| شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ مەكتەپلىرىدىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجە ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتىدىكى يىتەكچى پىكىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپ مەكتەپلىرىدىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجە ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمتىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش،«گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائى كاپالەت مىنىستىرلىقى،مالىيە مىنىستىرلىقى،مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەجبۇرى مائارىپ مەكتەپلىرىدە نەتىجە ئۈنۈم ئىش ھەققى يىتەكچى پىكىرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (گوۋۇيۈە بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان133{2008}-نۇمۇرلۇق)«مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ نەتىجە ئۈنۈم ناھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىرى»{2008}15-نۇمۇرلۇق)«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۈكۈمىتى كۈچۈرۈپ تارقاتقان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت نازارىتى ،مالىيە نازارىتى،مائارىپ نازارتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ مەكتەپلىرىدە نەتىجە ئۈنۈم ئىش ھەققى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى » {2009}144-نۇمۇرلۇق)،شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ بۇ پىكر بىكىتىلدى. بىرىنچى ،يىتەكچى ئىدىيە: پارتىيە 18.قۇرۇلتىيى،18.نۆۋەتلىك 3-4-ئۇمۇمى يىغىنى روھى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى يىتەكچى قىلىپ،ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرلۇشىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز،ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىشتا قەتئى چىڭ تۇرۇپ،ئەخلاقى تەربىيەنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇپ، ئۇنۋېرسال باھالاشتا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق، قابىلىيەت، تىرىشچانلىق، نەتىجە،جەھەتلەردە خىزمەتتىكى رۇلىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچ چىقىرىپ خىزمەتلەرنى ياخشى قىلغان، قىلمىغانلار ،ئاز ياكى كۆپ قىلغانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسى- ئىدىيەۋى ساپاسىنى، كەسپى سەۋىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈش. كۈچ چىقىرىپ تەلىم-تەربىيە ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش قانۇنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش،ئىلمى تەرەققىياتقا توغرا يىتەكچىلىك قىلىپ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجە ئۈنۈم باھالاش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇش. ئىككىنچى ،ئاساسى پىرىنسىپ: ئادەمنى ئاساس قىلىپ،قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش؛ ئەخلاقى تەربىيەنى ئالدىنقى ئۇرۇنقا قۇيۇپ،ئەمەلى نەتىجىگە ئەھمىيەت بىرىپ،ئىلغارلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ،تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ئۇبىكتىپ ئادىل بۇلۇپ،قوللىنىشقا ئۇڭاي بۇلۇش. ئۈچىنچى ،باھالاش دائىرىسى: مەجبۇرىيەت مائارىپ مەكتەپلىرىدىكى مەخسۇس ئۇقۇتقۇچىلار(قۇشۇمچە باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇقۇتقۇچىلار،ئالاھىدە ئىش ئورنى ئۇقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) تۆتىنچى ،باھالاش مەزمۇنلىرى باھالاشتا ئەخلاق ،قابىلىيەت، تىرىشچانلىق،نەتىجە قاتارلىق تۆت تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.كونكىرتنى كەسپى ئەخلاق،كەسپى ئىقتىدار،خىزمەتتىكى ئىپادىسى ۋە خىزمەتتىكى نەتىجىسىنى قاتارلىق تۆت تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1. كەسپى ئەخلاق : 2. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى»گە رىئايە قىلىش ئەھۋالى باھالاش مەزمۇنى قىلىنىدۇ. يەنى سىياسى ساپاسى،قانۇن- نىزاملارغا رىئايە قىلىش، ئىش ئورنىنى سۈيۈپ،كەسىپنى قەدىرلەش،پاك ئىنتىزامچان بۇلۇپ،ئۈزىنى تىزگىنلەش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1)سىياسى ساپاسى.پارتىيە مەركىزى كومىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىپ،سوتسىيالىزىم يولىلىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلكىنى قوغدىشى،«ئۈچ خىل كۈچلەر» گە ۋە ئەكسىيەتچىل سۆز ھەركەتلەرگە قارشى تۇرغان بۇلۇش. 2)قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى.مائارىپقا ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا رىئايە قىلىش،مەكتەپنىڭ تۈزۈم تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلغان بۇلۇش. 3) ئىش ئورنىنى سۈيۈپ،كەسىپنى قەدىرلەش.پارتىينىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بۇلغان،ئىش ئورنىنى قىزغىن سۈيگەن،ئۇقۇغۇچىلارغا كۈيۈنگەن ۋە ئاسرىغان،ئىش ئورنى مەسئولىيىتنى ئەستايىدىل ئادا قىلغان بۇلۇش. 4) پاك ئىنتىزامچان بۇلۇپ،ئۈزىنى تىزگىنلەش.دۆلەتنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى پارا قۇبۇل قىلماسلىق بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلغان ،ئۇقۇتقۇچى ،ئىشچى -خىزمەتچىلەر ھەقلىق ئائىلە ئۇقۇتقۇچىسى بولماسلىق.ئۇقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارىن سوۋغات قۇبۇل قىلماسلىق بەلگىلمىسىگە رىئايە قىلغان بۇلۇش . 2.كەسپى ئىقتىدارى: ئۇقۇتقۇچىلانىڭ تەلىم-تەربىيە ئۇقۇتۇش ۋە تۈرلۈك كەسپى ئىقتىدارى،تەربىيەلەش ئىقتىدارى، ئۇقۇتۇش ئىقتىدارى، تەتقىقات ئىقتىدارى ۋە كەسپى تەرەققىيات ئىقتىدارى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1)تەلىم-تەربىيە ئىقتىدارى: تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى،ئەخلاقى تەربىيە پائالىيىتنى تەشكىللەش ئىقتىدارى،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارى،مەھەللە،ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ھازىرلىغان بۇلۇش. 2)ئۇقۇتۇش ئىقتىدارى:ئۇقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ئقتىدارى، ئۇقۇتۇش ماتىرياللىرىنى ئىگەللەش ۋە ئىشلىتىش ئىقتىدارى، ئۇقۇتۇش تىلى،ئۇقۇتۇش مىتوتى،ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكىسىنى دەرىسخانا ئۇقۇتۇشىدا قوللۇنۇش ۋە باشقا ئۇقۇتۇش،تەلىم تەربىيىگە مۇناسىۋەتلىك تەشكىللەش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ھازىرلىغان بۇلۇش. 3)ئۇقۇتۇش تەتقىقات ئىقتىدارى:ئۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇش ۋە تەشكىلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بۇلۇش. 4)كەسپى تەرەققىيات ئىقتىدارى:ئۆزلۈكسىز تەربىيە ئارقىلىق تەلىم تەربىيە ئىدىيىسىنى يىڭىلىغان، كەسپى بىلىملىرىنى كىڭەيتكەن،ئۈزىنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرگەن بۇلۇش. 3.خىزمەت ئىپادىسى: ئۇقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش.خىزمەت مىقدارى،خىزمەتكە قاتنىشىش نىسبىتى،ئۇقۇتۇشنىڭ دائىملىق قائىدىلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار باھالاش ئۆلچىمى قىلىنىدۇ. 1) خىزمەت مىقدارى ئەھۋالى:ئۇقۇتقۇچلارنىڭ خىزمەت مىقدارى ئۆلچىمى تۈۋەندىكى ئۆلچەم بۇيىچە ھىسابلىنىدۇ. (1)تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇقۇتۇش خىزمەت مىقدارى(ھەر ئۇقۇش يىلى34ھەپتە بۇيىچە ھىساپلىنىدۇ.)ماتىماتىكا، ئەدەبىيات،چەتئەل تىلى، خەنزۇتىلى،ھەپتىلىك دەرىس سائىتى12سائەت ياكى ئىككى سىنىپنىڭ ئۇقۇتۇش ۋەزىپىسى؛فىزىكا ،خېمىيە، ھەپتىلىك دەرىس سائىتى12سائەت ياكى4سىنىپنىڭ ئۇقۇتۇش ۋەزىپىسى؛سىياسەت،تارىخ،جۇغراپىيە،بىئولوگىيە،تەنتەربىيە،كومپىيوتىر ھەپتىلىك دەرىس سائىتى 14 سائەت؛ مۇزىكا،گۈزەل-سەنئەت ھەپتىلىك دەرىس سائىتى 16سائەت. (2)باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇقۇتۇش خىزمەت مىقدارى ھەر ئۇقۇش يىلى 40 ھەپتە بۇيىچە ھىساپلىنىدۇ.) ماتىماتىكا ھەرھەپتىدە 2سىنىپنىڭ ئۇقۇتۇش ۋەزىپىسىنى،ئەدەبىيات ھەر ھەپتىسىگە بىر سىنىپنىڭ ئۇقۇتۇش ۋەزىپىسى ياكى 10سائەت دەرىس بىلەن سىنىپ مۇدىرلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش؛ باشقا دەرىسلەر ھەپتىسىگە 15-18سائەتكىچەبۇلىدۇ. (3)تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ،باشلانغۇچ مەكتەپ غەيرى دەرىسخانا ئۇقۇتۇش مىقدارى ئەمىلى ئەھۋالغا ئاساسەن ئۇمۇمىي خىزمەت مىقدارىغا سۇندۇرۇپ ھىساپلىنىدۇ. 2)خىزمەتكە قاتنىشىش ئەھۋالى:كىچىككەن، بالدۇر قايتقان،سەۋەبسىز خىزمەت قالدۇرغان،كىسەل رۇخسىتى،ئىش رۇخسىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3)ئۇقۇتۇشنىڭ دائىملىق قائىدىلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى:ئەستايىدىل دەرىس تەييارلاش،ئۈتۈش، تاپشۇرۇق بىرىپ ئۆزگەرتىش،تەكرار قىلىش، دەرىستىن سىرتقى ئەمەلىي پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4.خىزمەت نەتىجىسى: ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئۇقۇتۇش ئۈنۈمى،تەتقىقات نەتىجىسى ۋە تۆھپە قۇشۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1)ئۇقۇتۇش ئۈنۈمى:دەرىسلىك ئۆلچىمىدىكى ئۇقۇتۇش نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى تاماملىغان، ئۇقۇغۇچىلار ئاساسى تەربىيە سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتكەن،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجە سەۋىيىسىنى باھالاشتا لاياقەتلىك بۇلۇش. 2)ئۇقۇتۇش تەتقىقات نەتىجىسى:مەكتەپتىكى تەتقىقات خاراكتىرلىك پائالىيەتكە قاتنىشش،تىما تەتقىقاتى،ئىلمى تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالى . 3)تۆھپىسى گەۋدىلىك بۇلۇش:كىتاپ ئۇقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش،ئۇقۇتش تەتقىقاتى،ئۇقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش جەھەتتىكى مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى. بەشىنچى ،باھالاش ئۇسۇلى باھالاش خىزمىتىنى مەكتەپنى بىرلىك قىلىپ باھالاش ئېلىپ بېرىش،مەكتەپ رەھبەرلىكى، باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە ئۇقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باھالاش تەشكىلى كومىتىتى قۇرۇش. بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى ئۇقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتى %50تىن كەم بولماسلىق. باھالاش خىزمىتى ئادەتتە مەكتەپنىڭ بەلگىلىك تەرتىپى ۋە يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بىر لەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.خاراكتىرى ۋە مىقدارىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش،ئۇقۇتقۇچىلار ئۆز ئۈزىنى باھالاش ۋە پەن گۇرۇپپىلىرىنىڭ باھاسى، يىللىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ باھاسى،سىناپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باھاسىنى بىرلەشتۈرۈش.شەكىللەندۈرۈش خاراكتىرىدىكى باھالاش ۋە باسقۇچ خاراكتىرلىك باھالاشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ،ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ۋە ئاھالە كومىتىتىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش. ئاپتۇنۇم رايۇن بىكىتكەن ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجە ئۈنۈم باھالاش كۆرسەتكۈچ سېستىمىسىنىڭ نۇمۇر تەقسىمات جەدىۋىلى( قۇشۇمچە قىلىندى)باھالاش ئۇمۇمى نۇمۇرى 100نۇمۇر،بۇنىڭ ئىچىدە ئەخلاقى تەربىيە 15نۇمۇر. خىزمەت ئىقتىدارى 10نۇمۇر.خىزمەت ئىپادىسى 50نۇمۇر.خىزمەت نەتىجىسى 25نۇمۇر.ھەر قايسى ئۇرۇنلار ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ باھالاش كۆرسەتكۈچ سېستىمىسىغا ئاساسەن ئۈزىنىڭ ئەملىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ،شۇ ئۇرۇننىڭ باھالاش كۆرسەتكۈچ سېستىمىسىنى بىكىتسە بۇلىدۇ. ئۇقۇتقۇچىلار ئۈنۈم باھالاش خىزمىتى ئادىل، باراۋەر، ئۇچۇق-ئاشكارە بۇلۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىمگىراتىيىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈم باھالاش خىزمىتىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە باھالاش نەتىجىسىنىڭ ئادىل بۇلۇشىنى كۈچەيتىش.ئۇقۇتقۇچىلار باھالاش نەتىجىسىگە ئوخشىمىغان پىكىرى بولسا قانۇن بۇيىچە مەكتەپ باھالاش خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە مەكتەپتىكى ئاساسلىق باشقۇرۇغۇچى تارماققا ئەرىز-شىكايەت قىلسا بۇلىدۇ. ئالتىنچى ،باھالاش دەرىجىسىنى بىكىتىش باھالاش دەرىجىسى مۇنەۋۋەر،لاياقەتلىك،ئاساسەن لاياقەتلىك ۋە لاياقەتسىز بۇلىدۇ.باھالاش نەتىجىسىنى تۈۋەندىكى نىسبەت بۇيىچە كونتۇرۇل قىلىنىدۇ.مۇنەۋۋەر %12ئەتراپىدا،لاياقەتلىك%80ئەتراپىدا. تۈۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرسى كۈرۈلسە لاياقەتسىز :سىياسى مەيدانى مۇستەھكەم بولمىسا،ۋەتەننى پارچىلايدىغان،مىللەتلەر ئىتتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز ھەركەتلەردە بولغان بولساياكى قانۇنسىز تەشكىلات ۋە دىننى ھەركەتكە قاتناشقان بولسا،قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ، قانۇنى مەسئۇلىيىتنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئۇچرىغان ،مەسئۇلىيىتىنى ياخش ئادا قىلمىغان ،ئۇقۇتۇشتا ئېغىر ھادىسە چىقارغان ياكى ئېغىې بىخەتەرلىك ھادىسىسى چىقارغان بولسا ؛كەسپى ئەخلاقتىكى باھالاش ئاساسى تەلەپكە يەتمىگەن بولسا،ئۇدا خىزمەتتىن سەۋەپسىز قالغان ۋاقتى 10كۈندىن ئېشىپ كەتكەن ياكى بىر يىل ئىچىدە ئۇمۇمىي سەۋەپسىز خىزمەت قالدۇرغان ۋاقتى20 كۈندىن ئېشىپ كەتكەن بولسا.قانۇنسىز تەلەپنى ئوتتۇرغا قويغان، نورمال ئۇقۇتۇش ، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغان، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزگەن،سۆز ھەركىتى ناچار، ئۇقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن،ئۇقۇتۇش ،تەلىم-تەربىيە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلشقا توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىق قائىدە- ئىنتىزامغا خىلاپ ھەركەتلىرى بولسا، كەسپى ئۇرۇنلار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىىسىدىكى لاياقەتسىز باھالاش ئۆلچىمىدىكى قىلمىشلار ۋە باشقا لاياقەتسىز باھالاش شەرتىگە چۈشۈدىغانلار. يەتتىنچى ،باھالاش نەتىجىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۈنۈم باھالاش نەتىجىسى ئۈنۈم ئىش ھەققىنى تارقىتىشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ. ئۈنۈم ئىش ھەققى ئاساسى خاراكتىرلىك ۋە مۇكاپات خاراكتىرلىك دەپ ئىككىگە بۈلۈنىدۇ. ئاساسى خاراكتىرلىك ئۈنۈم ئىش ھەققى ئاساسلىقى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سەۋىيىسى،مال باھا سەۋىيىسى،ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى قاتارلىق ئامىللاردا ئىپادىلىنىدۇ. بۇئۈنۈم ئىش ھەققىنىڭ %70تىنى ئىگەللەيدۇ.ئادەتتە ئايلار بۇيىچە تارقىتىلىدۇ.مۇكاپات خاراكتىرلىك ئۈنۈم ئىش ھەققى ئاساسەن خىزمەت مىقدارى ۋە ئەمەلىي تۆھپىسى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئادەتتە يىللىق ئۈنۈم باھالاشتىن كىيىن تارقىتىلىدۇ. ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئىجراقىلغان،مەكتەپتىن بەلگىلەپ بەرگەن ئۇقۇتۇش ،تەلىم - تەربىيە ۋەزىپىسىنى ئۇرۇندىغان ئۇقۇتقۇچىلارغا ئاساسى خاراكتىرلىك ئۈنۈم ئىش ھەققى پۈتۈن سوممىسى بىلەن تارقىتىلىدۇ. ئىپادىسى كۈرۈنەرلىك تۆھپىسى گەۋدىلىك ئۇقۇتقۇچىلارغا ئوخشىمىغان ئەھۋال ئاستىدا مۇكاپات خاراكتىرلىك ئۈنۈم ئىش ھەققى تارقىتىلىدۇ. ئۈنۈم باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن مۇكاپات خاراكترلىك ئۈنۈم ئىش ھەققىنى تارقىتىش دەرىجىسى بىكىتىلىدۇ.تايانچ ئۇقۇتقۇچىلار ۋە نەتىجىسى كۈرۈنەرلىك بولغان ئۇقۇتقۇچىلارغا تەڭشەشتە چىڭ تۇرۇش.ئۈنۈم ئىش ھەققى تارقىتىش چۇقۇم نەتىجە ئۈنۈم باھالاشتا ئىلھاملاندۇرۇش رۇلىنى گەۋدىلەندۈرۈش.باھالاشتا مۇنەۋۋەر بولغان خادىملارغا نىسبەتەن ئاساس خاراكتىرلىك ئۈنۈم ئىش ھەققىنى تارقىتىش ئاساسىدا كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن مۇكاپات خاراكتىرلىك ئۈنۈم ئىش ھەققىنىڭ %150 ئەتراپىدا تارقىتىلىدۇ.باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان خادىملارغا ئاساس خاراكتىرلىك ئۈنۈم ئىش ھەققىنى تارقىتىش ئاساسىدا مۇكاپات خاراكتىرلىك ئۈنۈم ئىش ھەققى تارقىتلىدۇ.باھالاشتا ئاساسەن لاياقەتلىك بولغان خادىملارغا پەقەت ئاساس خاراكتىرلىك ئۈنۈم ئىش ھەققى تارقىتىلىدۇ.مۇكاپات خاراكتىرلىك ئۈنۈم ئىش ھەققى تارقىتىلمايدۇ.باھالاشتا لاياقەتسىز بولغان خادىملارغا ئاساس خاراكترلىك ئۈنۈم ئىش ھەققى ۋە مۇكاپات خاراكتىرلىك ئۈنۈم ئىش ھەققى تارقىتىلمايدۇ. ئۈنۈم باھالاش نەتىجىسى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھيىىتىنى بىكىتىش، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش،ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، تەربىيەلەش، تەقدىرلەش قاتارلىق خىزمەتلەردىمۇ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ. سەككىزىنچى ،يولغا قۇيۇشنى تەشكىللەش ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى مۇناسىپ خىزمەت ئاپراتلىرىنى تەسىس قىلىپ،باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش،باھالاش خىزمىتىنىڭ سىياسەتچانلىقى كۈچلۈك،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مەنپەتىگە ،پۈتۈن رايۇننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرلۇشىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا چېتىشلىق.ھەر قايسى ئۇرۇنلار ئەستايىدىل تەشكىلەش،پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمىللەشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىش. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ مەمۇرى تارمىقى ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ باھالاش خىزمتى سىياسەتلىرىنى بىكىتىش ۋە تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشقا ئاساسلىق مەسئۇل بۇلىدۇ.ۋىلايەتلىك،ئوبلاستلىق،شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئۆزرايۇنىنىڭ ئۇقۇتقۇچىلارنى باھالاش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ يىتەكچىلىك قىلىدۇ.ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى شۇ ئۇرۇندىكى مەكتەپ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈنۈم باھالاش خىزمىتىنى بىر تۇتاش تەشكىللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇشۇ يىتەكچى پىكىرگە ئاساسەن ئۆز رايۇنىنىڭ باھالاش ئۆلچىمى ۋە يولغا قۇيۇش لاھىيىسىنى بىكىتىدۇ.ھەمدە مەكتەپنىڭ ئۇقۇتقۇچىلارنى باھالاش خىزمىتىنى كونكىرت لاھىيىسىنى بىكىتىشكە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.مەكتەپ بولسا ئۇقۇتقۇچىلارنى نەتىجىنى باھالاشتىكى ئاساس،مەكتەپ مۇدىرى ئۇقۇتقۇچىلارنى باھالاشتىكى بىرىنچى مەسئۇل خادىم. مەكتەپ ئۈزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىر لەشتۈرۈپ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجە ئۈنۈم خىزمىتىنى باھالاش كونكىرت لاھىيىسىنى بىكىتىدۇ.يۇقىرى دەرىجىلىك ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ يىتەكچىلىگىدە نەتىجە ئۈنۈم باھالاش خىزمىتىنىڭ كونكىرت خىزمەت لاھىيىسىنى يولغا قۇيىدۇ.مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجە ئۈنۈم باھالاش يولغا قۇيۇش لاھىيىسدە كەڭ كۈلەمدە ئۇقۇتقۇچىلاردىن پىكىر تەكلىپ قۇبۇل قىلىپ، نەتىجە ئۈنۈم باھالاش كومىتىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ھەردەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر ئۇقۇتقۇچىلارغا بولغان سىياسى- ئىدىيىۋى خىزمەتىنى ياخشى ئىشلەش، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجە ئۈنۈم باھالاشقا توغرا يىتەكچىلىك قىلىش،باھالاش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش.باھالاش خىزمىتى ئىنتىزامىدا كەسكىن بۇلۇش، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلار ئەمەلى بولمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتنى ھەقىقى سۈرۈشتۈرۈش. توققۇزىنچى،مەجبۇرىيەت مائارىپ مەكتەپ باشقۇرغۇچى خادىملار ئۇقۇتۇش ياردەمچى خادىملىرى ،ئارقا سەپ خادىملىرى ئىجرا قىلشقا قاتنىشىدۇ. ئونىنچى ،بۇ ھۆججەت تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىت 2009-يىلى تۈزگەن«مەجبۇرىيەت مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ نەتىجە ئۈنۈم باھالاش خىزمىتىنى يولغا قۇيۇش پىكىرى»(53){2009} نۇمۇرلۇق ھۆججىتى ئىجرا قىلىش توختىلىدۇ.
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|