كۆرۈش: 185|ئىنكاس: 4

6 - يىللىق تىل ئەدەبىيات «ئېدىقۇت ئوغلانى» نىڭ دەرس لايىھىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تىمىسى:
6 - دەرس :ئىدىقۇت ئوغلانى
ئوقۇتۇش نىشانى:
بىلىم ۋە قابىلىيەت :
تىكىسىتنى ئەدەبىې تىلدا توغرا ، راۋان ، ھىسياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش بىلەن بىرگە يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى پىشششىق ئىگەللىۋېلىش ھەمدەمەقسۇت مۇھىتنىڭ كىملىكنى چۈشىنىش.
جەريان ۋە ئۇسۇل :
ئۆلگە كۆرسىتىپ ئوقۇش ،ئابزاسلار بۇيىچە ئۇقۇتۇش،چۈشەندۈرۈش ،تەھلىل ھەمدە مۇلاھىزىگە تەشكىللەش ئارقىلىق تىكىستىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى خۇلاسىلاش.  يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە چوڭقۇر جۇملىلەرنىڭ  مەنىسىنى چۇشىنىش.
ھىسسسىيات پوزۇتسىيىسى ۋە قىممەت قارشى :
ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر ھىسسىياتىنى ھىس قىلدۇرۇش ئارقىلىق يۇرتنى سۈيۈش تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش .
موھىم نوقتا:
تىكىستنى ھېسياتلىق ئوقۇش ، مەخسۇت مۇھىتىنىڭ كىملىكىنى چۈشنىش
تېكىسىت مەزمۇنىنى ئىگلەش.
مۇھىم نوقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۇسۇلى :
ئۆز – ئارا ئۈگىنىش ۋە مۇستەققىل پىكىر قىلىشقا يىتەكلەش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ .
قىيىن نوقتا :
يېڭى سۆز- جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى:
سۆزلەر مەنىسنى تېكىستتىكى جۈملىلەرگە باغلاپ چۇشنىشكە يىتەكلەش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ .
ئوقۇتۇش قۇراللىرى :
دەرىس يۇمشاق دىتالى ،كومپىيوتىر ، ئىكران
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش :
ئېكراندا مەخسۇت مۇھىتىنىڭ رەسىمى بىلەن ئازادلىقتىن ئىلگىرى قۇرۇلغان مەكتەپنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ ، ئوقۇغۇچىلاردىن رەسىمدىكى مەكتەپنىڭ شارائىتى بىلەن ھازىرقى مەكتەپ شارائىتىنى سېلىشتۇرۇپ سۆزلەشكە يىتەكلەش ئارقىلىق يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن .
ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنى :
تېكىستتە جاھالەتتە قالغان ئانا خەلقىنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن مەكتەپ ئېچىشقا بارلىقىنى ئاتىغان تەرەققىيپەرۋەر ئەل ئوغلانى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ پەننى مەكتەپ ئېچىش كەچۈرمىشى بايان قىلىنغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈش،مائارىپنى سۆيۈش ،يېڭلىققا ئىنتىلىشتەك ئالىيجاناپ پەزىلىتى مەدھىيلەنگەن.
ئالدى بىلەن تىكىست ئۈلگە قىلىپ ئوقۇپ بىرىلىدۇ ،  ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنى تېكىسىتنى مۇستەققىل  ئوقۇشقا يىتەكلەپ ، تىكىست ئىچىدە ئۇچرىغان يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
يىڭى سۆزلەر:
مەدىرىسە -: ئەينى دەۋېردىكى پەننى دىننى مەكتەپلەرنىڭ ئاتىلىشى
خۇراپات -: ئاساسسىز، ئىلمىيلىكى يوق ، كونىلىقنى ياقىلىغۇچى .
مەسلەكداش -: كۆزقاشلىرى ئوخشاش كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ
پەننى -: ھازىرقى زاماندىكى بىز ئۈگىنىۋاتقان دەرىسلىكلەر .
مۇستەبىت -: بىكىنمە كونىلىقنى ياقىلىغۇچى ، كونا ئەقىدە
ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا بۇتىكسىتنى ئۇقۇغاندىن كىيىن مەخسۇت مۇھىتىنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يۇرتىمىزدا تۇنجى بۇلۇپ مەكتەپ ئاچقان مەرىپەتپەرۋەر ئادەم ئىكەنلىكىنى ، مەخسۇت مۇھىتىنىڭ مەكتەپ ئىچىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان جاپا مۇشەققەتلەرنى تارىتقان بۇلسىمۇ جاپا مۇشەققەتلەر ئالدىدا تىز پۈكمەي ئىلىم مەرىپەت تارقاتقان ئادەم ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق دەرس خۇلاسىلاپ بىرىلىدۇ .
دەرستىن قىسقىچە خۇلاسە :
مەخسۇت مۇھىتى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يۇرتىمىزدا تۇنجى بۇلۇپ مەكتەپ ئاچقان مەرىپەتپەرۋەر ئادەم

دوسكا لايىھىسى :   
6. ئىدىقۇت ئوغلانى
تىكىستتىكى يىڭى سۆزلەر:
مەدىرىسە -: ئەينى دەۋېردىكى پەننى دىننى مەكتەپلەرنىڭ ئاتىلىشى
خۇراپات -: ئاساسسىز، ئىلمىيلىكى يوق ، كونىلىقنى ياقىلىغۇچى .
مەسلەكداش -: كۆزقاشلىرى ئوخشاش كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ
پەننى -: ھازىرقى زاماندىكى بىز ئۈگىنىۋاتقان دەرىسلىكلەر .
مۇستەبىت -: بىكىنمە كونىلىقنى ياقىلىغۇچى ، كونا ئەقىدە
مەشىق  لايىھىسى :
مەزمۇنى:   تېكىستى قايتا ئوقۇپ چىقىپ ،تېكىست ۋەقەلىكىنى قايتا بايان قىلىشنى ئۆگىنىپ كىلىش.
مەقسەت : ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويلاش ،ئىزدىنىش قابىلىىيىتىنى ئاشۇرۇپ دەر س مەزمۇنىنى پۇختا ئىگەللىۋېلىشىغا ئاساس سېلىش.
ئۇسۇل : كېيىنكى سائەتلىك دەرسنى باشلاشتىن ئىلگىرى سۇراپ كۈرۈش ھەم يازغانلىرىنى ئوقۇتۇپ كۈرۈش ئارقىلىق خۇلاسىلىنىدۇ .

2 - سائەتلىك ئوقۇتۇش
6 - دەرس :ئىدىقۇت ئوغلانى
ئوقۇتۇش نىشانى:
بىلىم ۋە قابىلىيەت :
تېكىستنى ھېسياتلىق ئوقۇش ، يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشنىۋېلىش.
جەريان ۋە ئۇسۇل :
ئىپادىلىك ئوقۇش جەھەتتە ئابزاسلار بۇيىچە ئوقۇتۇش ،توللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇش ھەم مۇلاھىزىگە تەشكىللەش ئارقىلىق تىكىستىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى خۇلاسىلاش.
ھىسسسىيات پوزۇتسىيىسى ۋە قىممەت قارشى :
ئوقۇغۇچىلارنى تەرەققىيپەرۋەر زات مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئىلىم- مەرىپەتنىڭلا خەلقنى نادانلىقتىن قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى ، خەلىقنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاشتەك يۈكسەك ئالىيجاناب روھىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەپ ، ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەننى ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، ئىلىم – پەن ئۆگنىش ئىدىيۋى ھېسياتىنى قوزغاش.
موھىم نوقتا:
مەخسۇت مۇھىتىنىڭ سۆز ۋە پائالىيتىنى چۈشىنىش،ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىڭ ئىلىم-مەرپەتنىڭلا خەلىقنى نادانلىقتىن قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى ، خەلىقنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاشتەك يۈكسەك ئالىيجاناب روھىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەش.
مۇھىم نوقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۇسۇلى :
ئۆز – ئارا ئۈگىنىش ۋە مۇستەققىل پىكىر قىلىشقا يىتەكلەش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ .
قىيىن نوقتا:
ھالقىلىق سۆز- جۈملىلەرنىڭ پېرسۇناژنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى ئىپادىلەشتىكى رولىنى چۈشنىش
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى:
مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئېسىل پەزىلىتىگە مۇناسىۋەتلىك سۆز-جۈملىلەرنى تېپىشقا يىتەكلەش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ .
ئوقۇتۇش قۇراللىرى :
دەرىس يۇمشاق دىتالى ،كومپىيوتىر ، ئىكران
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش :
ئوقۇغۇچىلاردىن بىرقانچىسىغا تىكىستنى قايتا بايان قىلدۇرۇش ئارقىلىق يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ .
ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنى :
ئوقۇغۇچىلارنى تېكىستنى تىز سۈرئەتتە بىر قېتىم ئوقۇشقايېتەكلەپ ، تېكىستنى ئوقۇشتىن ئالغان تەسىراتلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا يېتەكلىنىدۇ . پىكىر ئالماشتۇرغاندا مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن تەسىرى سۆزلىتىلىدۇ. سۆزلىگەن چاغدا تېكىستنىڭ كونكىرىت مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ھېس قىلغانلىرى سۆزلىتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا پېرسۇناژنىڭ پەزىلىتى ئىپادىلەنگەن نوقتىلىق سۆز-جۈملىلەرنى پىششىق ئوقۇتۇپ ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى پېرسۇناژنىڭ ئىدىيۋى ھېسياتىنى ھېس قىلىشقا تەشكىللىنىدۇ. ئوقۇتۇشتا يەنە سۆز- جۈملىلەرنى چۈشنىشكە بىرلەشتۈرۈپ ، تېكىستنى ئوقۇشقا ،شۇ ئارقىلىق مەخسۇت مۇھىتىنىڭ پەزىلىتى ئىگەللىتىلدۇ، ئاندىن مەخسۇت مۇھىتىغا بەرگەن باھاسى سۆزلىتىلىدۇ.
ئاخىرىدا مەخسۇت مۇھىتىنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يۇرتىمىزدا تۇنجى بۇلۇپ مەكتەپ ئاچقان مەرىپەتپەرۋەر ئادەم ئىكەنلىكىنى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ مەكتەپ ئىچىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان جاپا مۇشەققەتلەرنى تارىتقان بۇلسىمۇ جاپا مۇشەققەتلەر ئالدىدا تىز پۈكمەي ئىلىم مەرىپەت تاقاتقان ئادەم ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ھەمدە ئوقۇغۇچىلاردا مەخسۇت مۇھىتىنىڭ  قەيسەر، باتۇر، ئىرادىلىك تىز پۈكمەس روھىدىن ئۈگىنىش  توغرىسىدا ئىديىۋى تەربىيە ئىشلەپ دەرس خۇلاسىلىنىدۇ .
دەرستىن قىسقىچە خۇلاسە :
مەخسۇت مۇھىتى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يۇرتىمىزدا تۇنجى بۇلۇپ مەكتەپ ئاچقان مەرىپەتپەرۋەر ئادەم ، بىز ئۇنىڭ قەيسەر، باتۇر، ئىرادىلىك تىز پۈكمەس روھىدىن ئۈگىنىشىمىز كېرەك .

دوسكا لايىھىسى :   
6. ئىدىقۇت ئوغلانى

مەخسۇت مۇھىتى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يۇرتىمىزدا تۇنجى بۇلۇپ مەكتەپ ئاچقان مەرىپەتپەرۋەر ئادەم .
مەخسۇت مۇھىتىنىڭ مەكتەپ ئىچىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان جاپا مۇشەققەتلەرنى تارتقان .
بىز ئۇنىڭ قەيسەر، باتۇر، ئىرادىلىك تىز پۈكمەس روھىدىن ئۈگىنىشىمىز كېرەك .
تاپشۇرۇق  لايىھىسى :
مەزمۇنى: مەشىق كىتاپنىڭ مۇشۇ دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بولغان  مەزمۇنلارنى تەلەپ بۇيىچە توغرا ھەم چىرايلىق ئىشلەپ كېلىش .
مەقسەت : ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويلاش ،ئىزدىنىش قابىلىىيىتىنى ئاشۇرۇپ دەرس مەزمۇنىنى پۇختا ئىگەللىۋېلىشىغا ئاساس سېلىش.
ئۇسۇل : ئومۇميۈزلۈك يىغىپ تەكشۈرۈش  ئارقىلىق خۇلاسىلىنىدۇ .


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-2-13 15:56:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىس تەييارلىقىنى ياخشى تەييارلاپسىز بۇلسا بۇندىن كىيىن تىما يوللىغاندا تەپسىلاتىنى ئىنىق يېزىپ ياسولاپ بىر ھۆججەتكە قىستۇرۇپ يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . شۇنداق قىلغاندا پايدىلانغۇچىلار نۇرمال چۈشۈرەلەيدۇ. ھازىرقى يوللىشىڭىز بىر ئاز قۇلايسىز بۇلىدىكەن . تۇلۇقلاپ شۇنداق يوللاپ قۇيۇڭ . ياردەم كىرەك بولسا باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ .
ۋاقتى: 2016-2-13 22:09:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت
بولسا باشقا دەرسلەر بولسىمۇ يوللاپ قۇيارسىز...
ۋاقتى: 2016-2-15 11:08:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەييارلاپسىز ، داۋامىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرسىڭىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-16 12:02:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يوللىغان ۋاقتى  2016-2-13 15:56
دەرىس تەييارلىقىنى ياخشى تەييارلاپسىز بۇلسا بۇندىن كى ...

مەن سىز دىگەندەك مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتنى پىرىسلاپ يوللىغان ، بىراق مەزكۈر مۇنبەرنىڭ يوللاش بوشلىقى مۇقىم ئەمەسكەن . بىر قانچە قېتىم يوللىغان پىرىسلانغان ھۆججەت ئۇلانمىسى نورمال بولمىغاچقا ، ھۆججەت ئېچىلماي يوللىغان تىما تەستىقلانمىدى . شۇڭا مۇشۇ شەكىلنى مۇۋاپىق كۆردۈم . تورداشلار توغرا چۈشەنگەي
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش