كۆرۈش: 539|ئىنكاس: 5

2-يىللىق2-ماۋسۇملۇق يىڭى تىل ئەدەبىيات تەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-11 23:23  

阿گۈلباغ  يېزا مەركىزى  باشلانغۇچ مەكتەپ2 – يىللىقلارنىڭ 2 - ماۋسۇملۇق تىل-ئەدەبىيات  دەرسنىڭ 1- سائەتلىك تەييارلىقى
        دەرس تەييارلىغۇچى        تۇرسۇننىسا توختى          تەييارلىغان ۋاقتى        يىلى   ئاينىڭ   -كۈنى
ئۈتىدىغان ۋاقتى        يىلى   ئاينىڭ   -كۈنى         ئوقۇتۇش تۇرى          
دەرس تېمىسى         4.پىلە قىز
ئوقۇتۇش نىشانى
  بىلىىم ۋە قابىلىيەت: ئەسەرنى توغرا راۋان ئوقۇشنى بىلىش .
ئەسەردىكى مۇرەككەپ سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلالايدىغان بولۇش .
تېكسىتتىكى مۇرەككەپ سۆزلەرنى يازالايدىغان بولۇش .
ھىسيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارشى : تەبىئەتنى ئاسراش، ھاشاراتنى قوغداش قارىشىنى تۇرغۇزۇش .  كىتاپ ئوقۇش ۋە خەت يېزىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىش .
مۇھىم نوقتا : تېكسىتنى توغرا ،راۋان ئوقۇيالايدىغان بولۇش .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى : كىتاپنى قايتا قايتا تەكرار ئوقۇشقا يېتەكلەش .
قىيىن نوقتا : مۇرەككەپ سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلالايدىغان ۋە يازالايدىغان بولۇش . كىتاپ ئوقۇش ۋە خەت يېزىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىش .
  ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن كىتاپنى ئوقۇشقا تەشكىللەپ ھېس قىلدۇرۇلغاندىن كىيىن چۈشەندۈرۈلىدۇ .ئىلھاملاندۇرۇش ، ماختاش .
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى :ئىلھاملاندۇرۇش ، قوزغىتىش ،
ئوقۇتۇش قۇرال         دەرسلىك كىتاپ،كومپىيۇتىر، دەرس دىتالى
ئوقۇتۇش جەريانى
تەييارلىق سىنىقى ۋە دەرىسكە باشلاپ كىرىش :1. ساۋاقداشلار قايسىڭلار پىلىنى بىلىسىلەر ؟،    پىلىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىك بار ؟
يېڭى دەرس مەزمۇنى جەريانى
ئوقوغۇچىلار بايقىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ ،مەن ئىلھاملاندۇرۇپ تولۇقلاپ بىرىمەن .
كىيىنكى قەدەمدە ئوقوغۇچىلارنى تېكسىتنى ئوقۇشقا يېتەكلەيمەن .
ساۋاقداشلار بىز بۇ سائەتلىك دەرىستە >>  پىلە قىز  << دېگەن تېكسىتنى ئوقۇپ چىقايلى  .        ،   1. قېنى ساۋاقداشلار ، تىكىستنى ئۈنلۈك ئوقۇپ مەزمۇنىنى چۈشۈنۈپ ،پىلەنىڭ ياشاش ئادىتى ۋە ئۆزگىرىش ئۇسۇلىنى بىلىۋىلىڭلار.
  2. ئوقۇغۇچىلارنى تىكىستنى قايتا-قايتا ئوقۇپ مەزمۇنىنى چۈشۈنىۋىلىشقا يىتەكلىنىدۇ .
  3.دەرس ئاخىرىدا خۇلاسىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى سۆزلەپ بىقىشقا تەشكىللىنىدۇ.             پىلە قىز ئاخىرىدا نىمىگە ئۆزگىرىدۇ ؟دېگەندەك سۇئاللار ئارقىلىق تېكسىت توغىرسىدىكى چۈشەنچىسى مۇستەھكەملىنىدۇ .
كىيىنكى قەدەمدە تەبىئەت دۇنياسىنىڭ رەڭگا-رەڭ ، جانلىقلارنىڭ خىلمۇ - خىل ئىكەنلىكىنى ، تەبىئەت دۇنياسىنى مۇھىتنى ئاسراشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرۈپ تەبىئەتنى سۆيۈش ۋە ئاسراشنىڭ زۆرۈرلىكى ھېس قىلدۇرۇلىدۇ .


مۇستەھكەملەش مەشىقى :1 .بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ .
    باھار كەلدى،ھاۋا ئىللىدى، )            (تۇخۇمنى تېشىپ چىقتى.
بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى كىم سۆزلەپ باقىدۇ ؟
تاپشۇرۇق :يېڭىلتىماق ۋە تېپىشماق تېپىپ كېلىش .
دەرىستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش ؛

گۈلباغ  يېزا مەركىزى  باشلانغۇچ مەكتەپ2 – يىللىقلارنىڭ 2 - ماۋسۇملۇق تىل-ئەدەبىيات  دەرسنىڭ 2- سائەتلىك تەييارلىقى
        دەرس تەييارلىغۇچى        تۇرسۇننىسا توختى         تەييارلىغان ۋاقتى        يىلى   ئاينىڭ   -كۈنى
ئۈتىدىغان ۋاقتى        يىلى   ئاينىڭ   -كۈنى         ئوقۇتۇش تۇرى          
دەرس تېمىسى        ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى
مەنىداش سۆز
ئوقۇتۇش نىشانى
  بىلىىم ۋە قابىلىيەت: 1. مەنىداش سۆز دىگەن ئاتالغۇنى چۈشۈنىۋىلىش.
2.مەنىداش سۆزلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ۋە جايىدا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش .  
ھىسيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارشى :  ئوقۇغۇچىلاردا ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتىش ۋە سۆزلەرنى جايدا ئىشلىتىش كېرەكلىنى ھېس قىلدۇرۇش .
مۇھىم نوقتا :  مەنىداش سۆزلەر دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى  چۈشۈنىۋىلىش.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى :   قايتا -قايتا تەكرار چۈشەندۈرۈش  ۋە مەشىق ئىشلەشكە  يېتەكلەش .
قىيىن نوقتا :  مەنىداش سۆزلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ۋە توغرا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.  
  ھەل قىلىش ئۇسۇلى:  مەنىداش سۆزلەرنى ئگەللەش،  جۈملىدىكى ئورنىغا دىققەت قىلىش. چۈشەندۈرۈلىدۇ .ئىلھاملاندۇرۇش ، ماختاش .
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى :ئىلھاملاندۇرۇش ، قوزغىتىش ،
ئوقۇتۇش قۇرال         دەرسلىك كىتاپ،كومپىيۇتىر، دەرس دىتالى
ئوقۇتۇش جەريانى
تەييارلىق سىنىقى ۋە دەرىسكە باشلاپ كىرىش :  ساۋاقداشلار ،›› گۈزەل، كۆركەم ،چىرايلىق ‹‹ دىگەن سۆزلەرنىڭ قانداق سۆز ئىكەنلىگىنى سىلىشتۇرۇپ باقايلى.
يېڭى دەرس مەزمۇنى جەريانى
ئوقوغۇچىلار بايقىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ ،مەن ئىلھاملاندۇرۇپ تولۇقلاپ بىرىمەن .
كىيىنكى قەدەمدە ئوقوغۇچىلارنى مەنىداش سۆزلەرنى قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىمەن.
بۇنىڭدا ئالدى بىلەن مىسال ئارقىلىق قائىدىنى كەلتۈرۈپ چىقىشقا يېتەكلەيمەن . :
تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى ئوقۇپ ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشقا يېتەكلەيمەن . مەنداش سۆز دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى ئىگىلىشىگە ياردەم قىلىمەن .
  باھار كەلسە ھەممە جاي گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ .
باھار كەلسە ھەممە جاي كۆركەم تۈس ئالىدۇ  .
باھار كەلسە ھەممە جاي چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ .
مەنىداش سۆز دىگەن نىمە؟
مەنىلىرى ئوخشاش ياكى يېقىن سۆزلەر مەنىداش سۆزلەر دىيىلىدۇ.
  مەسىلەن : ئكمەك ، ئالەمدىن ئۆتمەك ، ۋاپات بولماق
مەنىداش ۆزلەرنىڭ مەنىلىرى ئوخشاش ياكى يېقىن بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنى پەرىقلەندۈرمەستىن قارا - قويۇق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . شۇڭا مەنىداش سۆزنى ئىشلەتكەندە كونكىرت تىل مۇھىتىغا قاراپ پەرىقلەندۈرۈپ قوللىنىش كېرەك .
مەسىىلەن : >> بۈگۈن مەكتەپ بويىچە چوڭ يىغىن ئېچىلىدىكەن << دېگەن جۈملىدىكى چوڭ دېگەن سۆز بىلەن يوغان دېگەن سۆزنى مەنىداش سۆز دەپ قاراپ >> بۈگۈن مەكتەپ بويىچە يوغان يىغىن ئېچىلىدىكەن << دېسەك بولمايدۇ .

مۇستەھكەملەش مەشىقى :بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ :
مەنىداش سۆزلەرنىڭ )         (  ئوخشاشياكى يېقىن بولسىمۇ،ئەمما ئۇلارنى پەرىقلەندۈرمەستىن ،)         (ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
مەنىداش سۆز دېگەن نېمە ؟
تاپشۇرۇق :
دەرىستىن كىيىنكى ئويلىنىش :

گۈلباغ  يېزا مەركىزى  باشلانغۇچ مەكتەپ2 – يىللىقلارنىڭ 2 - ماۋسۇملۇق تىل-ئەدەبىيات  دەرسنىڭ 3- سائەتلىك تەييارلىقى
        دەرس تەييارلىغۇچى        تۇرسۇننىسا توختى         تەييارلىغان ۋاقتى        يىلى   ئاينىڭ   -كۈنى
ئۈتىدىغان ۋاقتى        يىلى   ئاينىڭ   -كۈنى         ئوقۇتۇش تۇرى          
دەرس تېمىسى        مەنىداش سۆز
ئوقۇتۇش نىشانى
  بىلىىم ۋە قابىلىيەت: كۆنۈكمىدە بىرىلگەن مەشىقلەرنى تەلەپ بويىچە توغرا ئورۇندىيالايدىغان بولۇش .
ھىسيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارشى : مەنىداش سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە مەشىق ئىشلەش   قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىش .
مۇھىم نوقتا :  مەنىداش سۆزنىڭ قائىدىسىنى بىلىۋىلىش .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى : قائىدىنى قايتا قايتا تەكرار ئوقۇشقا يېتەكلەش .
قىيىن نوقتا :  بىرىلگەن مەشىقلەرنى تەلەپكە ئاساسەن توغرا ئىشلىيەلەيدىغان بولۇش .     
  ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن  تەلەپنى ئوقۇشقا تەشكىللەپ ،ئاندىن ئەستايىدىل ئىشلەش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى :ئىلھاملاندۇرۇش ، قوزغىتىش ،
ئوقۇتۇش قۇرال         دەرسلىك كىتاپ،كومپىيۇتىر، دەرس دىتالى
ئوقۇتۇش جەريانى
تەييارلىق سىنىقى ۋە دەرىسكە باشلاپ كىرىش :1. ساۋاقداشلار قايسىڭلار مەنىداش سۆز دىگەن ئاتالغۇنى مىسال بىلەن ئىيتىپ باقىسىلەر؟         
يېڭى دەرس مەزمۇنى جەريانى
ئوقوغۇچىلار  ئىيتىپ بولغاندىن كىيىن  ،مەن ئىلھاملاندۇرۇپ تولۇقلاپ بىرىمەن .
كىيىنكى قەدەمدە ئوقوغۇچىلارنى  مەشىق ئىشلەشكە يېتەكلەيمەن .
ئوقۇغۇچىلار ئۆزى بىۋاستە  ئىشلەشكە  تەشكىللەيمەن، چۈشىنەلمىگەن جايلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن.
1.ساۋاقداشلار بىز بىرلىكتە  مەنىداش سۆزدىن بىر قانچىنى ئىيتىپ باقايلى ،قىنى كىم ھەم تىز ،ھەم كۆپ ئىيتالايدۇ ؟   .        ،  
ئوقۇتقۇچى؛  مۇئەللىم ،               چاپسان : تىز ، ئىتتىك
ئەقىللىق: زىرەك ،ئۇششا               باتۇر : قەيسەر
ئارزۇ ؛ ئۈمىت .  
تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى ئوقۇڭلار،ئاندىن مەنىداش سۆزلەرنىڭ مۇۋاپىقلىرىنى تاللاپ بوش ئورۇنغا  قويۇڭلار .
1( ئۆزىمىزگە _______تەلەپ قويساقلا،كۆلىگەن مەقسەتكە يىتەلەيمىز .
پۇختا ،مۇستەھكەم ،قاتتىق ، چىڭ.
2(ئۇنىڭغا نىمە بولدىكىن ،بۈگۈن __________پەقەت ئېچىلمىدى.
جامالى،چىرايى ،ھۆسنى ،يۈزى
3(ئۇنىڭ بوۋىسى ئىنقىلاپتا __________.
قۇربان بولغان ،ئالەمدىن ئۆتكەن ،ئۆلگەن  

مۇستەھكەملەش مەشىقى : مەنىداش سۆزلەرنى تۇتاشتۇرۇپ بىقىڭ ؟
ئارام ئىلىش                 يۇمشاق
داڭلىق                     ھاردۇق ئىلىش
ۋەتەن                       ئەل
يۇمران                      مەشھۇر

تاپشۇرۇق : مەشىق دەپتەر 7-8-بەت .
دەرىستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش

گۈلباغ  يېزا مەركىزى  باشلانغۇچ مەكتەپ2 – يىللىقلارنىڭ 2 - ماۋسۇملۇق تىل-ئەدەبىيات  دەرسنىڭ 4- سائەتلىك تەييارلىقى
        دەرس تەييارلىغۇچى         تۇرسۇننىسا توختى         تەييارلىغان ۋاقتى        يىلى   ئاينىڭ   -كۈنى
ئۈتىدىغان ۋاقتى        يىلى   ئاينىڭ   -كۈنى         ئوقۇتۇش تۇرى          
دەرس تېمىسى         مەشىق باغچىسى
ئوقۇتۇش نىشانى
  بىلىىم ۋە قابىلىيەت:  بايقىغانلىرىم مەزمۇنىدىكى رەسىملەرنى ئۆزئارا سىلىشتۇرالايدىغان،كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئوقۇپ ،يازالايدىغان بولۇش. .
ھىسيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارشى :  چىرايلىق ، توغرا يېزىش ئارزۇسى يېتىلدۈرۈش.
مۇھىم نوقتا : رەسىملەرنى ئۆزئرا سىلىشتۇرالايدىغان بولۇش .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى :  رەسىمنى قايتا قايتا تەكرار  كۈزىتىشكە يېتەكلەش .
قىيىن نوقتا : مۇرەككەپ سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلالايدىغان ۋە يازالايدىغان بولۇش .سۆزلەرنىڭ      
مەنىسىنى بىلىۋىلىش ،سۆز بىرىكمىسى تۈزەلەيدەغان بولۇش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى :ئىلھاملاندۇرۇش ، قوزغىتىش ،
ئوقۇتۇش قۇرال         ،كومپىيۇتىر، دەرس دىتالى
ئوقۇتۇش جەريانى
تەييارلىق سىنىقى ۋە دەرىسكە باشلاپ كىرىش :1 مەشىق باغچىسىدىكى بايقىغانلىرىم مەزمۇنىدىكى رەسىملەرنى كۈزىتىپ سىلىشتۇرۇپ باقايلى.
يېڭى دەرس مەزمۇنى جەريانى
1. ئوقوغۇچىلار بايقىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ ،مەن ئىلھاملاندۇرۇپ تولۇقلاپ بىرىمەن .
2.كىيىنكى قەدەمدە ئوقوغۇچىلارنى  كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى توغرا ئوقۇشقا ھەم يىزىشقا يېتەكلەيمەن 3.سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىۋىلىشقا يىتەكلەيمەن..
مەيىن  -  ئىللىق                نەغمە  __ناۋا                              
بۇدرۇق _____  سىمىز            ئوقتەك ئىتىلىش ___ناھايىتى تىز
  4. ئوقۇغۇچىلارنى  سۆز بىرىكمىسى تۈزۈشكە يىتەكلىەيمەن  .
ئاپئاق  -بۇلۇت   ،قار، پاختا
ياۋا - ئوت-چۆپ ، ياۋا گۈل
  سۈزۈك ئاسمان ، سۈزۈك سۇ  
يېشىل يوپۇرماق ، يېشىل چىراق
قاپقارا كۆمۈر ، قاپقار بۇلۇت
  ئوقۇغۇچىلار مەشىق دەپتىرىگە سۆزبىرىكمىسى تۈزۈدۇ،مەن بىلەلمىگەن جايلىرىنى تولۇقلاپ تۈزۈتۈپ بىرىمەن .
كىيىنكى قەدەمدە تىل خەزىنىسىدە بىرىلگەن شئىرنى ئوقۇش ۋە يادلاشقا تەشكىللەيمەن  .

باھار كېچىسى
تىنىق ئاسمان ، ئايدىڭ كېچە ،
چاراقلار يۇلتۇز .
سەلكىن شامال ، ئېرىق بويى ،
پۇرايدۇ يالپۇز .
مۇستەھكەملەش مەشىقى :1 تىل خەزىنىسىدىكى >>باھار كىچىسى<< دىگەن شىئرنى ئوقۇپ بىقىڭ .
                     
تاپشۇرۇق : باھار كىچىسى دىگەن شىئېرنى يادلاش.
دەرىستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش



تەستىقلىغۇچى                -يىلى- ئاينىڭ- كۈنى

گۈلباغ  يېزا مەركىزى  باشلانغۇچ مەكتەپ2 – يىللىقلارنىڭ 2 - ماۋسۇملۇق تىل-ئەدەبىيات  دەرسنىڭ 5- سائەتلىك تەييارلىقى
        دەرس تەييارلىغۇچى         تۇرسۇننىسا توختى         تەييارلىغان ۋاقتى        يىلى   ئاينىڭ   -كۈنى
ئۈتىدىغان ۋاقتى        يىلى   ئاينىڭ   -كۈنى         ئوقۇتۇش تۇرى          
دەرس تېمىسى         مەشىق باغچىسى
ئوقۇتۇش نىشانى
  بىلىىم ۋە قابىلىيەت: ئوقۇغۇچىلارنى ئاغزاكى ئالاقە قىلغۇزۇش ئارقىلىق سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەم باھار پەسلى تەسۋىرلەنگەن سۆز جۈملىلەرنى ئېيتىپ ۋە يىزىپ بىرەلەيدىغان بولۇش.
ھىسيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارشى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش ۋە يىزىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش.
مۇھىم نوقتا : كۆرگەنلىرىنى ھەم بايقىغانلىرىنى ئېيتىپ بىرەلەيدىغان  بولۇش .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى :  رەسىمنى قايتا قايتا تەكرار  كۈزىتىشكە يېتەكلەش .
قىيىن نوقتا :  رۇخسەت سوراش خىتى يازالايدىغان بولۇش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى : ئىلھاملاندۇرۇش ، قوزغىتىش ،
ئوقۇتۇش قۇرال          ،كومپىيۇتىر، دەرس دىتالى
ئوقۇتۇش جەريانى
تەييارلىق سىنىقى ۋە دەرىسكە باشلاپ كىرىش
:1 مەشىق باغچىسىدىكى ئىپادىلەش  سەھنىسىدىكى مەزمۇنغا ئاساسەن باھار پەسلىدە قايسى گۈللەر ئىچىلىدىغانلىقىنى كىم ئېيتىپ باقالايدۇ؟.
يېڭى دەرس مەزمۇنى
1. ئوقوغۇچىلار بايقىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ ،مەن ئىلھاملاندۇرۇپ تولۇقلاپ بىرىمەن .
2 ئوقۇغۇچىلارغا ›› رۇخسەت سوراش خىتى‹‹ يىزىشنى چۈشەندۈرۈپ چىقىمەن ھەم ئۆزى بىر پارچىدىن يىزىپ چىقىشقا تەشكىللەيمەن .

رۇخسەت سوراش خىتى
     ھۆرمەتلىك ******مۇئەللىم :
قىزىتمام ئۆرلەپ قالغاچقا،ئاپام مىنى دوختۇرغا كۆرسەتمەكچى.شۇڭا ،چۈشتىن بۇرۇن دەرسكە قاتنىشالمايدىغان بولدۇم.يېرىم كۈنلۈك رۇخسەت بىرىشىڭىزنى سورايمەن.
ھۆرمەت بىلەن :
ئوقۇغۇچىڭىز ******
2016-يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى

كىيىنكى قەدەمدە ئوقوغۇچىلارنى يازغان روخسەت سوراش خېتىنى ئوۇپ باھالاشقا يېتەكلەيمەن ، بۇ جەرياندا بىر ئوقوغۇچى ماقالىسىنى ئوقۇسا قالغان ئوقوغۇچىلار ماقالىنى باھالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىمەن ، باھالاش جەريانىدا چوقۇم ئىلھاملاندۇرۇش ئاساس بولىشىغا ، بالىلاردا ئىشەنچ پەيدا قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن .



مۇستەھكەملەش مەشىقى : يىزىپ چىققان ›› رۇخسەت سوراش خىتى‹‹ نى ئوقۇپ بىقىڭ .

                     
تاپشۇرۇق :  
دەرىستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش



تەستىقلىغۇچى                -يىلى- ئاينىڭ- كۈنى






تەستىقلىغۇچى                -يىلى- ئاينىڭ- كۈنى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-3-11 23:22:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يىللىقتىكى ھەممە دەرىس لاھيەسىنى يېغىپ بىر ھۆججەتكە قىستۇرۇپ يوللىغان بولسىڭىز  تىمىڭىزنى ھەقلىق تىما قىلىپ قۇياتتۇق  بولسا ھەر بىر يىلللىقتىكى تىمىڭىزنى يېغىپ چۈشەنچىنى تەپسىلى يېزىپ يوللاڭ باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىنى نەزەردە تۇتۇپ  رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2016-3-12 16:42:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تارتىپسىز ، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ~
ۋاقتى: 2016-3-15 12:08:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تۈزۈپسىز. ئەجرىڭىزگە رەھمەت
ۋاقتى: 2016-3-16 17:35:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، ياخشى تېما يوللاپسىز!
ۋاقتى: 2016-3-19 11:08:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: 2-يىللىق2-ماۋسۇملۇق يىڭى تىل ئەدەبىيات تەييارلىق

رەخمەت سىزگە ، بۇندىن كىيىنمۇ داۋامىنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش