت دىلىدا پەۋەس،
ئ‍ۈزۈلمەس،ئەۋلات دەپ ھەر تىنىق-نەپەس،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئەتىدىن كەچكىچە بالا ئوقۇتۇپ،
ئۆتكەنتى ھېساپ ۋە ھەرپ تونۇتۇپ،
ئۆگەتسە بىر باشتىن كەتكەن ئۇنۇتۇپ،
يازدۇرۇپ چىقاتتى قولىدىن تۇتۇپ،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئۆتتىغۇ  كۈنلىرى دەقىقە ساناپ،
بارىدۇ  مەكتەپكە تېنەپ –ئالدىراپ،
قايتقاندا كەچقۇرۇن ئۆيگە ھالسىراپ،
بۆشۈكتە بالىسى ياتاتتى يىغلاپ،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

كۈندۈز ھەم كەچتىمۇ ئ‍اڭا  «خىتاپ »بار،
ئۆيدىمۇ ،يولدىمۇ قولدا كىتاپ بار،
كاللىدا مىڭ تۈرلۈك سوئال –جاۋاپ بار،
ئۇتۇق ئاز،خىزمەتتە نۇرغۇن «خىلاپ»بار،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

شۇندىمۇ ئ‍ۇنىڭدا چەكسىز بىر ئىشەنچ،
ئ‍ەۋلاتنىڭ كەلگۈسى غېمىنى يېگەچ،
بولسىمۇ دىل يېرىم كۈندە نەچچە غەش،
ئ‍ۇ يىغقان ئ‍ەجرىدىن خامىنىغا چەش،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ىزدەيتتى كەتسىمۇ  پادا باققىلى،
ئ‍ىزدەيتتى كەتسىمۇ يانتاق چاپقىلى،
ئ‍ىزدەيتتى كەتسىمۇ دۇكان ئاچقىلى،
ئ‍ىزدەيتتى كەتسىمۇ بالا باققىلى،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇ دەيدۇ:" بالىلار ماڭا  ئامانەت"،
ئ‍ۇ مەسئۇل،ئۇ تەييار تۇرار  داۋامەت،
ئىشتسىمۇ ھار ئ‍الماس تېخى ئاھانەت،
ئ‍ۇ شۇنداق ياشىدى،شۇيۇسۇن ئەبەت،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇنىڭسىز كىملەرنىڭ دىلى يورۇغان؟
بارمۇ ھەم ئوقۇماي دۇنيا تونۇغان؟
ئۇ كىمدۇر،ئۆزىنى كاتتا چاغلىغان؟
ئۆزىنى بىلەر ئۇ،بولسا ئوقۇغان،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇ نىيەت ئ‍ىقبالدىن يېنىپ باقمىدى،
ئ‍ۇ راھەت بېغىدا يېتىپ باقمىدى،
ئ‍ۇ مۈشكۈل خەتەردىن قېچىپ باقمىدى،
ئ‍ۇ شەربەت سۈيىدىن ئ‍ىچىپ باقمىدى،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇ تاپتى چارچاشتىن ساقايماس كېسەل،
ئەپ كەتتى بىۋاقىت ئ‍ۇنى شۇم ئ‍ەجەل،
ئ‍ەۋلات دەپ تۆلىدى ھاياتى بەدەل،
ئ‍ىزتىراپ خىيالغا چۈمدۈم بىر مەھەل،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇ مۇنبەر ئ‍ۈستىدە جان ئ‍ۈزۈپ كەتتى،
شۇ ئ‍وماق بالىلار ئ‍اھ ئ‍ۇرۇپ كەتتى،
ئ‍ۇ روھتىن ئ‍ابىدە قاتۇرۇپ كەتتى،
مۇقەددەس بىر سۆيگۈ قالدۇرۇپ كەتتى،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

مەنبە: ئ‍ۆز يازمام



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
كەۋسەر + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-3-12 16:45:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىز راستىنلا ياخشى چىقىپتۇ . پات-پات يوللاپ تۇرۇڭ ~
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش