كۆرۈش: 161|ئىنكاس: 0

كىتاب مەڭگۈلۈك ھەمراھىمىزغا ئايلانسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىتاب مەڭگۈلۈك ھەمراھىمىزغا ئايلانسۇن


كىتاب - ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئۇنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئەۋزەللىكى، كىشىلەرنى ئىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مەنىۋى ئوزۇق ئىكەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن جەمئىيەتتە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىتاب كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان قورالغا ئايلاندى. ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىتاب ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقىتىپ قويغىنى يوق.
ئۇيغۇر فىلولوگىيە ۋە پەلىسەپە پەنلىرى ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:«كىتاب قەلبنى پاكلايدۇ. ئۇنىڭ ئىنسانغا بېغىشلايدىغان نۇر - نۇسرىتىنى ھەرقانداق زىننەت بۇيۇمى پەيدا قىلالمايدۇ. ئۇ قەلبنى نۇرلاندۇرۇپ، روھىيەتنى بېيىتىپ، ئۆمۈرنى مەنىۋى گۈللەر ۋە يۈكسەك نەزەر بىلەن بېزەيدۇ»دەپ ئېيتسا، ئەنگلىيەلىك مەشھۇر دىراماتورگ شېكىسپېر: «كىتاب پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئوزۇقى، تۇرمۇشتا كىتاب بولمىسا، زېمىندا قۇياش بولمىغانغا ئوخشاش؛ ئەقىل ئىگىسىدە كىتاب بولمىسا، قۇشتا قانات بولمىغانغا ئوخشاش»دەپ كۆرسەتكەن. كىتابنى بۇنداق ئۇلۇغلاش، تەرىپلەش بىزگە كىتابنىڭ قىممىتىنى، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇتىدۇ.
ئەجدادلىرىمىز كىتابنىڭ قىممىتىنى خېلى ئىلگىرىلا بىلگەنلىكى ئۈچۈن كىتابنى قەدىرلىگەن، ئەتىۋارلاپ ساقلىغان، چىن ئىخلاسى بىلەن ئوقۇغان، كىتاب ئارقىلىق ئەۋلادلارنى تەربىيەلىگەن. بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرى 15يىل دەشت - چۆللەرنى كېزىپ، ئۇيغۇر، تۈرك قەبىلىلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، مول ماتېرىيال مەنبەسى توپلاپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى روياپقا چىقارسا، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ«قۇتادغۇبىلىك»نى يېزىپ ئەۋلادلارغا قالدۇرغان. قاراخانىيلار دەۋرىدە«خانلىق مەدرىس»قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارنىڭ ساقلانغانلىقى، ھەمدە خەلقىمىزنىڭ سوۋغا بېرىش ئەنئەنىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە كىتاب سوۋغا قىلىش ئەنئەنىسىنىڭ يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ، مەدەنىيەت ھادىسىسىگە ئايلانغانلىقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىتابنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلغانلىقىنىڭ، كىتابنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
گېرمانىيىنىڭ 19-ئەسىردە ئۆتكەن پەيلاسوپى ئارتۇر شوپېنخائۇر كىتاب ئوقۇش ھەققىدە مۇنداق قىممەتلىك بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان : «يەر قاتلىمى ئىلگىركى ھەر قايسى زامانلاردا ياشاپ ئۆتكەن جانلىقلارنى تەرتىپ بويىچە ئۆزىدە ساقلايدۇ ؛ ئوخشاشلا ، كىتاب جازىسىغا رەت-رېتى بويىچە تىزىپ قويۇلغان كىتابلار ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلار ۋە ئۇلارنىڭ قانداق بايقالغانلىقىنى كۈتۈپخانىدا ساقلاپ قويىدۇ . ئاشۇ جانلىقلارغا ئوخشاش ، بۇ كىتابلارمۇ ئۆز ۋاقتىدا ھاياتىي كۈچكە تولغان » .
تارىخىمىزدىكى دانا ھۆكۈمدارلار ئەينى زاماندا نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، غايەت زور بەدەل تۆلەش ئارقىلىق ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ئېسىل كىتابلارنى توپلاپ كۇتۇپخانىلارنى قۇرغان. ئۇلار شۇ كۇتۇپخانىلاردىكى كىتابلار ئارقىلىق روھىي ئوزۇق ئېلىپ ئۆزىنى تاكاموللاشتۇرغان، تىللاردا داستان بولغۇدەك ئاجايىپ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.
پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىلىمخۇمارلىق، كىتاب ئۇقۇشقا بولغان ھېرىسمەنلىك بىزدە پۈتۈن مىللەت خاراكتېرلىك ئومۇمىي ئادەتكە ئايلىنىشى بەكمۇ زۆرۈر ئىدى. ئەپسۇسكى ئومۇمىي ئەھۋالىمىزغا نەزەر سالغاندا ھازىر ئاشخانا، رېستوران، ئارامگاھ، تورخانىلار ئاۋات، ئەمما كۇتۇپخانا ياكى قىرائەتخانىلارنىڭ تولىسى چۆلدەرەپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە .
2014- يىلى ئۈچىنچى ئاينىڭ باشلىرىدا مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانسىسى جوڭگۇدا كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ كىشىنى ئېچىندۇرغىدەك ئازلىقى ھەققىدە توختىلىپ بىر سىتاتسىتكا ئېلان قىلدى. سىتاتسىتكىدا جوڭگۇدا كىتابنى ئەڭ كۆپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ 30 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن قالسا 40 ياشتىن 53 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكى، 19 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جوڭگۇنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئاخباراتىدا ئېيتىلغان يۇقارقى سېلىشتۇرما كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. چۈنكى كىتاب ئوقۇماي چوڭ بولۇۋاتقان بۇ بىر ئەۋلات ئەتە- ئۆگۈن جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەدىكى سەرخىللىرىغا ئايلىنىدۇ. ئۆزلىرى كىتاب ئوقۇماي تەربىيەلەنگەن بۇ كىشىلەر ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە كىتابنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىشى، تەلەپ قىلىشى ناتايىن.
بۈگۈنكى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان دۇنيادا نۇرغۇن ئادەملەر ۋاقىتنىڭ ناھايتى تىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ھىس قىلسا، يەنە نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ چەكلىك بولغىنىدىن ئۈكىنىدۇ ، ئۇلار بىلىمگە ئىنتىلىدۇ كىتاپ ئۇقۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ ، لېكىن ھەرخىل سەۋەپتىن كىتاپ ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالمايدۇ. كىتاپ ئۇقۇش بىلىم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك بىرخىل ئۇسۇلى،كىتاپ ئۇقۇشقا ئىنتىلگەنلەر،كىتاپ ئوقۇپ بىلىم ئىگىلەشكە يۈزلەنگەنلەر بولسا ئۆز قەلبىنى ئاقارتىشقا قەدەم باسقان ئاقىلانە كىشىلەردۇر. كىتاب-ئىنسانىيەتنىڭ بىلىم جۇغلانمىسى، كىتاب بۈيۈك ئەقىل-پاراسەت غەزىنىسى.
ئامېرىكا «ئوقۇرمەنلەردىن تەرمىلەر» ژۇرنىلىدا بېسىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە سالامەتلىككىمۇ كۆپ پايدىسى بار ئىكەن.
كىتاب ئوقۇش چوڭ مېڭە قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرۇش. دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش. قايغۇ-ھەسرەتنى داۋالاش. يېنىك ياكى ئوتتۇرا ھال ئەسەبىيلىشىشنى داۋالاش قاتارلىق  تەرەپلەردە ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلالايدىكەن.
ئالەمنى قۇياش نۇرى يورۇتىدۇ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى يورۇتىدىغان قۇياش بولسا دەل كىتابتۇر. بىر ئائىلىگە نىسبەتەن كىتابسىز بايلىق شەكسىزكى مەنىۋى گادايلىقتۇر. مەدەنىيەتلىك مىللەتنىڭ تىپىك بەلگىلىرىدىن بىرى ئىلىمخۇمارلىق، كىتابخۇمارلىقتۇر. بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ شانلىق تارىخى، مەدەنىيىتى، گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرى ھەققىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى ئالدى بىلەن كىتاب ئارقىلىق بىلىمىز.
بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر كىتابخۇمارلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قەلبىگە كىتابقا بولغان ئىشتىياق ئوتىنى يېقىشىمىز لازىم. كىتابخۇمارلىق ئىلىمخۇمارلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئىلىمخۇمارلىق بىر ئوت، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە مەۋجۇدلۇقىمىزنىڭ كاپالىتىدۇر. ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن كىتاب مەڭگۈلۈك ھەمراھىمىزغا ئايلانسۇن .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش