كۆرۈش: 325|ئىنكاس: 0

ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدىكى 12 تۈرلۈك تۈزۈم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدىكى 12 تۈرلۈك تۈزۈم
1 – مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى
1)مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىگە ئاساسلىق مەسئۇل كىشى ، ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىگە نىسبەتەن رەھبەرلىك رولىنى ئۆتەيدۇ . كونكىرت خىزمەتلەر داۋامىدا تۆۋەندىكى بەش لىنىيەدىكى خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيدۇ .
بىرىنچى : مەكتەپ مۇدىرى – ئىلمىي بۈلۈم – دەرس ئوقۇتقۇچىسىنى ئاساس قىلغان دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۆتكىلى خىزمەت لىنىيىسى
ئىككىنچى : مەكتەپ مۇدىرى – ئەخلاقى تەربىيە مۇدىرى – سىنىپ مۇدىرىنى ئاساس قىلغان ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى لىنيىسى .
ئۈچىنچى : مەكتەپ مۇدىرى – قانۇنغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىر – ئەخلاقى تەربىيە مۇدىرى – سىنىپ مۇدىرى مەسئۇللىقىدىكى قانۇن تۈزۈم خىزمەت لىنىيىسى .
تۆتىنچى : مەكتەپ مۇدىرى – پارتىيە ياچىيكىسى – ئىتتىپاق تەشكىلاتى (پىئونىرلار ئەترىتى ) نى ئاساس قىلغان ئۆز – ئۈزىنى تەربىيلەش پائالىيەت لىنىيىسى.
بەشىنچى : مەكتەپ – ئائىلە – مەھەللىنى ئاساس قىلغان ئۈچ تەرەپ بىرلەشمە تەلىم تەربىيە خىزمەت لىنىيىسى .
2)مەكتەپ مۇدىرى چۇقۇم پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىشى ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ ، ئادەم تەربىيلەشنى ئاساس قىلىش، ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى ئالدىنقى ئورۇندا قۇيۇش  ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بىرىشتىن ئىبارەت ئاساسى قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش لازىم . مەكتەپ مۇدىرى ماۋسۇمدا بىرقېتىم پتۈن مەكتەپنىڭ ئەىلاقى تەربىيە خىزمىتى يىغىنىنى تەشكىللەپ ، رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىشى ، ئۈچ قېتىم ئەخلاقى تەربىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىشى ، ئەىلاقى تەربىيە خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ، باسقۇچ خاراكتىرلىك ئەىلاقى تەربىيە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ۋاقتىدا خۇلاسىلاش لازىم .
پىلاننىڭ مۇۋاپىق ، تۈزۈمنىڭ مۇكەممەل ، ئارخىپنىڭ تولۇق بولىشىغا ئەھمىيەت بىرىپ ، ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ، باھالاش ئىشلىرىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش لازىم .
3) ئەخلاقى تەربىيە قۇشۇن قۇرلۇشىنى باشتىن – ئاخىرى كۈچەيتىش ، ئەخلاقى تەربىيە تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەشنى كۈچەيتىش ، نەزەرىيە ئۈگىنىش ، كەسپى ئۈگىنىش ، ئەخلاقى تەربىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمەت سەۋىيىسى ۋە نەزەرىيە تەتقىقات سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈلگىلىك ، باشلامچىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ، پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەپ ، دەرسخانا ئىچى – سىرتى ، مەكتەپ ئىچى – سىرتىدىكى تۈرلۈك تەربىيە ئامىللىرى ئارقىلىق ، تۈرلۈك ئەخلاقى تەربىيە مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىپ ، پارتىيە مەركىزى كومتىتى ، گوۋۇيۇەننىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە ئەخلاق قۇرلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ، ئەخلاقى تەربىيە سېستىما قۇرلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قۇيۇش ، ئەخلاقى تەربىيە نىشان ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاش ، ياخشى بولغان مەكتەپ ئىستىلى تۇرغۇزۇش ، مەكتەپنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم .
2        - پۈتۈن خادىملار مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى
1)مەكتەپتىكى پۈتۈن ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئەخلاقى تەربىيە خىزمەتچىلىرىدۇر ، ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئورنىدا ئادەم تەربىيلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز – ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك . مەكتەپنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى مەركەز قىلغان ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىشى كېرەك .
2) مەكتەپتىكى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى – ئىشچى خىزمەتچى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقى ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىشى ، مۇلازىمەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى ، كەسىپنى قەدىرلىشى ، ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۈيىشى ، ئائىلە باشلىقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشى ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلشىشى ، پاك دىيانەتلىك بولۇپ  ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشى ، ئۇستاز روھىنى نامايەن قىلىشى ، خەلق ئوقۇتقۇچىسىدا بولۇشقا تىگىشلىك ئۈلگىلىك سۆز – ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشكە تەسىر كۆرسىتىشى لازىم .
3)ھەر بىر ئوقۇتقۇچى چوقۇم دەرسخانا تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بىرىش ، ھۆرمەتلەشنى ئۈگىنىۋېلىش، ئوقۇغۇچىلارغا كۈيۈنۈش ، دەرسخانىدا ئۆلچەملىك ئەخلاق سۆزلىرىنى ئىشلىتىش ، ھەر بىردەرس ، ھەر بىر پائالىيەتتە ئەخلاقى تەربىيەنى چىقىش نوقتىسى قىلىش ، ئەخلاقى تەربىيەنى دەرسخانا ئوقۇتۇش ۋە كۈندىلىك پائالىيەتلەرگە سىڭدۈرۈش ، يىلدا بىر نۆۋەت ئەخلاقى تەربىيە بويىچە مۇنەۋۋەر ئىش پائالىيەتلەرنى كۆرەك قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش لازىم .
4) ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچ خىل ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەشكە بىرلەشتۈرۈپ ، ئەخلاقى تەربىيىدە يىتەكلىنىدىغان ئوبىكىتلارنى تۇرغۇزۇش ، قاراتمىلىقى بولغان ئىدىيە ، ئۆزگەرتىش ىىزمەت تۈزۈمىنى ئېلىپ بېرىش ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ، ياردەم بىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ، شۇ ئارقىلىق تەجىرىبە توپلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم .
3        – سىنىپ دىرىجىلىك يىتەكچىلىك قىلىش تۈزۈمى
1)ھەر ئوقۇش يىلى باشلىنىشتىن بۇرۇن مەكتەپنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسىغا ئاساسەن ، يىللىقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە  بىرلەشتۈرۈپ ، سىنىپ دەرىجىلىك تەربىيە پائالىيەت پىلانى ۋە مۇنەۋۋەر سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلىش ئۆلچىمىنى كوللىكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ بىكىتىپ ۋە تىزلىكتە ئەمىللەشتۈرۈپ ، ياخشى بولغان سىنىپ ئىستىلى يارىتىش لازىم .
2) سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ سىنىپ باشقۇرۇشتىكى تايانچلىق رولىنى ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللىكتىۋىزىملىق روھىنى ۋە ئۈلگىلىك ، نەمۇنىلىك رولىنى ، سىنىپ ، ئائىلە ، جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىش رۇلىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇپ ، ئايرىم ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە ئۆزىنى تەربىيلەش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم .
3) سىنىپ پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇپ ، خاسلىققا ئىگە سىنىپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش ، بولۇپمۇ دەرستىن سىرتقى كۇرژۇك پائالىيىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللىكتىپ ئىجتىمائى پائالىيەتلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، سىنىپ يىغىنى ، ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ، ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمىدىن پايدىلىنىپ ۋە چوڭ بايرام خاتىرە كۈنلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك تىمىدىكى ئىدىيە ئەخلاق تەربىيىسى ۋە ئەخلاقى تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ ، ئەخلاقى تەربىيىنى ئوقۇتۇش تەلىم – تەربىيە خىزمەتلىرىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش لازىم.
4) سىنىپ كوللىكتىپى قۇرلۇشىنى كۈچەيتىپ ، ئۈلگىلىك سىنىپ باشقۇرۇپ ، سىنىپ دەرىجىلىك باھالاش ، سېلىشتۇرۇش ، خۇلاسىلاش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ نەتىجىسى ياخشى بولغان سىنىپ كوللىكتىپلىرىنى مۇكاپاتلاش لازىم .
4 – ئائىلە باشلىقلىرى خىزمەت تۈزۈمى
1)ئائىلە باشلىقى ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىدىكى بىرىنچى ئۇستاز . مەكتەپ ئائىلە تەربىيىسىگە يىتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ ، ياخشى بولغان ئائىلە تەربىيىسى مۇھىتى يارىتىپ ، مەكتەپ ، جەمئىيەت ، ئائىلە تەربىيىسىنى ئەمەلى بىرلەشتۈرۈش ، مەكتەپنىڭ ئاتا – ئانىلار مەكتىپى نىزامنامىسىنى تۈزۈپ چىقىپ ، ۋە ئاتا – ئانىلار مەكتىپىنى قۇرۇپ ياخشى باشقۇرۇپ ، ئاتا – ئانىلار مەكتىپىنىڭ ئادەم تەربىيلەشتىكى ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم .
2) ئاتا – ئانىلار مەكتىپى كومتىتى ۋە ئاتا – ئانىلار سىنىپى كومتىتىنى قۇرۇپ ، ماۋسۇمدا 2 قېتىم ئاتا – ئانىلار كومتىتى يىغىنى ۋە ئاتا – ئانىلار يىغىنى چاقىرىپ ، ئاتا – ئانىلار مەكتىپىنىڭ مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدىكى رۇلىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ ، تەربىيلەش نىشانىنى بىرلەشتۈرۈپ ، كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيە سەۋىيىسىنىڭ ئۈسىشىگە ياردەم بىرىشى كېرەك .
3)ئاتا – ئانىلار كومتىتى يىغىنى پائالىيىتى تۈزۈمى ، ئاتا –ئانىلار مەكتىپى ئۇچۇرلىغا ئىنكاس قايتۇرۇش تۈزۈمى ، ئائىلە باشلىقلىرى ئۈگىنىش تەربىيلەش تۈزۈمى ، تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە خۇلاسىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە  مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم .
4) ئۈنۈملۈك بولغان پائالىيەتلەرنى لاھىيىلەپ ، ئائىلە باشلىقلىرىنى تۈرلۈك ئۈگىنىش ۋە ئىكىسكۇرسىيە پائالىيتى ، ئۆز – ئارا زىيارەت قىلىش ، ئالاقە دوستلۇق پائالىيىتى ، ئاتا – ئانىلار مەكتىپى ئېچىۋىتىلگەن كۈن پائالىيىتىنى تەشكىللەپ ، ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ياردەم بىرىپ ، پەرزەنت تەربىيلەش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ ، پەرزەنىتلىرىنىڭ مەكتەپ ئىچى – سىرتىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم .
5 – مەھەللىۋى مائارىپ تۈزۈمى
1)قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە ئەخلاق قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش، پۈتۈن پارتىيە ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى . شەھەر - مەھەللىلەر ، يېزا – كەنتلەر  باشتىن – ئاخىرى قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە ئەخلاق قۇرلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىجتىمائى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ . مەكتەپ ئاكتىپلىق بىلەن مەھەللىۋى مائارىپ تەشكىلى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، مەھەللىنىڭ ھەمكارلىقى ئارقىسىدا ئۈنۈملۈك بولغان تەربىيە خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش لازىم . مەھەللىدىكى قىزغىنلىقى يۇقىرى ياش مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى قۇشۇمچە يىتەكچىلىككە تەكلىپ قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش لازىم .
2)مەكتەپ ئاكتىپلىق بىلەن ھەرىكەتكە كىلىپ ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ، تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەر ئارقىلىق مەكتەپنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ، ئەدلىيەت كادىرلىرىنى مەكتەپنىڭ قانۇن تۈزۈمگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا ياكى يىتەكچىلىكىگە تەكلىپ قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى پىلانلىق ئاساستا تەربىيلەپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن – تۈزۈم تۇنۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ساغلام ئادەم تەربىيلەش مۇھىتى يارىتىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، ياخشى بولغان ئىجتىمائى كەيپىيات يارىتىش لازىم .
3) جەمئىيەتتىكى ماس كىلىدىغان پائالىيەت مەيدانلىرى ، تۈرلۈك تەربىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ،  يىتەكچىلىك خاراكتىرى يۇقىرى بولغان مەدەنىي – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ، توغرا بولغان تور ئەخلاقى يىتىلدۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىلىق كىتاب ، گىزىت –ژورنال ، ئۈن – سىن ، تور ئۇچۇرلىرى ۋە رادىئو تىلىۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلار ئىدىيىسىدىكى ئۆزىنى تۆۋەن چاغلايدىغان ناچار يپىياتلارنى چىقىرىپ تاشلاش لازىم .
4) مەكتەپ مەھەللىۋىي مائارىپ كومتىتى قۇرۇش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائى ئەمىلىيەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتۇرۇپ ، مەھەللە مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشتەك ئۈنۈملۈك مىخانىزىم ئورنىتىپ ، تۈرلۈك تەربىيە بازىلىرىنىڭ رۇلىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا ئاكتىپلىق بىلەن شارائىت يارىتىپ بىرىش لازىم .
6        – ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى باھالاش تۈزۈمى
1)ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى باھالاشتا ، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ باھالاش ئۆلچىمى ئاساس قىلىنىدۇ .
2) ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشتا مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى باھالاش گۇرۇپپىسى بىر تۇتاش باھالاش ، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ، لايىھەلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن ، مەكتەپنىڭ كونكىرت ئەمەلى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ، تەپسىلى باھالاش لايىھىسىنى بىكىتىپ چىقىش لازىم . باھالاش جەريانىدا كۈندىلىك باھالاش بىلەن تۈرلۈك تەربىيە پائالىيەتلىرىنى باھالاشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، باھالاشنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى ۋە ئىنىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم .
3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە ئەخلاقىنى باھالاشتا ، سىنىپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇپ ، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ، ئائىلە باشلىقلىرى ، سىنىپ ھەيئەتلىرى بىلەن ماسلىشىپ ، نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى كۈندىلىك باھالاشتىن باشقا ، ھەر ئوقۇش ماۋسۇمىدا ئونۋىرسال باھالاش ، ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمىنى باھالاش ئۆلچىمى قىلىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە ئەخلاقىنى باھالاشنىڭ تەپسىلى پىرىنسىپى ۋە باھالاش ئۆلچىمىنى بىكىتىپ چىقىش ، باھالاش نەتىجىسىنى ئائىلە باشلىقلىرىغا ئۇقتۇرۇش ، قوللانمىغا توشقۇزۇش لازىم . مەكتەپ رەھبەرلىكى ماۋسۇمدا بىر قېتىم «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» لارنى مۇكاپاتلاش لازىم .
4) مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە نىسبەتەن ، تۈرلۈك ئىلغار ئىش – ئىزلارنى باھالاش پاكىتى قىلىش لازىم . مەكتەپ ھەر ئوقۇش يىلىدا ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار ئوقۇتقۇچى ، ئىلغار خىزمەتچىلەرنى باھالاپ چىقىپ مۇكاپاتلاش لازىم .
7 – بايراق چىقىرىش تۈزۈمى
1)«دۆلەت بايرىقى قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ، ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ، مۇھىم بايرام  ،خاتىرە كۈنلەردە چوقۇم كوللىكتىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش لازىم . ھەر كۈنى (ئىككى تەتىل ، دەل ئېلىش كۈنلىرى ۋە ھاۋارايى شارائىتى يار بەرمەيدىغان كۈنلەردىن باشقا) بايراق چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇش ، ھەر قېتىم بايراق چىقارغاندا پۈتۈن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ھۆرمەت بىلدۈرۈش ، دىققەتتە رەتلىك تۇرۇش ، دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم .
2) ئادەتتىكى بايراق چىقىرىش ۋاقتىدا ، مەيداندىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ھەممسى دۆلەت بايرىقىغا يۈزلىنىشى ، سۈكۈتتە تۇرىشى ، پىئونىرلار ئەترەت سالىمى بىرىشى لازىم . دۆلەت بايرىقى چىقىرش ئاياغلاشقاندىن كىيىن ، ئىختىيارى پائالىيەت قىلىش لازىم .
3)ھەر قېتىملىق بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلغاندا ، بايراق ئېلىپ كىرىش ، بايراق چىقىرىش ، دۆلەت شىئىرىنى ئورۇنداش ، بايراق ئاستىدا سۆز سۆزلەش تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى لازىم . بايراقچىلار ، بايراق قوغدىغۇچىلار ھەر قايسى سىنىپلارنى تاللىنىشى ، مەكتەپ قاتتىق مەشىقلەندۈرگەندىن كىيىن بايراق چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى لازىم . بايراق ئاستىدا سۆزلىنىدىغان سۆز ئوقۇتقۇچىلار ياكى بۇ جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن يېزىلىشى ، مەزمۇنى چوقۇم تۇرمۇشقا ، ئوقۇغۇچىلارغا ، ئەمەلىيەتكە يېقىن بولىشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كىلىشى ، تەربىيە خاراكتىرلىك ، ئوقۇغۇچىلار ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان ، ئىسىدە تۇتالايدىغان بولىشى لازىم . سۆزلەشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەترەت تەربىيچىسى كۆرۈپ تەستىقلىشى ، بايراق چىقىرىش مۇراسىم خاتىرىسى بىلەن بىللە ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم ماتىرياللىرى قاتارىدا ئۆلچەملىك ئاخىپلاشتۇرلىشى لازىم .
4) دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ، كونىراپ كەتكەن ، ئۆلچەمگە توشمايدىغان بايراقلارنى ئىشلەتمەسلىك لازىم .
8 – ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاش مۇكاپاتلاش تۈزۈمى .
1)رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش ، مەكتەپ مۇدىرى باشچىلىقىدىكى ئىلمى بۈلۈم ، ئەخلاقى تەربىيە بۈلۈم ، ئىتتىپاق ياچىيكىسى ، پىئونىرلار باش ئەترىتى ۋە ئوقۇغۇچى كادىرلار قاتناشقان ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاش مۇكاپاتلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپسى قۇرۇش ، بۇ خىزمەتكە نىسبەتەن كونكىرت رەھبەرلىك ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى ئىشلەش لازىم .
2) «ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى» ۋە «ھەرىكەت ئۆلچىمى» نى ئەستايىدىل ئەمىللەشتۈرۈپ ، يۇقارقى تەلەپ ئاساسىدا ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاش مۇكاپاتلاش خىزمىتىنىڭ تەپسىلى باھالاش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىش لازىم .
3) ھەپتىلىك نۆۋەتلىشىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى تۇرغۇزۇپ، كۈندىلىك تەكشۈرۈش ، ھەپتىلىك خۇلاسە ، ئايلىق سېلىشتۇرۇپ باھالاش ، ماۋسۇملۇق خۇلاسە تەھلىل قىلىش ۋە يىللىق مۇكاپاتلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم . بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ھەرىكەت قائىدىسىگە ئادەتلەندۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ھەرىكەت قائىدىسىدە ئۆلچەمگە يىتىش نىسبىتىنى %99 دىن يۇقىرى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم .
4)ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان قانۇن تۈزۈم تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ، قانۇن تۈزۈم قارشى تۇرغۇزۇش لازىم . ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان قانۇن تۈزۈم دوكلاد پائالىيىتىنى ماۋسۇمدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ قانۇن ئۈگىنىدىغان ، قانۇننى بىلىدىغان ، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان كىچىك پۇقرا بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ قەتئى ئالدىنى ئېلىش لازىم .
9 – سىنىپ يىغىنى تۈزۈمى
ھەپتىدە بىر نۆۋەت سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ ، سىنىپ يىغىنىنى مەكتەپنىڭ دەرس پىلانىغا كىرگۈزۈش ، ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەر خىل سەۋەپ بىلەن سىنىپ يىغىن ۋاقتىنى ئىگەللىۋېلىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش لازىم .
2) ھەر قېتىملىق سىنىپ يىغىنىنى تەرتىپلىك ئېچىش ، ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ بېرىش ، خالىغانچە ئېچىشتىن ساقلىنىش لازىم .
3) سىنىپ يىغىنى مەكتەپنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنىڭ نىشانلىق ۋەزىپىسى قىلىش ، ئەخلاقى تەربىيە سېستىما قۇرلۇشىنىڭ تەركىبى قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ، سىنىپنىڭ باشقۇچلۇق تەربىيە ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ، كونكىرت لايىھىسى بولۇش ، نىشان ئىنىق بولۇش ، تىمىنى يۇرۇتۇپ بىرىش ، مەزمۇنى يىڭى بولۇش ، شەكلى جانلىق بولۇش ، تەييارلىقى پۇختا بولۇش ، بارلىق ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىش ، نەتىجىسى ياخشى بولۇش ، پائالىيەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش لازىم .
4) ۋاقىت بەلگىلەپ مۇنەۋۋەر سىنىپ يىغىنى پائالىيەتلىرى ۋە يىغىن لاھىيىسىنى باھالاش ئېلىپ بېرىش ، ھەر يىلى بىر قېتىم مۇنەۋۋەر سىنىپ يىغىنلىرىنى باھالاش ۋە كۆرەك قىلىش پائالىيىتى تەشكىللەش لازىم .
10        – سىنىپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت تۈزۈمى .
1)سىنىپ مۇدىرىنى تاللاشقا ئەھمىيەت بىرىش ، سىنىپ مۇدىرلىرىنى تەربىيلەش پىلانى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تەربىيلەش پىلانىنى ئەتراپلىق تۈزۈپ ۋە ئىزچىلاشتۇرۇپ ، سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ئونۋىرسال كەسپى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش لازىم . ئايدا بىر نۆۋەت سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ئۈگىنىش يىغىن تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ، ماۋسۇمدا بىر نۆۋەت سىنىپ مۇدىرلىرىنى تەربىيلەش ۋە سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى سىناش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ، يىلدا بىر نۆۋەت سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ خىزمەت تەجىرىبىسىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئىلغارلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئېچىش لازىم .
2) سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيىشى ، ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۈلىشى ، ئوقۇغۇچىلارغا يىتەكچىلىك قىلىشى ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ چىقىشى ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە تەربىيلىشى ، ماۋسۇملۇق ئەخلاقى تەربىيە خىزمەت پىلانى ۋە ئەخلاقى تەربىيە سېستىما قۇرلىشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ، يىللىق ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ، سىنىپنىڭ ئەخلاقى تەربىيە ئوقۇتۇش پائالىيەت پىلانىنى تۈزۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم .
3) توغرا بولغان ئىختىساسلىقلار قارشى ، مائارىپ قارشى ۋە ئوقۇغۇچىلار قارشى بولىشى لازىم . تەرەققىيات نوقتىسى چوقۇم ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا قارىتىلىشى ، ئادىل باھالىشى ، مائارىپ ئادىللىقىغا ئەھمىيەت بىرىشى لازىم . ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا قارىتا ئادىل بولۇش ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ۋە تەربىيلەشكە يتەكلەش ، سىنىپ ھەيئەتلىرىنى ياخشى تەربىيلەش ، تۇراقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ، ئىتتىپاق ، ئىناق ، مەدەنىيەتلىك سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلىشتا ئاكتىپ بولىشى لازىم .
4) سىنىپ مۇدىرى ئاكتىپ ھالدا دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ، ئوقۇغۇچىلاردا ساقلانغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق تەربىيلەر ئارقىلىق تۈزىتىشكە يىتەكلەش ، يىڭى شەكىلدىكى تەربىيە ئۇسلۇبى يارىتىش ، تەربىيدىكى مۇستەققىللىق ، ئالاھىدىلىك ۋە تەجىرىبىلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم .
11 – ئىجتىمائى ئەمەلىيەت پائالىيىتى تۈزۈمى
1)مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائى ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسىنى ياخشى ئۈتۈش ئۈچۈن ، ئۈنۈمى يۇقىرى پائالىيەتلەرنى لاھىيىلىشى ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق تەرەققى قىلدۇرىدىغان سۇپا ھازىرلىشى لازىم . ئوقۇغۇچىلارنى لېفىڭدىن ئۈگىنىش پائالىيەتلىرى ، پاراۋانلىق ئەمگەكلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىلىرىنى ئىكىسكۇرىسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش ۋە ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىش روھىنى يىتىلدۈرۈش لازىم .
2) ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەش پىلانىغا ئاساسەن ، تەن ساغلاملىق تەربىيىسىنى يادرو قىلىپ، ئىجتىمائى ئەمەلىيەت پائالىيەت بازىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، «ئىجتىمائى ئەمەلىيەت كۈنى» پائالىيىتىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ ۋە تەشكىللەش ، ھەر ئوقۇش ماۋسۇمىدا بىر ھەپتىدىن كام بولماسلىق لازىم .
3) پائالىيەتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائى ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىش ، تەشكىللىك ، پىلانلىق ، مەقسەتلىك بولۇش ، رەھبەرلىك قىلىدىغان ، تەكشۈرىدىغان ، يىتەكچىلىك قىلىدىغان ، خۇلاسىلايدىغان ، تولۇق ئارخىپلاشتۇرىدىغان خىزمەت مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم .
4) مەكتەپنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ، ئىجتىمائى ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى تاللاش ، پائالىيەتنىڭ كوللىكتىپ ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەھمىيەت بىرىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەككە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەش ، ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم .
12 – مۇھىم بايرام ، خاتىرە كۈن تەربىيسى تۈزۈمى
1)        يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مۇھىم بايرام ، خاتىرە كۈنلەردىكى ئىدىيە ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ، مۇھىم بايرام ، خاتىرە كۈنلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىنقىلابى ئەنئەنە تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ، مۇھىم بايرام ، خاتىرە كۈنلەردە بايراق چىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم .
2)        خاتىرە كۈنلەرگە ماس كىلىدىغان مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم . باھار بايرىمى ، چوكانتال بايرىمى ، تاۋۇز چاغىنى ئەنئەنىۋى بايرام ۋە ئەمگەكچىلەر بايرىمى ، ياشلار بايرىمى ، بالىلار بايرىمى ، پارتىيە بايرىمى ، ئارمىيە بايرىمى ، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق مۇھىم بايراملاردا مەكتەپ پىلانلىق ھالدا خاتىرلەش پائالىيەتلىرى ۋە مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە يىغىنى پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش لازىم .
3)        ھەربىر بايرامنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ، خاتىرلەش ۋە ئىديىۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنى مول مەزمۇنلۇق ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم . ئاساسلىقى نوتۇق سۆزلەش ، .ئەدەبىي سەنئەت پائالىيىتى ، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ، ئىنقىلابى ناخشا ئوقۇش مۇسابىقىسى ، زىھىن سىناش مۇسابىقىسى ، تەشۋىقات كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ۋەتەننى سۈيۈش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئەھمىيەت بىرىش تەربىيىسىنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىش لازىم .
4)        مەكتەپ ئىچىدىكى تۈرلۈك تەشۋىقات قوراللىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش ، تام گىزىتى ، قول يازما گىزىتى ، مەكتەپ رادىئو ئۇزىلى قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىللىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا مۇھىم بايرام ، خاتىرە كۈنلەرنى خاتىرلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تۇنۇتۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخىنى توغرا تۇنۇش قارىشىنى كۈچەيتىپ ، ئوقۇغۇچىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ ۋەتەنگە ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىش ئىتىقادى تۇرغۇزۇش لازىم .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش