كۆرۈش: 953|ئىنكاس: 7

جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ



شىنخۇا تورى خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ھەمدە يېزا بالىلىرىنىڭ ئىككى يىللىق ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى ھەقسىز تەربىيەلەش شۇنداقلا دۆلەتنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا يولغا قويغان ھەقسىز تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى قوشۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا بالىلىرى ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشتىن تولۇق ئوتتۇرا مائارىپ باسقۇچىغىچە جەمئىي 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ھەقسىز مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويۇش 2013-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سىياسىي بىيۇروسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، 2014-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا ئاساسەن ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھەققى، ماتېرىيال ھەققى، ياتاق ھەققى ھەقسىز قىلىۋېتىلگەن.

مەنبە: ئەرقال تورى



ئەلقۇش تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-7-12 16:19:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتتى ھەھمىيەتلىك تېما يوللاپىسز، كۆپ تەشەككۇر،
ۋاقتى: 2016-7-13 01:01:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا يولغا قويغان ھەقسىز تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى قوشۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا بالىلىرى ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشتىن تولۇق ئوتتۇرا مائارىپ باسقۇچىغىچە جەمئىي 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدىكەن.بۇ راستىنلا ياخشى بوپتۇ
ۋاقتى: 2016-7-16 15:53:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبى شىنجاڭ ئۇقۇغۇچىللىرى ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت بۇلۇپتۇدە
ۋاقتى: 2016-7-24 10:39:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، بالىلار قەدرىگە يەتسە بولاتتى-دە !
ۋاقتى: 2016-7-26 13:44:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھىيە ئىچىدىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى يەسىلىلەردىن ئىشىچى-خىزمەتچىلەر پەرزەنتلىرىدىن ئالىدىغان ھەقنى بىكار قىلىۋەتسە بۇلاتتى.
ۋاقتى: 2016-9-8 16:19:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ جۇمۇ...شىمالىي شىنجاڭمۇ شۇنداق بولسا بولاتتى.
ۋاقتى: 2016-10-9 12:08:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقان قېرىنداشلار،بۇنىڭ قەدرىنى بىلسە بولاتتى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش