كۆرۈش: 231|ئىنكاس: 5

يېزىقچلىق مەشقىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۇرۇشتكى رولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېزىقچلىق مەشقىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى رولى

يېزىقچلىق مەشقى ئەدەبىيات ئوقۈتۈشىنىڭ مۇھىم تەركىبىى قىسمى بولۇپ،ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا يېزىقچلىق مەشقىنى قاراتمىلىقى كۈچلۈك،قەدەم-باسقۇچلىرى ئېنىق ھالدا جانلىق ئېلىپ بارغاندا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم -پەن ساپاسى ۋە پىسخك ساپاسىنى ئۆسىتۈرگىلى بولىدۇ.مېنىڭىچە يېزىقچلىق مەشقىنىڭئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆشتۈرۈشىتكى رولى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئېپادىلىنىدۇ:

1.تىل ئىشلىتىش ۋە ئىپادىلەش ئىقىتدارنى ئۆستۇرىدۈ.ئوقۇغۇچىلار يېزىقچلىق ئەمەليىتى بىلەن شۇغۇلىنىش جەرياندا ئالدى بىلەن ئۆزىدە تىل بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىش،سۆزلەرنى قانداق باغلاش،جۈملىلەرنى قانداق قوراشتۈرۇش،ئىستىلىسىتكىلىق ۋاستلەردىن قانداق پايدىلنىش،تىلىدىن پايدىلنىپ ئوي-پىكىر،تەسىرات -چۈشەنچە،ھىسيات ۋە كۆزقاراشىنى قانداق ئېپادىلەش،شەيىئلەرنى قانداق تەسۋىرلەش ئىقتىدارنى يېتلىدۈرەلەيدۇ.

2.كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ.دوراش خاراكىتىرى ئوقۇغۇچىلاردا ئومۇميۇزلۈك مەۋجۇت بولۇپ،ئوقۇغۇچىلار يېزىقچلىققا كىرىشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆزىدىكى دوراش پىسخكىسنىڭ تۈرتكىىسدە،يېزىقچلىق ئەمەلىيتىنى تەقىلىد قىلىشىتىن باشلاپ،بىرىلگەن مەشقىنىڭ ژانىرى ۋە ئەكس ئەتتۈرگەن مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۇنىڭىغا ماس كىلىدىغان نەزەرىيەۋى ماقالىلەرنى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئوقۇيدۇ.بۇخىل پائالىيەت ئىزچىل داۋاملاسلا،بىرتەرەپىتىن ئوقۇغۇچىلاردا كىتاپ ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۇ،يەنە بىرتەرەپىتىن بىلىم دائىرىسى،تەپەككۇر ئىقتىدارى ئېشىپ بارىدۇ.

3.كۆزىتىش،پىكىر يۈگۈزۈش ئادىتى شەكلىنىدۇ.يېزىقچلىق ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەرياندا خىلمۇ-خىل ئادەم،ۋەقە ،ھادىسە،شەيىئلەرنى كۆزىتىشكە ،ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشى شەكلى،ھالىتى ،شۇنداقلا ئىچكى ماھىيىتى ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى ئىگلەشكە ،شەيىئلەرئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشنى بىلىشكە ،بۇجەھەتتە پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە تەسسەۋۋۇر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.نەتىجىدە ،ۋاقىتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شەكلىىنىپ،تەسەۋۋۇر كۈچى ئاشىدۇ.

4.تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلىتىش ئادىتى شەكىللىنىدۇ.ئوقۇغۇچىلار يېزىقچلىق مەشقى ئېلىپ بېرىش داۋامدا ھېسيات-چۈشەنىچىلەرنى توغرا ئىپادىلەش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا ئىشىلىتىشنى كۆپلەپ مەشىق قىلىدۇ،ئەگەر بۇ خىل مەشىق ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلسا ئۇلاردا تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلىتىش ئادىتى شەكىللىنىدۇ.

5.پىسخك چىدامچانلىقى ئېشىپ،بوشاشىماي ئالغا ئىلگىرىلەش روھى شەكىللىنىدۇ.يېزىقچلىق ئىزچىل مەشىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەمەلىيەت پائالىيىتى بولۇپ،يېزىقچلىق ئەمەليىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ھېرىپ-چارچاشىتىن ،جاپا -مۇشەققەتتىن قورقماي،زېرىكىش ھېس قىلماي،قەتئىي نىيەت ۋە سەۋىرچانلىق بىلەن ئىزچىل تىرشچانلىق كۆرستىشكە توغرا كېلىدۇ.ئوقۇغۇچىلار زېرىكىش  ھېس قىلماي ۋە قىيىنچلىقتىن قورقماي داۋاملىق تىرشقاندىلا ئاندىن ياخىشى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالايدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پىسخك چىدامچانلىقى ئېشىپ،بوشاشماي ئالغا ئىلگىرلەش روھى شەكىللىنىدۇ.

(ئاپتۇر پەيزاۋات ناھىيە شاپتۇل يېزا ئەنجانئېرىق باشلانغۇچ مەكتەپتىن ھۆرىگۈل مەمەت)قەشقەر گېزىتى 2014-يىلى4-ئايىنىڭ16-كۈندىن كۆچۇرۇپ ئېلىنىدى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-15 11:46:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم كەسپداشلار  ۋە ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلار ياخىشمۇ سسللەر؟يوللىغان ماتىرىياللاردىن بەھۇزۇر پايدىلىنىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن رەھمەت،يەنى بىر ئېشىم ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ:قانداق قىلسام ‹‹چۈشۇرۇش ››دىگەن خەتنى قوشۇپ يوللغىلى بولىدۇ.ئۇستازلار ياردەم قىلىغان بولسلار13899159771، 18199579771
ۋاقتى: 2016-7-16 13:27:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھىميەتلىك تېما يوللاپىسز، كۆپ تەشەككۇر،
ۋاقتى: 2016-7-16 15:55:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماس بولغان سەھىپىگە يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . چۈشۈرۈش دىگەن خەتنى ئايرىم يېزىپ بۇلۇپ ئاندىن چۈشۈرۈش ئادىرسىنى تەڭشەڭ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-17 01:36:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم رەھمەت ئۇستاز،ھارمىغايىسز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-17 12:49:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم زەپەر ئۇستاز قايىسى سەھىپىگە يوللايىمز،كۆرسەتىمەبەرگەن بولسلار
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش