كۆرۈش: 57|ئىنكاس: 0

كۈتۈپخانىدىن ئايرىلىش تەس كەلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۈتۈپخانىدىن ئايرىلىش تەس كەلدى
مەكتەپ كۈتۈپخانىدىن ئاخىرقى رەت ئېغىرلاشقان قەدەملىرىمنى سۆرەپ، كەينىمگە يېنىش- يېنىشلاپ قاراپ، قىيمىغان ھالدا ئاستاغىنە يېنىپ چىقتىم. مېڭەمدە نېمىلەرنىدۇ ئويلايتتىم، لېكىن زادى نېمىلىكىنى زادىلا ئويلاپ تاپالمىدىم؛ بىر نەرسىلەرگە شۇنداق ئىتىلەتتىم- يۇ، لېكىن ئېغىر تىنىقلار مېنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلايتتى. ئالىي مەكتەپتىكى نۇرغۇن ۋاقتىم مۇشۇ دائىم كىرىدىغان، ئېغىر سومكىلىرىمنى يۈدۈپ، ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى توختىماي كۆرىدىغان، مەن ئامراق ئاشۇ كۈتۈپخانىدا ئۆتكەنىدى. بۈگۈن مەن كۈتۈپخانىدىن ، ئاشۇ كۈتۈپخانىدىن ئايرىلدىم. كۈتۈپخانىدىن يېراقلىشىۋاتقان قەدەملىرىمنى ھەربىر يۆتكىگىنىمدە، خۇددى ئەڭ مۇھىم بىر نەرسە مەندىن يېراقلىشىۋاتقاندەك بىلىندى. مەن ئاشۇ كۈتۈپخانىغا كۆنۈپ قالغانىدىم.
ماڭا ناھايىتى بەك تونۇش كىتابلار، ئورۇنلار ھېلى ھەم مېنى ساقلاۋاتقاندەك بىلىنەتتى. B102(B رايون بىرىنجى قەۋەت 2- ئۆي، بۇ ئۆيدە پەن – تېخنىكىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان كىتاب قويۇلغان) دا نۇرغۇنلىغان ئەسلىمىرىم قالغانىدى. توم- توم كىتابلارنى مەن دائىم ئولتۇرىدىغان ئورۇنغا تىزىپ قويۇپ ئولتۇرۇپ كۆرگەنلىرىم، ھېرىپ كېتىپ كىتابقا بېشىمنى قويۇپلا ئۇخلاپ قالغانلىرىم، تامىقىمنى ئوغۇرلۇقچە يېگەنلىرىم، كىتابلاردىن خاتىرە قالدۇرغانلىرىم، كەچ بولۇپ كەتكىنى بىلمەي ئولتۇرۇپ قالغانلىرىم، ئەتتىگەندە شۇ كۈتۈپخانىغا چىقىۋېلىپ دىسسېرتاتسىيە ماقالەمنى پۈتكۈزگەنلىرىم …بۈگۈن مۇشۇ ھەممە- ھەممىلەردىن ئايرىلىش ھەقىقەتەن تەس كەلدى. مەن سومكا ئېسىپ يۈرۈشكە ئامراق ئىدىم، بۈنگۈن بۇنىڭدىن ئايرىلىش ھەقىقەتەن تەس كەلدى.
بالىلاردىن ئايرىلىش تەس كەلدى
پۈتۈن مەكتەپتىكى 80 گە بارمايدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، پەقەت ئون نەچچەيلەن دائىم نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە مۇنازىرە قىلاتتۇق، ئۆگىنەتتۇق، بىر- بىرىمىزنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرەتتۇق، بىرگە تاماق يېيىشەتتۇق، نەسىھەت قىلىپ قويۇشنى ئىستەپ، بىر- بىرىمىزنى تەلىپ قىلاتتۇق.كۆرۈشۈپ قالساق باشقىچە ئىللىقلىق ھېس قىلاتتۇق، بىلگەنلىرىمىزنى ئېيتىشاتتۇق، ياخشىلىققا بۇيرۇيتتۇق، يامان ئادەتلىرىمىز ياكى قىلىقلىرىمىز بولسا چوقۇم ئۆزگەرتىشكە، بىر- بىرىمىزگە خۇي پەيلىمىز ياكى ئانداق- مانداق سەۋەبلەردىن گەپلىرىمىز ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، كۆڭلىگە ئالماسلىقنى، ھەققى بولسا ئېلىۋېلىشنى ئىستەپ، بىر- بىرىمىزگە رازىلىق بېرەتتۇق. دەل مۇشۇ سەۋەب بىزنى جەم قىلغانىدى، بىز دەل مۇشۇنداق ئىناق كوللىكتىقا تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىدۇق، ئەپسۇس، بۈگۈن ئۇلاردىن ئايرىلىش مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن تەس كەلدى. ئەتىسى ماڭىدىغان كۈنىنىڭ ئاخشىمى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىدىم، ئويلاپ باقسام ئۇلارغا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپتىمەن، مەندىن ئۇلارغا زەرەرمۇ يېتىپتۇ. ئەزىز بۇرادەرلىرىم، مەندىن رازى بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەردىن رازى. سىلەردىن ئايرىلىش ھەقىقەتەن تەس كەلدى، راستىنلا تەس كەلدى.
سىلەرگە تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىش تەس كەلدى
ئەمدىراق ئەقلىمىزنى تېپىپ، راۋۇرۇس، ئوغۇل بالىدەك بىر ئوقۇيلى دېگەندە، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ قالدۇق. مېنىڭ نۇرغۇن ئارزۇلىرىم بار ئىدى، بۇلارنى سىلەرگە دەپ بولغانمەن. مەن سىلەردىن شۇنى كۈتىمەنكى، مېنىڭ ئاشۇ ئارزۇلىرىمنىڭ ئازراق بىرقىسمىنى بولسىمۇ سىلەردىن كۆرسەم ئالەمچە سۆيۈنىمەن. مەن سىلەرنىڭ تەبىئىي پەندە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىڭلارنى، قاتتىق تىرىشىپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، سىلەرگە دېسەم مەن تېخى ھازىرغىچە بىرەر ئۆگىنىش قىلىپ ساراڭ بولۇپ قېلىپتۇ، دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئەمما شۇ نەرسە مېڭەڭلەرگە مۆھۈر بولۇپ بېسلىپ كەتسۇنكى، شۇ بويىچە ئىش كۆرۈڭلار: «ئىزچىللىق ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى(چاشقان)». ھەرقانداق ئىشتا ئىزچىل بولۇڭلار. بىز ئۆگەنگەندە ئات- ئېشەكتەك ئۆگىنىپ، ئۆگەنمىگەندە ھورۇنلۇق قۇل، ئازغۇنلۇققا باشلامچى بولۇپ قالىدىغانلاردىن بولۇپ قالمايلى. ئاز بولسىمۇ ئىزچىل ئۆگىنىڭلار. سىلەرگە يەنە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى، لېكىن ئىچىمگە يۇيۇۋېتىش ھەقىقەتەن تەس كەلدى. ئاخىرىدا سىلەرگە ئالىي مەكتەپتە قولدىن بەرمەي ئۆگىنىدىغان دەرسلىكلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ ھەم پىروگرامما ئۆگەنگۈچىلەر ياكى ئۆگەنمەكچى بولغان قېرىنداشلىرىم ئۈچۈنمۇ بىر يول كۆرسىتىپ قويۇش بولۇپ قالغۇسى. مەنمۇ بۇ دەرسلەرنى بەك تىرىشىپ ئۆگەنگەن، لېكىن ئۆزۈم ئارزۇ قىلغۇدەك ئۆگىنىپ بولالمىغان.

يەنە تەس كېلىشلەر يوقمۇ؟
بار، خېلى راۋۇرۇس بار. نۇرغۇنلىغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتاھانلىرىغا قاتنىشىپتىمەن، يازمىچە، يۈز تۇرانە ئىمتاھانلارنى بېرىپتىمەن، لېكىن ئەپسۇس خېلى كۆپلىرىدىن «ئۇچۇرىمىزنى ساقلا ياكى تۇترۇقسىز سەۋەب بىلەن رەت قىلىش ياكى جىمجىتلا يوقاپ» كېتىش بىلەن نەتىجىلەندى. سەۋەبنى ئۆزۈمدىن ئىزدىدىم، يازمىچە ياكى يۈز تۇرانە ئىمتاھاننى ياخشى بېرەلمىدىممۇ- يا؟ دۆلەتلىك كومپيۇتېر ئىككىنجى دەرىجە ئىمتاھانىدا C تىلىدىن قىينالمايلا ئۆتۈپ كەتكەن مەن ئۈچۈن، تېڭشۇن، 360، Sina، 58同城(مەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خېلى كۆپ چوڭ شىركەتلەرنىڭ يازمىچە ئىمتاھانىغا قاتناشتىم، تىلغا ئالغانلىرىمنىڭ بىرقانچىسىنىڭ ئىمتاھان ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدىن بىخەۋەر قىلىپ قاتنىشالمىدىم)  لارنىڭ C تىلىدىن يازمىچە ئىمتاھانىنى بېرىش تەس كەلمەيتتى، تەس كەلگىنى ئۇلارنىڭ يۇقىرىقىدەك نەتىجىلەرنى ماڭا تاشلاپ قويغىنى بولدى. بېيجىڭدىكى بىرقانچە شىركەتلەردىن «يۈز تۇرانە ئىمتاھانغا قاتناش» دېگەن ئۇچۇرمۇ كەلدى، لېكىن يۇقىرىقىدەك نەتىجىلەر مەن ئۈچۈن ھار كەلدىمۇ، ياكى باشقىچە سەۋەب مېنى رەت قىلىشقا ئۈندىدىمۇ ئەيتاۋۇر، ئۇ شىركەتلەرگە بېرىش تۈگۈل، «ھە، بولىدۇ، مان باراي» دېگەن گەپنى چىقىرىشمۇ تەس كەلدى. قىسقىسى نۇرغۇن ئىشلار تەس كەلدى، ئاخىرى تاشلايدىغاننى تاشلاپ، باكۋاۋېرلىق دىسسېرتاتسىيە ماقالەم «ياخشى» دەرىجە(مۇنەۋەر، ياخشى، ئوتتۇرىھال، لاياقەتلىك، لاياقەتسىز دەپ بەش دەرىجە بار) بىلەن مۇۋاپىقىەتلىك ياقىلىنىپ، يەنە شۇ ئارزۇلار بىلەن ئۆيگە يېنىپ كەلدىم. ئىشىنىمەن ماڭىمۇ بىر چىقىش يولى ھامان بار. سىلەردىچۇ؟ سىلەرگە قانداق تەس كېلىشلەر بار؟ ئورتاقلاشمامدۇق!

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش