كۆرۈش: 428|ئىنكاس: 2

مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش ماتىرىيالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ دىمكىراتىك تۇرمۇش يىغىنىدىكى ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش ماتىرىيالى

بۇ ئوقۇش يىلىدا مەن مەكتەپ پارتىيە ياچىيكسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئېلىپ ، مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قەتئى ئىزچىللاشتۇرۇپ ، مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ۋە يىتەكلەپ ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ، تەلىم تەربىيە خىزمىتى ، ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى ، قوشۇن قۇرلۇشى ، مالىيە باشقۇرۇش ، «مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش» ، قوشتىل ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ۋە مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك ، مۇقىملىق ، دىنىي سىڭدۈرمىچىلىكنى چەكلەش ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدىم . خىزمەتلەر جەريانىدا ئۈزەمگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ، ئۈزەمنىڭ پارتىيە ئەزاسى ، رەھبىرى كادىرلىق مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىشقا تىرىشتىم . مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنى مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ ، مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ۋاقتىدا ئىجرا قىلىشقا تىرىشتىم .
بۇ قېتىم پارتىيىلىك كادىرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا قانات يايدۇرۇلغان «ئىككىنى ئۈگىنىش ،بىر بۇلۇش» ئۆگىنىش پائالىيتى داۋامىدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتى ، يىڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرىغا قۇيۇلىدىغان ئۆلچەم ۋە تەلەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ماتىرىياللارنى ئۈگىنشى ئارقىلىق تۇنۇشۇم ئۆستى، چۈشەنچەم چوڭقۇرلاشتى . ئىدىيە ۋە تۇنۇشتا زور يۈكسىلىش ھاسىل قىلدىم . ئۈگەنگەن ماتىرىياللارنىڭ روھى ماھىيىتىنى ئۆز ئىدىيە ئەمەلىيىتىمگە تەدبىقلاپ كۆرگىنىمدە ، خىزمەت ئۇسۇلى ، پوزىتسىيسى ، تەلىم تەربىيە بازىسىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش ، بىلىم بىرىپ ئادەم تەربىيلەش قاتارلىقلاردا مەكتەپ مەمۇرىيىتنىڭ خىزمەتلىرىدە ۋە ئۆزەمنىڭ ئىدىيە ئەمەلىيىتىمدە ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ھىس قىلدىم . تۆۋەندە مەن مەكتەپ مەمۇرىيىتى ۋە ئۆزەمدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى  ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۈتىمەن .
1)مەكتەپ مەمۇرىيىتى خىزمەتلىرىدە ، مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ قارار چىقىرىشىنى كۈتۈپ تۇرۇش ، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ساقلاش ئىللەتلىرى ئېغىر ساقلاندى . بىر قىسىم رەھبەرلىك ئەزالىرىدا شۇجى ۋە مەكتەپ مۇدىرىغىلا تايىنىۋېلىش، يىڭىلىق يارىتىش روھى ۋە يول ئېچىپ ئىلگىرلەش روھى كەمچىل بولۇش ئەھۋاللىرى ساقلاندى .
2)پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ماسلىشىپ كىتەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى . بولۇپمۇ پارتىيە قۇرلۇشى خىزمىتى ، «ئۈچ يىغىن ، بىر دەرس» ، مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش خىزمەتلىرىدە ھەر قايسى بۈلۈم ئىشخانىلارنىڭ ۋە تارماق مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللىشى ۋە ئۆز دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق قانات يايدۇرىشى يىتەرلىك بولالمىدى .
3)مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى بىلەن مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارماسلىق ، خىزمەتلەردە ئوقۇشماسلىق، زىدىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش مەسىلىلىرى ساقلاندى .  مەمۇرىيەتنى ئايرىش جەھەتتە بىر قىسىم مەسىللەر ساقلانغان.
4)پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش كۈچلۈك بولماسلىق ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىزمەتتىكى ئاكتىپچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولماسلىق ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تۇنۇتۇشقا بولغان خىزمەت سالمىقى يىتەرلىك بولماسلىق ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاق ۋە تۈزۈم كۆز قارشى كۈچلۈك بولالماسلىق مەسىلىلىرى ساقلاندى .
5)قانۇن ئارقىلىق مەكتەپ باشقۇرۇش ، بەلگىلىمە ، تۈزۈم بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش تولۇق ئەمىللەشتۈرۈلمىدى ؛ ئوقۇتۇشتا ساقلانغان مەسىلىلەر ۋاقتىدا تۈزىتىلمىدى ؛ ساقلانغان مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىشتا ، تۈزۈم بويىچە ئىش كۆرۈشكە سەل قاراپ ، يۈز خاتىرە قىلىش ، كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتكۈزىۋېتىش ئەھۋاللىرى ئېغىر ساقلاندى ؛ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلمىدى؛ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئىزدىنىش يىتەرلىك بولالمىدى ؛ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى شەكىلگە ئايلىنىپ قالدى ؛ مەكتەپ مالىيە ، ئارقا سەپ خىزمىتىدە «ئۈچنى ئاشكارىلاش» دائىملىق خىزمەتكە ئايلىنالمىدى ؛ ئوقۇشتىن ئاۋۋالقى قوشتىل تەييارلىق خىزمىتى چىڭ تۇتۇلمىدى ، خىزمەتتە يىڭىلىق يارىتىشقا سەل قارالدى . تارماق مەكتەپلەرنىڭ خىزمەتلىرىگە قارىتا يىتەكچىلىك يىتەرلىك بولالمىدى ، مەكتەپلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ، تەكشى تەرەققى قىلدۇرۇشقا سەل قارالدى .
6)مەكتەپ مەمۇرىيەت ئەزالىرى ئىچىدە كوللىكتىۋىزىملىق روھ كامچىل ؛ مەكتەپنىڭ مال - مۈلىكىنى ئاسىرىمايدىغان ، ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەتىنى چوڭ بىلىپ ، كوللىكتىپنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا ئۇرىنىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت .
ئۆزەمدە ساقلانغان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە :
1)ئۈگىنىشكە ئەھمىيەت بىرەلمىدىم ، سىياسى نەزەرىيىۋى ساپا ۋە قوشتىل ساپاسى ھازىرلاشقا سەل قارىدىم . خىزمەت ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ ، مەكتەپ تەشكىللىگەن تۈرلۈك سىياسى ئۈگىنىش ، كەسپى ئۈگىنىش ۋە خەنزۇتىلى ، كومپىيوتىر ئۈگىنىشلىرىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ، بىلىم سەۋىيەمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، تۇنۇشۇمنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرەلمىدىم .
2)مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ئوقۇتۇش كەسپى خىزمەتلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىشىم ، پارتىيە قۇرلۇشى ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ، مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش خىزمەتلىرىدە ، پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللىشىم يىتەرلىك بولالمىدى .
3)پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا ، ئۆزەمنىڭ پارتىيە ئەزالىق بۇرچۇم ۋە مەجبۇرىيتىمنى ئادا قىلىشىم يىتەرلىك بولالمىدى .
4)مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە بولغان يىتەكچىلىكىنى كۈچەيتىشىم ، مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت خىراجىتى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىراجەتلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشتە ، مەكتەپ مالىيە قىيىنچىلىقىنى باھانە قىلىپ ، خىزمەتلەرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلىنشىگە كاپالەتلىك قىلالماسلىق مەسىلىلىرى مەندە ساقلاندى .
5)مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ دائىملىق يىغىنى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ باش قۇشۇش يىغىنلىرىنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ ئېچىشقا سەل قارىدىم . مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرىنى ۋاقتىدا خۇلاسىلاپ ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ مېڭىشتا تەدبىر بەلگىلىشىم كۈچلۈك بولالمىدى .
6)مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىغا ئۈلگە بولۇپ ، بەنزىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى كۈچەيتىشكە سەل قارىدىم . خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش ، بۈلۈم ، ئىشخانىلار ئارىسىدا ئۆز ئارا قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشۇم يىتەرلىك بولالمىدى .
7)«مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش» خىزمەتلىرىگە قارىتا ، مەكتەپ ئىشلەشكە تىگىشلىك خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق پىلانلاپ قانات يايدۇرماسلىق مەسىلىلىرى ساقلاندى .
8)مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى ئۆزەم بىر قوللۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئانالىز قىلىپ ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولغان تۈزۈم تەدبىرلەرنى دادىللىق بىلەن يولغا قۇيۇشقا ئەھمىيەت بىرەلمىدىم .
9)مەكتەپنىڭ ئارقا سەپ ، مالىيە باشقۇرۇش خىزمىتى ، ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ، يىمەكلىك بىخەتەرلىكى ، مەكتەپ ئامانلىقىنى قوغداش خىزمەتلىرىدە ئاجىز ھالقىلارنى ۋاقتىدا بايقاپ ، مەسىلە كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىم يىتەرلىك بولالمىدى .
10)ئاتا - ئانىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ مەكتەپ خىزمەتلىرىگە قارىتا بەرگەن پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ ، ئامما رازى بولىدىغان مائارىپ تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا نىسبەتەن ئىزدىنىشىم يىتەرلىك بولالمىدى .
11)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكمەسلىك ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا سەل قاراش مەسىلىلىرى مەندە ساقلاندى .
يۇقارقى مەسىلىلەرنى تۈزىتىش تەدبىرىم :
1)ئۈگىنىشكە ئەھمىيەت بىرىپ ، تۇنۇشنى ئۆستۈرۈپ ، ئىدىيىدە يۈكسىلىش ھاسىل قىلىپ ، ئاممىغا باشلامچى بولۇپ ، خىزمەتلەردە يىڭىچە قىياپەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئۈگىنىشچان ، مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشتا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن .
2)رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ، مەكتەپ مەمۇرىيىتى خادىملىرىغا بولغان يىتەكچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئارىسىدىكى ئىناۋىتى ۋە قوللىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن .
3)ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۈكۈپ ، مەكتەپلەردىن ھەپتىسىگە بەش سائەتتىن دەرس ئېلىپ ئۈتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ، ئوقۇتۇشتا ساقلانغان قىيىن نوقتا ، قىزىق نوقتا مەسىلىلىرىنى ئالدىن بايقاش ، ئاكتىپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ، ھەر قايسى پەنلەر ئوقۇتۇشى ، قوشتىللىق بالىلار باغچىسى خىزمىتىگە ھەقىقى كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىمەن .
4)ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلار ، پىنسىيىگە ، دەم ئېلىشقا چىققان پىشقەدەملەر ، مەكتىپىمىزدىن رەھبەرلىك خىزمىتى ئىشلەپ ، دەم ئېلىشقا چىققان پىشقەدەم رەھبەرلەر بىلەن پىكىرلىشىش ۋە سىردىشىشنى كۈچەيتىپ ، مەكتەپ خىزمەتلىرىگە قارىتا پايدىلىق بولغان پىكىر تەكلىپلەرنى كەمتەرلىك بىلەن قۇبۇل قىلىپ ، مەكتەپ خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن .
5)مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ تۈرلۈك تۈزۈم تەدبىرلىرىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ ، تۈزم – تەدبىرلەرنىڭ ئىجراسىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ ، ىىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن .
6)مالىيە ، ئارقا سەپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ ، مەكتەپ ئارقا سېپىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ ، مەكتەپ مالىيىسى يار بەرگەن ئەھۋالدا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ ، ساغلام ، بىخەتەر بولغان ئوقۇتۇش مۇھىتى بەرپا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن .
7)پاك دىيانەتلىك بولۇپ ، ئاممىغا ئۈلگە بولۇپ ، بىر ياخشى مەكتەپ مۇدىرى ئارقىلىق بىر ياخشى مەكتەپ ۋە ياخشى رەھبەرلىك كوللىكتىپى بەرپا قىلىشقا تىرىشىمەن .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-9-4 00:31:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماتىريال مەكتەپلەرگەە ئەسقىتىدۇ بولسا ياخشى بولغانلىرىدىن يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن
ۋاقتى: 2016-9-5 13:30:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز رەخمەت سىگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش