كۆرۈش: 1852|ئىنكاس: 10

ئەرلىك بۇرۇچ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەرلىك بۇرۇچ
   بۈگۈن تېيىپجان ھادىنىڭ ‹ پالۋان كەلدى› ناملىق ھىكايىسى ئوچۇق دەرس قىلىپ ئۆتۈلدى . بۇ ئىككىنچى دەرس سائىتى بۇلۇپ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە باشلاپ كىرىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماسلىشىشى، قىزغىنلىقىمۇ يۇقىرى ،دەرسخانا كەيپىياتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى.  ئوقۇتقۇچى دەرسنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنى ئەتراپلىق يەتكۈزۈپ، دەرس خۇلاسىسىنى ئوقۇغۇچىلاردىن سۇئال سۇراپ،شۇلارنىڭ جاۋابى ئارقىلىق يەكۈنلىمەكچى بولدى.باشتا سۇرالغان ‹سادىر پالۋان ئايالى ۋە بالىلىرىنى يەنە قانداق ئۇسۇللار بىلەن قۇتقۇزۇپ چىقىشى مۇمكىن؟› دېگەن سۇئالغا ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.كېيىنىكى ‹ سىز سادىر پالۋاننىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەركىتىدىن نېمىنى ھىس قىلدىڭىز؟› دېگەن سۇئالغا ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە سادىر پالۋاننىڭ باتۇرلىقى،ئەقىل-پاراسىتىنى تەرىپلەپ پىكىر قاتناشتۇردى. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلاردىن كۈتىدىغىنىمۇ شۇ بولسا كېرەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەرگەن جاۋاپلىرىغا ياخشى باھا بىرىپ چىقتى. لېكىن ئاخىرىدا پىكىر بايان قىلغان بىر قىز ئوقۇغۇچى بۇ سۇئالغا ‹ سادىر پالۋاننىڭ  ئايالى ۋە بالىلىرىنى قۇتقۇزۇپ چىقىشى نۇرمال ھەرىكەت. ئۆزىنى ئەركەك ھىسابلايدىغانلار ئۈچۈن ئايالى ۋە بالىلىرىنى قۇتقۇزۇشى، ئۇلارنى قوغدىشى بۇ بىر مەسئولىيەت ، ئەرلىك بۇرۇچ. سادىر پالۋان شۇلارنى قىلالىدى.› دەپ جاۋاپ بەردى.         
بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ ئوقۇتقۇچى تەمتىرەپ قالدى، ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مەنىلىك كۈلۈمسىرەپ قويدى.                                                            

مەنبە: ئۆز قەلىمىم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-11 18:45:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادىر پالۋان ئەلۋەتتە بىر ئەركەك،ئۇ:
   سادىر دەپ ئېتىم قالدى،
   بەش بالام يېتىم قالدى.
                                        —ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «سادىر يېتىم قالغان بەش بالىسىنى ئىزدەپ» ناملىق شىئېرىدىن.
دىيەلىگەن!
ۋاقتى: 2015-11-12 11:05:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچنى ھەردائىم ئەستە ساقلاش كېرەك، بولۇپمۇ ئەرلەر ئۆز زىلمىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچنى قەتئىي ئونتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.
ۋاقتى: 2015-11-16 17:14:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركەكلىرىمىز ئۆز بۇرچىنى ھەر ۋاقت ئېسىدە چىڭ ساقلىشى كېرەك-ئەلۋەتتە!
ۋاقتى: 2015-11-17 01:01:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر دەپ ئاتالغان بىلەن،
ئەركەك بولمىقى لازىم.
ۋىجدانى ناپاك ئەردىن،
ئۇستۇندۇر ھەتتا سايىم.
ۋاقتى: 2015-12-4 18:30:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ھەربىر  ئەر زاتى ئۆزىنىڭ بۇرچى ۋەمەسئۇلىيىتىنى ئەستىن چىقارماسلىقى ،بەجاندىل ئادا قىلىشى لازىم.
ۋاقتى: 2016-1-4 12:54:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ،ئەمىلى مەسىلە ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ
ۋاقتى: 2016-2-27 21:49:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارچە ئەرلەر ئەركەكتەك ياشىسا ،جاھان نەقەدەر گۈزەل بولۇپ كىتەر ئىدى -ھە؟
ۋاقتى: 2016-6-7 13:39:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ياخشى بېرىلگەن جاۋاب بولۇپتۇ.يۈرىكىدىكى ھەقىقى گەپنى ئېيتالايدىغان ئوقۇغۇچىلىرى بار ئوقۇتقۇچى تولىمۇ بەختلىك ئوقۇتقۇچى جۈملىسىدىندۇر.ئەرنىڭ ئەردەك بولىشى زاماننىڭ تەقەززاسى،قىزلىرىمىزنىڭ ئاتىلاردىن،كەلگۈسىدە ئاتا بولغۇچىلاردىن بېخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولالىشى ئۇلارنى غۇرۇر ھەم ئىپپەتكە ئىگە بولۇشقا دالالەت قىلغۇچى مەنىۋى كۈچتۇر....
ۋاقتى: 2016-6-8 10:53:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپىسز،كۆپ تەشەككۇر
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش