| ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى بۈگۈن رەسىمگە قاراپ تەسرات ماقالىسى يىزىش دەرىسىدە ئوقۇغۇچىلارغا ‹ ساۋچۇڭنىڭ پىلنى ئۆلچىشى› دېگەن رەسىمنى كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ماقالە يىزىشنى بۇيرىدۇم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ رەسىم مەزمۇننى ياخشى بىلىدىغان بولۇپ، شۇ مەزمۇنغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ تەسراتىنى يىزىپ چىقاتتى. دەرستىن چۈشكەندىن ئۇلارنىڭ ماقالىسىنى يىغىپ تەكشۈرۈدۈم. كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار ساۋچۇڭنىڭ ئۆزى كىچىك بولسىمۇ، ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى ئۈلگە قىلىدىغانلىقىنى يىزىپتۇ. ئەمما بىر ئوقۇغۇچىم يازغان قۇرلارنى ئوقۇپ، ھەيران قالدىم.ئۇ دەپتىرىگە : ‹ مەن ساۋچۇڭنىڭ چوڭ ئادەملەرمۇ ئويلاپ باقمىغان ئۇسۇل بىلەن چوڭ پىلنى ئۆلچەش جەريانىدىكى ئىش-ئىزلىرىغا قايىل بولدۇم ، ئۇ ناھايىتى ئەقىللىقكەن. لېكىن ئويلاپ باقسام مەن ساۋچۇڭدىنمۇ ئەقىللىقكەنمەن. مەن شۇ نەق مەيداندا بولغان بولسام ، پىلنى ئۆلچەشتە ئىشلەتكەن تاشنىڭ ئورنىغا شۇ يەردە تاماشا كۆرۋاتقان ئادەملەرنى ئىشلىتەتتىم. چۈنكى ئىغىر تاشلارنى يۆتكەپ كىلىپ، ئۇنى قولۋاققا سىلىپ يەنە ئالغاننىڭ ئورنىغا تاماشا كۆرۋاتقان ئادەملەر چۈشسە، كۈچمۇ ۋاقىتمۇ تىجىلىپ قالغان بۇلاتتى. تاماشا كۆرۋاتقان ئادەملەر ئۆزلىرىمۇ تېخىمۇ قايىل بولاتتى- ئەمەسمۇ› . بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ تەپەككۇرىغا قايىل بولدۇم.دەپتىرىگە ئۇنى ئىلھاملاندۇرىدىغان باھا سۆزلىرىدىن يىزىپ قويدۇم. دېمىسىمۇ، كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلار بۇنىڭغا دىققەت قىلماسلىقىمىز مۇمكىن. مەنمۇ بۇنداق ئاددىي ئۇسۇلنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. بىز ئوقۇغۇچىلارغا تىكىسىت مەزمۇننى يەتكۈزۈش ، تىكىسىتىكى باش پىرسۇناژنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۈگىنىشكە چاقىرىش بىلەن قانائەتلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تېخمۇ كەڭ دائىرىلىك تەپەككۇر قىلىشقا يىتەكلىيەلمەي قالىدىكەنمىز. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇرى ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى مەكتەپ ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى بەك چۇڭقۇر بولىمىسىمۇ، لېكىن ئاددىي ھەم ئۆزگىچە.مۇشۇ ھەقتە مۇنۇ ھىكايە ئىسىمگە كىلىپ قالدى:‹بىر كۈنى ئىدىسۇن چۈجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەن تۇخۇسىغا كىچىك كاتەك ياساپتۇ.كاتەككە بىرى چوڭ، بىرى كىچىك ئىككى ئىشىك قويۇپتۇ. ئىدىسۇن بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ تۇرىدىغان بىر كىچىك دۇست بۇ كاتەكنى كۆرۈپ، ئىدىسۇندىن كاتەككە ئىككى ئىشىك قويغانلىقنىڭ سەۋەبىنى سۇراپتۇ. ئىدىسۇن چوڭ ئىشىكتىن مىكىياننىڭ كىردىغىنىنى، كىچىك ئىشىكتىن چۈجىلەرنىڭ كىردىغىنىنى دەپتۇ. كىچىك دۇست كۈلۈپ تۇرۇپ《ئەجىبا،ئانىسى پاتقان ئىشكتىن بالىسى پاتماسمۇ. ئارتۇقچە ئىشىك قويۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟》دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئىدىسۇن ئاغزىنى ئىچىپ تۇرۇپ قاپتۇ. كېيىن كاتەكنى قايتىدىن ياساپتۇ. دىمەك، تەپەككۇر شەكلى ناھايىتى ئاددىي، ئەمما بىز بەكلا چۇڭقۇر ئويلاپ، ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۋىتىمىز. قىسقىسى،ئوقۇغۇچىلارغا ئۈگىتىشتىن باشقا ئۇلاردىن ئۈگىنىدىغىنىمىزمۇ ناھايىتى كۆپ. مەنبە : قەلىمىم
|
|