| كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش تەلەپلىرى: (1) كوللېكتىپ دەرس تەييارلاشنى ئورۇنلاشتۇرغاندا «تۆتنى بېكىتىش» لازىم. ئوقۇش باشلىنىپلا، ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى، دەرس تەييارلاش گۇرۇپپىلىرى كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش پىلانىنى ئەستايدىل تۈزۈپ، مەۋسۈملۈك كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا ۋاقتىنى، ئورۇننى، مەزمۇننى، دەرس تەييارلىغۇچىلارنى بېكىتىشى لازىم. (2) كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش جەريانىدا تۆت بولۇشى كېرەك، يەنى، ئاساسلىق سۆزلىگۈچى بولۇشى، پىكىر ئالماشتۇرۇش بولۇشى، خاتىرە قالدۇرۇلغان بولۇشى، ئەمەلىي ئۈنۈمى بولۇشى لازىم. (3) كوللېكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ ئۈنۈمىدە «بەش بىرلىككە كەلگەن» بولۇشى لازىم، يەنى ئوقۇتۇش نىشانى ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش سۈرئىتى، تاپشۇرۇق ۋە مەشقلەر، سىناق ۋە باھالاش بىرلىككە كەلگەن بولۇشى لازىم. (4) كوللېكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ تەشكىلىي شەكلى ناھىيە (شەھەر)، مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتا بېكىتىلسە بولىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ھەر مەۋسۈمدە كوللېكتىپ دەرس تەييارلاشقا قاتنىشىش قېتىم سانى 4 قېتىمدىن كەم بولماسلىقى لازىم. كوللېكتىپ دەرس تەييارلاشتا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مۇھىم نوقتىلار: (1) ئوقۇتقۇچى دەرسلىكنى تەتقىق قىلغاندا يولۇققان گۇمانلىق ، قېيىن نوقتىلار. (2) قېيىن نوقتىلارنى قانداق ھەل قىلىپ، مۇھىم نوقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇتۇش نىشانىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىلىرى. (3) دەرسلىكنى قانداق تولۇقلاش، تۈزىتىش ۋە كېڭەيتىش. (4) دەرس تەييارلىقى ( ئۆگىنىش يېتەكچىلىك لايىھەسى)نى يېزىش. 3. كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش تەرتىپى: (1) يىللىقلار ۋە پەنلەر بويىچە دەرس تەييارلاش گۇرۇپپىسى تۇرغۇزۇپ، گۇرۇپپا باشلىقى سايلاپ چىقىلىدۇ. گۇرۇپپا باشلىقى مەۋسۈملۈك خىزمەت پىلانى تۈزۈپ، دەرس تەييارلاش ۋەزىپىسىنى تەقسىملەيدۇ. يېزا، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى كۆلىمى كىچىك مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى دەرس تەييارلىسا بولىدۇ. (2) ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، دەرس ئۆلچىمىنى، دەرسلىكنى پىششىق ئوقۇپ، ئالاقىدار ماتىرىياللارنى (تور ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆرۈپ چىقىپ، دەرس تەييارلىقى ( ئوقۇتۇش لايىھەسى، ئۆگىنىش يېتەكچىلىك لايىھەسى)نى ئەستايىدىل يېزىپ چىقىىپ، مەشق مىساللىرى، مەشق سۇئاللىرى، سىناق سۇئاللىرى قاتارلىقلارنى تاللاپ، « دەرس دەسلەپكى تەييارلىق»نى تەييارلاپ چىقىپ گۇرۇپپىسىدىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا تاپشۇرىدۇ. (3) بىر گۇرۇپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئوخشاش بىر « دەسلەپكى دەرس تەييارلىق»نى كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلىپ باھالاپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، ئاساسلىق دەرس تەييارلىغۇچى ئوقۇتقۇچى ئۆزگەرتىپ، «كوللېكتىپ دەرس تەييارلىقى (ئوقۇتۇش لايىھەسى، ئۆگىنىش يېتەكچىلىك لايىھەسى)»نى شەكىللەندۈرۈپ، گۇرۇپ ئىچىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دەرس تەييارلىغاندا پايدىلىنىشى ئۈچۈن بېرىدۇ. (4) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىۋاستە «كوللېكتىپ دەرس تەييارلىقى (ئوقۇتۇش لايىھەسى، ئۆگىنىش يېتەكچىلىك لايىھەسى)»نى ئىشلىتىپ دەرس ئۆتۈشىگە بولمايدۇ، چوقۇم ئۇنى يەنىمۇ پىششىقلاپ ئىشىلگەندىن ( قايتا دەرس تەييارلاش) كېيىن، « خاس دەرس تەييارلىقى (ئوقۇتۇش لايىھەسى، ئۆگىنىش يېتەكچىلىك لايىھەسى)»نى شەكىللەندۈرۈپ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئوقۇتۇشى لازىم. (5) ئوقۇتقۇچىلار دەرستىن كېيىن چوقۇم ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى توغرىسىدا ۋاقتىدا قايتا ئويلىنىپ، تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلىشى، دەرس تەييارلىقىنى ياكى ئۆگىنىش يېتەكچىلىك لايىھەسىنى (ئوقۇتۇش لايىھەسى) ئۈزۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم.
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتۇشنى دائىمىي باشقۇرۇش ئاساسىي تەلەپلىرى» دىن |
|