كۆرۈش: 678|ئىنكاس: 3

ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇغۇچىلارنىڭ  تەپەككۇرىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك
‹ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلاردىن بىردىنبىر پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى، ئۇلار تەپەككۇر قىلىش ۋە پىلان تۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە .ھايۋانلار بولسا چوڭ مېڭىسىدىكى تەبىئىي ئىنكاس قايتۇرۇش ياكى تەكرار ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن، تاشقى مۇھىتقا قارىتا ئادەتتىكىدەك ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇلاردا تەپەككۇر قىلىش بولمايدۇ،پەقەت ئادەتتىكى تەكرارلاشلا بولىدۇ. ›
-‹ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ مېڭىسى› دىن

تەپەككۇر ئىنسانلارنى ھايۋانلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئاڭ شەكىللىرىنىڭ بىرى . ئىنسانلار تەدىرىجىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئاددىيلىقتىن     مۇرەككەپلىككە، ھىسسىي بىلىشتىن ئەقىلىي بىلىشكە ئۆتۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە قورالى مېڭىنىڭ ئاكتىپ تەپەككۇرنىڭ ياردىمىدە كۈنسىرى   تەرەققىي قىلۋاتىدۇ. تەپەككۇرنىڭ قۇدىرىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈشكە تىرىشۋاتىدۇ. بۇنىڭ        ئاساسلىق ئىپادىسنى تەپەككۇر شەكلىنىڭ مائارىپ سىستىمىسىدىكى رولدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇ.مائارىپنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئادەم تەربىيلەش، يەنى  ئاكتىپ، ئىجابىي تەپەككۇرغا ئىگە ئادەم تەربىيلەش. شۇڭا بۇ مائارىپ ئەندىزىسى ‹تەپەككۇر مائارىپى› بولۇشى كېرەك. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بۇ  نۇقتىدا زۇر ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى ۋە داۋاملىق كەلتۈرۋاتىدۇ. لېكىن بىزنىڭ مائارىپىمىز تەپەككۇر بىلەن بىر يولدا بولماي، ئۇنىڭ بىلەن      پاراللىلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. مىللەتنىڭ ئۈمىدى بولغان غۇنچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ زادى نىمە مەقسەتتە ئۈگىنىش قىلۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن   تەپەككۇرى يىتەرلىك بولمايۋاتىدۇ.ئەسلىي بالىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ قىزىقىشى  ۋە شەيئىلەرگە بولغان تەپەككۇرى ھەر  تەرەپلىمە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارنىڭ يىتىلدۈرۈشىگە ياردەم بىرىش ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇستازلار سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم بىر تەرەپ.  بالىلاردا شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىش، مەسىلىلەرگە بولغان يېڭىچە تەپەككۇر بولىدۇ. بۇنداق بولمىغاندا ئۇلارنىڭ كىشىلىك دۇنياسى تار دائىرىدە     توختاپ قالىدۇ ھەم مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا،تەپەككۇر  ئىقتىدارىنىڭ
يېتىلەلمەسلىكىدىكى سەۋەب ئىككى:   جۇشقۇن ھاياتى كۈچنى چەكلەيدىغان مۇھىت شارائىت مەۋجۈت؛ جۇشقۇن ھاياتى كۈچنىڭ چېنىقتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان  ۋە يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مۇھىت يوق.                                        جۇشقۇن ھاياتى كۈچنى چەكلەيدىغان مۇھىت شارائىت مەۋجۈت دېگەندە ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئۇقۇتقۇچى تەربىيەسىنىڭ توغرا بولماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.ئائىلە تەربىيەسى بىر ئۈمىدلىك غۇنچىنىڭ تۇنجى ھەم مۇھىم بولغان مائارىپ تەربىيەسىدۇر. ئەگەر  بۇ تەربىيە توغرا بولمىسا شۇ غۇنچىنىڭ بۇنىڭدىن  كىيىنكى ھاياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئائىلە تەربىيىسىدە بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا قارىتا توغرا بولغان يىتەكلەش ۋە ئۇلارنىڭ شەيئىلەرگە   بولغان تەپەككۇر بىخلىرىنى ياخشى پەرۋىش   قىلىش ناھايىتى زۆرۈر. بۇنىڭغا قارىتا نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللار بولغان . دۇنياغا داڭلىق كەشپىيات ئاتىسى ئىدىسۇننىڭ     كەشپىياتلىرى ئۇنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى، بۇنىڭغا تۈرۈتكە بولغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە ئائىلە تەربىيىسى يەنى   ئانىسىنىڭ تەربىيەسى مۇھىم ئورۇندا تۇرغان.يەنى توماس ئىدىسۇن بىر كۈنى ئۆيىگە كېلىپ ئاپىسىغا بىر قەغەزنى بېرىپتۇ ۋە ‹بۇ قەغەزنى مۇئەللىم بەردى ۋە ساڭىلا بېرىشىمنى تاپىلىدى› دەپتۇ.ئانىسى قەغەزدىكى خەتنى تاراملاپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىپتۇ‹ ئوغلىڭىز بىر داھىي. بۇ مەكتەپ ئوغلىڭىز ئۈچۈن بەك كىچىك ۋە ئۇنى تەربىيەلىيەلىگۈدەك ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ يوق...شۇڭا رەنجىمەي ئۇنى ئۆزىڭىز تەربىيلەڭ›.ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ، ئېدىسۇننىڭ ئانىسى ۋاپات بولغاندا، ئۇ ئاللىقاچان ئۆزى ياشىغان شۇ ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك ئالىملارنىڭ بىرى بولغان ئىدى ۋە بىر كۈنى ئۆيىدىكى كونا نەرسىلەرنى       مالتىلاۋىتىپ تۇيۇقسىزلا بىر تارتمىنىڭ بىر بولۇڭىدا تۇرغان قاتلاقلىق بىر قەغەزنى تىپىۋالىدۇ ۋە قولىغا ئېلىپ ئاچىدۇ. قەغەزگە‹ئوغلىڭىز دەلدۈش بىر بالىدۇر، بۇنىڭدىن تارتىپ بالىڭىزنىڭ مەكتىپىمىزگە كېلىشىگە يول قويمايمىز› دەپ يېزىقلىق ئىدى. ئېدىسۇن نەچچە سائەت يىغلىغاندىن كېيىن كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ:‹ توماس ئالۋا ئېدىسۇن، قەھرىمان  بىر ئانا تەرىپىدىن بىر ئەسىرنىڭ داھىسى قىلىپ تەربىيلەنگەن بىر دەلدۈش ئىدى.كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى ، ئىدىسۇننىڭ      بۇنداق نەتىجىگە ئىرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن سىرىت ئائىلە تەربىيەسى مۇھىم رول ئويناپ،      ئۇنىڭ دۇنيا تارىخىدا نام قالدۇرۇشىغا سەۋەب بولغان.
جۇشقۇن ھاياتى كۈچنىڭ چېنىقتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان  ۋە يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مۇھىت يوق دېگەندە ئاساسلىقى ئەتراپىدىكى ئىجتىمائىي مۇھىتىنى(ئائىلە، جەمئىيەت، مەكتەپ...) كۆزدە تۇتىدۇ.تەبىئىي مۇھىت ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما ئىجتىمائىي مۇھىت ئۇنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدىكى تەرەققىياتنىڭ يۆلىنىشىگە ،تەبىئىي مۇھىت تەسىر كۆرسەتكەن پىسخىكىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىغا تەسىرى زور.شۇڭا مەيلى ئائىلە، جەمئىيەت، مەكتەپ بولسۇن ئۆزلىرىدىكى مۇھىتنىڭ بالىلارنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتىنى يىتەكلەشتە تۈرۈتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
ئوقۇغۇچىلاردىكى تەپەككۇر قابىلىيىتىنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب نېمە؟ ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك ؟                                                                  
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، بەدىنى ۋە باشقا سەزگۈ ئەزالىرىدا كەمتۈكلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، پەقەت ھاياتلا بولىدىكەن، ھەممە ئادەم ئۆزىدە شەيئىلەرگە نىسبەتەن تۇغرا تەپەككۇر قىلالايدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرەلەيدۇ.لېكىن بالىلارنىڭ ھاياتىدىكى ھەرخىل تەپەككۇر ئىقتىدارلىرىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاش مۇمكىنچىلىكىنى جارى قىلدۇرالماسلىقىدىكى سەۋەبنى ئائىلە تەربىيەسىدىكى كەمچىللىك ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىغا يەكۈنلەشكە بولىدۇ.   بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئائىلە تەربىيەسىدە ئائىلە باشلىقلىرى ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ، كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ بىرىشى، بالىلىرىنىمۇ كىتاب ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇشى كىرەك، ئىلھاملاندۇرۇشتىكى مەقسەت بالىلارنى پاسسىپ ھالەتتىن ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتكۈزۈش،پىكىر قىلىشقا يۈزلەندۈرۈش، ئىشەنچ تۇرغۇزۇش. ئائىلىدە بالىلىرىغا كىچىك دوسكا تەييارلاپ بىرىشى ، ئۇلارنىڭ سۇرىغان سۇئاللىرىغا ئىرىنمەي جاۋاب بىرىپ بالىدا قانائەت تۇيغۇسى شەكىللەندۈرۈش، نۇقۇل دەرس بىلەن ئەمەس ، ئويۇن ئويناش شەكلى بىلەن ساۋات چىقىرىشقا يىتەكلەش، ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا ياردەم قىلىش كېرەك . بۇ يەردىكى ياردەم توغرا بولغان يىتەكلەش ئاساسىدا بولۇشى زۆرۈر.ئەقىللىق  ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنىڭ دەۋەت قىلىپ قول سېلىپ ئىشلەش روھىنى يىتىلدۈرۈپ بار ا-بارابالىلارچە ھېس تۇيغۇسىنى ئويغۇتۇپ،ئويلاش سۆزلەش، ئىشلەش قاتارلىقلاردا بالىلارغا خاس تەپەككۇر قىلىشقا  ئۈندەيدۇ. ئۇلارغا ئەتراپتىكى شەيئىلەرنى تۇنۇش،ئۇلارغا نىسبەتەن قىزىقىش ھېسىياتىنى قوزغاپ   ،بالىلارچە پەرەز قىلىش،كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، ئەقىللىق كىشى بالىلارنىڭ  ئويۇنغا ئامراق بولۇش پىسخىكىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرىدۇ.
مەكتەپتە بولسا ئوقۇتقۇچى ئاساسلىق يىتەكلىگۈچى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ئۇنىۋىرسال ساپاسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىدە مۇھىم رول ئۇينايدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىمى ۋە كەسپىي سەۋىيەسى مائارىپنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنى ھەر جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىشى، ئۇنىۋىرسال بىلىم قۇرۇلمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىپ، كەسىپتە ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولىشىمىز لازىم.   
بىز كۈندە ھەر خىل تەپەككۇرغا ئىگە ھەرخىل مىجەزدىكى  بالىلار بىلەن   ئۇچرىشىپ تۇرىمىز. بالىلارنىڭ خاراكتىرى، ئويى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ ھال بىز
ئوقۇتقۇچىلاردىن دەرسنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، تۈرگە ئايرىپ ئۆتۈپ،   ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بالىلارنىڭ تەپەككۇر ئىڭىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى ھىس قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار
بالىلارنى ئەركىن تەپەككۇر قىلىشقا يىتەكلەپ، قاتمال، فۇرمالىستىك پىكىر قىلىش ئۇسۇلدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلاردىكى روھىي چەكلىمىلىكنى بۇزۇپ تاشلاپ،ئۆزىدىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىشى، ئۇلارنىڭ  ئازرۇ ۋە تەپەككۇر بىخلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى كېرەك.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-6-5 10:47:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىلارنى كۆپلەپ ئېلان قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ئەجرىڭىزگە رەھمەت
ۋاقتى: 2016-6-8 12:00:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇل-مەزمۇنلۇق تېمڭىزدىن بەك مىننەتدار بولدۇم،
ۋاقتى: 2016-7-16 16:10:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم ئۇستازياخىشمۇسىز؟مۇل-مەزمۇنلۇق تېمڭىزدىن بەك مىننەتدار بولدۇم،
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش