كۆرۈش: 584|ئىنكاس: 8

كەپسىزكەپسىز ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش توغرىسىدا

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كەپسىزكەپسىز ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش توغرىسىدا
ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە سىنىپىنىڭ تەشىل- تۈزۈمىگە بوي سۇنمايدىغان، دەرس- مۇزاكىرە ئىتىزامىنى بۇزىدىغان، مەكتەپ، سىنىپنىڭ مۈلىكىنى بۇزىدىغان، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇرۇشىدىغان، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار بىلەنمۇ ئۇرۇشىدىغان كەپسىز ئوقۇغۇچىلار ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن ئوقۇتقۇچى يەڭگىللىك بىلەن بېسىم ئىشلىتىپ تۈزەيمەن، دېگەندە ئۇنى تۈززش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە ئاۋارىچلىق تېپىۋېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئوقۇتقۇچى بۇنداق ئۇقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن سوغۇق قان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىجەز خاراكتىرىنى ياخشى ئېگەللەپ، مۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ يېتەكلەش كېرەك.
كەپسىز ئوقۇغۇچىلار خاراكتىرى جەھەتتىن پائالىيەتچان بولۇپ، جىمغۇرلۇقنى خالىمايدۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر خىل پائالىيەتچانلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولىدۇ، شۇڭا دەرس ياكى باشقا پائالىيەتلەردە كۆپرەك بەزى بىر مەسلىلەرنى سادىر قىلىپ قويۇشى مۇمكىن، بۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ ئاشۇ ئۇششاق سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن تەنقىتلەپ قويىسا، روھىغا سوغۇق سۇ سېپىلىپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن قارشىلىشىپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇرۇشىدىغان، تۈزۈمنى بۇزىدىغان، مەكتەپ، سىنىپ مۈلىكىنى بۇزىدىغان ئىشلارنى قىلىپ بۇ ئارقىلىق «مەن ئوقۇتقۇچىدىن قورقمايمەن، تۈزۈمدىن قورقمايمەن» دەپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ، ئىجابى ئىش پالىيەتلىرى بىلەن ئېرىشەلمىگەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە سەلبىي ئىش- پائالىيەتلىرى بىلەن ئېرىشىشنى ئويلىشى مۇمكىن، ئەگەر بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئورغۇپ تۇرغان پائالىيەتچانلىقنى ئىجابى تەرەپكە يېتەكلىيەلىسەك ئۆگۈنىش ۋە تۈرلىك پائالىيەتلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىشىمز مۇمكىن، بۇنداق ئۇقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن ئوقۇتقۇچى تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللانسا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىشى مۇمكىن:
«ھەرقانداق ئادەمدە باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلىنىش ئىستىكى بولىدۇ»(دالى كارنىگ) ئوقۇتقۇچى مۇۋاپىق پۇرسەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە تۇيدۇرمىغان ئاساستا ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق «قەدىرلىنىش ئىستىكى»نى قاندۇرۇشى كېرەك، بۇنى ئوقۇغۇچىنىڭ ناچار قىلىقلىرى بىلەن چاندۇرماي تەنتىتلەش ئۇسۇلى ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بوىدۇ، مەسىلەن، ئوقۇغۇچى بىرەر كەمچىلىك ئۆتكۈزسسە ئۇنى ئۇتتۇرلا تەنقىت قىلماي، سەن پالانىنىڭ بالىسى پالانى تۇرۇپ، ئاشۇ تۇرقۇڭ بىلەن مۇشۇنداق ئىش قىلدىڭمۇ؟ مەن سېنى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن ، دېگەدەك گەپ- سۆزلەرنى قوللانغاندا  ئۇنىڭ خاتالىقىنى تەنقىتلەش مەخسىدىگە يېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىددىيىسىدە «ئوقۇتقۇچى ئەسلىدە ئاتا- ئانامنىڭ، مېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدىكەن، مېنىڭ تۇرقۇمدىنمۇ ياخشى بالا ئىكەنلىكىم چىقىپ تۇرىدىكەن» دېگەن تونۇشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزى بىلەن ئوقۇغۇچى ئاىسىدا بىر خىل يېقىنلىق تۇيغىسى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى يېقىن كۆرگەنلىكى، ئىززەتلەپ قەدرىنى قىلغانلىقىدىن تەسىرلىنىپ، كەپسىزلىكتىن قول ئۈزىشى،  ھەتتا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى ئاشۇنداق چوڭ بىلگەنلىكى، مۇئەييەنلەشتۇرگەنلىكىدىن تەسىرلىنىپ، ئاشۇ ئۇتقۇچىنى بىر ئۆمۈر ھۆرمەتلىشى مۇمكىن.
«ھەقانداق ئىشنى ئۆزىنىڭ ناچار قىلىقلىرى بىلەن تەنقىتلەنگەن ئادەمگە قارىغاندا، ئۆزىنىڭ ياخشى قىلىقلىرى بىلەن تەقدىرلىنىدىغان ئادەم تىز ھەم ياخشى قىلىدۇ»(دالى كارنىگ)، تەنقىت ئادەمنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، بولۇپمۇ بالىلارغا نىسپەتەن تېخىمۇ شۇنداق، شۇڭا ئوقۇتقۇچى بۇ نۇقتىنى ئېىسىدىن چىقارماي، تەنقىتنىڭ ئورنىغا ماختاش، ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك؛ ئۇنداق بولسا، ئىنتىزامسىز، كەپسىز ئوقۇغۇچىنى قانداق ماختىغىلى بولىدۇ؟ بىر بالا ھەرقانچە كەپسىز بولسىمۇ، ماختاشقا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بولىدۇ، ئوقۇتۇچى ياخشى كۆزىتىپ، ئۇنىڭ بىرەر ئارتۇقچىلىقىنى تېپىپ، ماختاش كېرەك، ھەتتا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا بىرەر ئىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قىلغۇزۇپ، ياكى بىرەر مەسىلىنى ئىشلەشنى ئۆگۈتىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىشلىتىپ، مۇشۇ ئىش، مۇشۇ مەسىلە ئارقىلىق ماختاپ، ئىلھام بېرىپ يېتەكلىسە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچى ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا ئۆز  قەدرىنى تېپىپ، پەيدىن پەي ئىجابى جەھەتتىن تەشەببۇسكار ھالەتكە ئۆتىدۇ، نەتىجىدە كەپسىز ئوقۇغۇچىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئۇرغۇپ تۇرغان پائالىيەتچانلىقنى ئىجابىي تەرەپكە يېتەكلىگىلى بولىدۇ.
يۇۇقۇرقىلار ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىم جەريانىدا يەكۈنلىگەن كەپسىز ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش توغرىسىدىكى تەجرىبە- ساۋاقلىرىم، ئەمەلىيەتتە ئىش ئۇنداق ئۇڭاي ئەمەس، لېكىن ھەرقانداق بىر ئقۇتقۇچى«ھەرقانداق ئادەمدە باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلىنىش ئىستىكى بولىدۇ» ، «ھەرقانداق ئىشنى ئۆزىنىڭ يامان خۇي- پەيلى بىلەن تەنقىتلىنىدىغان ئادەمگە قارىغاندا، ياخشى خۇي- پەيلى بىلەن تەقدىرلىنىدىغان ئادەم تىز  ھەم ياخشى قىلالايدۇ» دېگەن ھېكىمەتنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە يۇقۇرقىدەك ئۇسۇلنى  قوللىنىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشى كېرەك، بۇ ئۇسلنى جايىدا قوللانسا، ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-20 17:53:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-20 21:56:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-20 23:13:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-20 23:54:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-21 21:48:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-25 23:17:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-9-17 01:01:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-9-22 13:12:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش