كۆرۈش: 245|ئىنكاس: 2

باشلانغۇچ مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات دەرىسلىكىدىكى تارىخى شەخىسلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تارىخىي شەخىسلەر

◆ يۈسۈپ خاس ھاجىپ: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن بۈيۈك مۇتەپەككۈر، شائىر،دانىشمەن ۋەزىر،مەشھۇر دۆلەت ئەربابى. ئۇنىڭ دۇنياغا دڭلىق قۇتادغۇبىلىك ناملىق ئەسىرى بار.
◆ مەمتىلى ئەپەندى: مەشھۇر مائارىپچى،ئوت يۈرەك كومپوزىتور،شائىر.ئۇ بلىم ئېلىش يولىدا جاپالىق ئىزدىنىپ، باشقا يۇرتتا سەرسان بولۇپ تىرىشىپ بىلىم ئالغان،مائارىپىمىز ئۈچۈن ئاساس سالغۇچى.1934-يىلى ئاتۇشتا مەكتەپ قۇرغان.
◆ ئايخان ئانا: 1935-يىلى غۇلجىدا ياشاپ ئۆتكەن. مەكتەپ قۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئۆيىنى تەقدىم قىلغان ساخاۋەتچى ئايال. قۇرغان مەكتىپىنىڭ نەمى ‹‹خەيرىيە مەكتىپى››
◆ لۇتپۇللا مۇتەللىپ: 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇئاتا چۈنجىئا يېزىسىنىڭ ساي بويى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 23يېشىدا ئاقسۇدا قەتلى قىلىنغان.ئۇنىڭ قىسقىغىنە ھاياتى جەڭگىۋار يالقۇنلۇق ھايات.
◆ مەخمۇت كاشىغەرى:قاراخانىيلار خانلىقى زامانىسىدا ئۆتكەن ئۇلۇغ تىلشۇناس. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىق كەنتىدە تۇغۇلغان.‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى.
◆ سادىر پالۋان:ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق قوشاقچىسى، ئۇ 1798-يىلى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ موللى توختى يۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.زالىم ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن قامالغان.
◆ دارۋىن:مەشھۇر ھاشاراتلار ئۈستىدە ئويلىنىپ،ھاشاراتلارنى تەتقىق قىلىدىغان ھاشاراتشۇناس.
◆ ئەخمەتجان قاسىمى:ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ رەھبىرى. غۇلجىدا تۇغۇلۇپ ياشاپ ئۆتكەن.
◆ بىتخوۋېن: گېرمانىيەلىك ئەڭ ئۇلۇغ كومپوزىتور. دۇنيا مۇزىكىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان،مۇزىكا پىرى دەپ ئاتالغان. 26 يېشىدا گاس بولۇپ قالغان.
◆ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان: 840-يىلى تۇغۇلغان،قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ شاھزادىسى.خەلقپەرۋەر،ھەققانىي،پۇقرالارنىڭ كۆڭلىنى دانا چۈشۈنىدىغان پادىشاھ.
◆ لى داجاۋ:  ئىنقىلاۋى قۇرباننىڭ ئىنقىلاپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇشتەك ئۇلۇغ روھى ۋە دۈشمەنگە قەتئى تېز پۈكمەيدىغان ئالىجاناپ پەزىلەتكە ئىگە.
◆ئاندىرسېن: دانىيەلىك دۇنياغا داڭلىق بالىلار چۆچىكى يازغۇچىسى. 1805-يىلى تۇغۇلۇپ 1875-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
◆ ئىپارخان: دىيانەتنى،ساددىلىقنى،ئەركىنلىكنى ھەممىدىن ئەزىز كۆرىدىغان ئالىجاناپ،ئېسىل پەزىلەتكە ئىگە ئايال.
◆ سۇجىۋا: مەشھۇر كۈيچى ۋە مۇزىكا نەزەرىيىچىسى،قەدىمى كۈسەن ئېلىدىن بولغان مۇزىكانت.
◆ ئەرمىيا(نىمشېھىت): ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىلىرىنىڭ بىرى.ئاتاقلىق شائىر،مەرىپەتپەرۋەر،خەلقپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر، ئادالەتنى ياقلايدىغان،قورقماس،پىداكىرانە روھقا ئىگە.باي ناھىيە سايرام يېزىسىدا تۇغۇلغان.
◆ يەتتە قىزلىرىم: باتۇر، قەيسەر، قورقماس،ئۆز يۇرتداشلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن جېنىنىمۇ پىدا قىلالايدىغان ۋەتەنپەرۋەر قىزلار.
◆ شىراق: ئەقىل-پاراسەتلىك، باتۇر، قەيسەر، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان، يۇرتىنىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلالايدىغان خىسلەتكە ئىگە ئادەم.
◆ تۇمارىس: باتۇر، قورقماس، ئەرلەرگە خاس جاسارەتكە ئىگە. يۇرتنى قوغداش يولىدا نۇرغۇنلىغان جاپالارنى تارتقان بىر قەيسەر ئايال.
◆ بۆكۈخان: باتۇر، ئەقىل-پاراسەتلىك، نۇرغۇن بىلىملەرنى بىلىدىغان، خەلقپەرۋەر، دانا، تەڭسىزلىككە قارشى تۇرىدىغان ئادەم.
◆ نۇزۇگۇم: ئىپپەت-نومۇسلۇق، ئىپپەتنى ئەلا بلىدىغان، پاكلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان ئىپپەت قەھرىمانى.
◆ موللا مۇسا سايرامى: 1878-يىلىدىن 1908-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياشاپ ئۆتكەن. بىلىمگە ئىنتىلىدىغان، ئىزدىنىدىغان، ئېسىل روھقا ئىگە.
◆ مەخسۇت مۇھىتى: ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر، يېڭىلىقپەرۋەر،ئۇيغۇر مائارىپىغا تۇنجى بولۇپ ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى.
◆ ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلار: غەربنىڭ مەدەنىيىتىنى تۇنجى بولۇپ ئېلىمىزگە ئېلىپ كىرگەن شۇ دەۋردىكى خەلقلەرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئاڭ سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۆتىرىش، نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-2-17 00:49:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتىرىيال ئىكەن رەھمەت سىزگە..
ۋاقتى: 2016-2-22 14:15:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتىريال يوللاپسىز رەھمەت .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش