| پۇقرالارنىڭ ئەخلاق سېستىمىسى قۇرۇلۇشىدا سەمىمى، ئىشەنچىلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر بىر پۇقرا ئۈچۈن ئېيتقاندا سەمىمى، ئىشەنچىلىك بولۇش ھەم شەخس ئەخلاق پەزىلەت تەربىيىلىنىشنىڭ تۈپ تەلىۋى، ھەم ئۇتۇق قازىنىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، نورمال ئىجتىمائى ئالاقىدە سەمىمى، ئىشەنچلىك بولۇش كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەت باغلىشىنىڭ كاپالىتى. بولۇپمۇ زامانىۋىلاشقان شارائىتتا كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە ۋە كۆپەيمەكتە. سەمىمى، ئىشەنچلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئەخلاق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىش ھەرگىز رەزىللىكنى ئازايتىش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى توسۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. سەمىمى، ئىشەنچلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئەھمىيتنى ۋە رولىنى تېخىمۇ كەڭ نۇقتىدىن كۈرۈشىمىز كېرەك. قەدىمكى زامان جۇڭگو دانىشمەنلىىرى «ئىشەنچىسىز ئادەمنى ئادەم دېگىلى بولمايدىغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ تۇرغان. كۇڭزى ئىشەنچلىك بولمىغان ئادەمنىڭ باشقىلار بىلەن نورمال بېرىش- كېلىش قىلالمايدىغانلىقىنى، جەمئىيەتتە ئورنى بولمايدىغانلىقىنى تەكرار كۆرسەتكەن. فىزىئولوگىيە، بىئولوگىيە نۇقتىلىرىدىن ئالغاندا، ئىشەنچىسىز ئادەم ياشاۋېرىشى مۇمكىن؛ لېكىن ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئالغاندا جەمئىيەت ئۇنى بىر كۈنمۇ ئارىغا ئالمايدۇ. دېمەك، ئىشەنچلىك بولۇش ئادەم ئۈچۈن زۈرۈر شەرت. ئومۇمەن ئېيتقاندا، كىشى باشقىلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ئۇلار بىلەن بولغان دوستلۇق راۋاجلىنىدۇ. باشقىلاردا چوڭقۇر ھېسىيات پەيدا قىلىپ، باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۈلۈشىگە ۋە ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، گەپنى ئويۇنغا ئايلاندۇرۇۋالسا، گېپى تۇتۇرۇقسىز بولسا، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ كىشلەر ئارىغا ئالماي، سوغۇق ئىجتىمائى ھاۋا ئىچىدە يالغۇزچىلىقنىڭ قورقۇنۇشلۇق ئازابىنى تارتىدۇ. باشقىلارغا سەمىمى، ئىشەنچلىك بولۇش باشقىلارغا ئىشىنىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقىلارنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. قارشى تەرەپكە ئىشىنىش قارشى تەرەپنىڭ ئاساسى جەھەتتىن ياخشى نىيەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەمدە ھامان ئالغا ئىنتىلىش ئىستىكى بولىدۇ. ئۆزى ياخشى نىيەتلىك بولۇش بىلەن بىللە، باشقىلارغىمۇ ياخشى نىيەت بىلەن ياردەم بېرىدۇ. قارشى تەرەپنى ئۈزىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن سۆز بىلەن ھەرىكەت، تىل بىلەن دىل بىردەك بولۇپ، قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ئوچۇق يورۇق، تۇراقلىق مىجەزىنى ۋە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپىنى بىلدۈرۈش كېرەك. ئادەمنىڭ ئىنسانى ئوبرازىنىڭ تىكلىنىشى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ سەمىمى، ئىشەنچلىك بولۇش- بولماسلىقىغا باغلىق. ئادەم سەمىمى، ئىشەنچلىك بولسا، ئۇنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتى يۇقىرى بولغان بولىدۇ. ئادەم سەمىمى، ئىشەنچلىك بولماي، رەڭۋازلىق قىلسا، ئۇنىڭ ئىنسانىي خىسلىتى ياخشى ھېساپلانمايدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆزى سەمىمىي، ئىشەنچلىك بولۇشى لازىم. شۇندىلا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ماختىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. باشقىلارغا ساختىلىق ئىشلەتسە، پۇرسەتپەرەسلىك قىلسا، لەۋزىدە تۇرمىسا، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ، كىشىلەر بىلەن بولغان نورمال مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدۇ. سەمىمى، سادىق بولۇشتىن ئىبارەت ئەخلاق ئۆلچىمى ئىجتىمائىي ئالاقىدا باشقىلارغا بىر تەرەپلىمە قارىماسلىق، ئەھۋالنى ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈش، توغرا بىلەن خاتاغا ئادىل ھۈكۈم قىلىش، ئادالەت تۇيغۇسى يىتىلدۈرۈش، پىرىنسىپال بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل بولۇش، سۆز بىلەن ھەرىكەت بىردەك بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، پۈتۈمنى بىر تەرەپلىمە بۇزۇۋەتمەسلىك، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، يىپىدىن يىڭنىسىغىچە زىغىرلاپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز كاتتىلارغا خۇشامەت قىلىش، ماختاپ ئۇچۇرۇش، نەپسى يامانلىق قىلىپ جاۋاپكارلىقنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش، ئىغۋا توقۇپ بۆھتان چاپلاش، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىش، ساختىپەزلىك قىلىش، تىلى تۈزۈك، دىلى بۇزۇق بولۇش، ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىش، ھارامزادىلىك- مەككارلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قەتئى قارشى تۇرىمىز. بەزىلەر سەمىمى بولۇشنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ئىنكار قىلىپ، سەمىمىي ئادەم زىيان تارتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى نىقابلىۋالسا، چىن بىلەن ساختىنى ئايرىش قىيىنلاشسا، بىر- بىرىگە ئورا كولىسا، بىر- بىرىنى ئالدىسا، شۇ كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا زىيان تارتىدۇ. ئادەملەر ئارىسىدا ئىشەنچ يوقالسا، شادلىق بولمايدۇ. بىر يازغۇچى ياخشى مىجەزنىڭ سەمىمىيلىكتىن كېلىدىغانلىقىنى، «ياسالما» لىقتىن مەڭگۈ گۈزەللىك تۇيغۇسى چىقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شېكىسپىرنىڭ «خېنرى v»دېگەن ئەسىردىكى مۇنۇ سۆز ياخشى ئېيتىلغان: «ئىككى پۇت ساق بولسىمۇ يىقىلىپ چۈشىدۇ؛ ساقال قارا بولسىمۇ ئاقىرىپ كېتىدۇ؛ چاچ قويۇق بولسىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ؛ مەڭىز چىرايلىق بولسىمۇ لاپچىيىپ كېتىدۇ؛ يۇپيۇمىلاق كۆزلەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ. لېكىن سەمىمىي قەلب بەئەينى قۇياشقا ئوخشايدۇ، قۇياش ئايغا ئوخشاش بىردەم تولۇپ، بىردەم پۇچۇقلىنىپ تۇرماي دائىم بىر خىل نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. » بىز دەۋاتقان «سەمىمىيلىك» نىڭ ئەڭ مېغىزلىق مەزمۇنى راست گەپ قىلىش، يالغان سۆزلىمەسلىكتىن ئىبارەت. ئىجتىمائى ئەخلاق كاتېگورىيىسىدىن ئالغاندا، راست گەپ قىلىش مەجبۇرىيەت؛ يالغان سۆزلەش رەزىللىك، بىز چوقۇم سەمىمىي، ئىشەنچلىك ئادەم بولۇشىمىز لازىم. بىر دانىشمەن: «سەمىمىيلىك ھەر قانداق دانىشمەنلىكتىن ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دانىشمەن بولۇشنىڭ تۈپ شەرتى» دېگەن. سەمىمىيلىك كىشىنى گۈزەل ئاتاققا، ئىشەنچكە ئىگە قىلىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرلەپ دوسقا، بايلىققا، بەخت ۋە شادلىققا ئىگە قىلىدۇ. يالغانچىلىق ھايات گۈلىنى ئېچىلدۇرالمايدۇ! بىز ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن سەمىمى بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئوقۇغۇچىلاردا كەمتەر، سەمىمى بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، ئىمتىھاننى ساغلام بېرىشتىن ئىبارەت سەمىمىلىكنى يىتلىدۈرۈش ، مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ۋاقىتقا ۋە سان- سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئاكتىپ قاتنىشىشىمىز، دەرىسلەرنى ياخشى ئۆگىنىپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئىز – باسارلادىن بۇلىشىمىز لازىم . مانا مۇشۇنداق قىلالىغاندىلا ئۆزىمىزدە سەمىمىلىكتىن ئىبارەت ئەخلاقى پەزىلەتنى يىتىلدۈرگىلى، كەمتەر، سەمىمى بولۇشتىن ئىبارەت ياخشى ئەخلاقى ساپاغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ..
|
|