| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا miras تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-6-23 09:39
تۆۋەندىكى يازما ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن شۇڭقار 997 نىڭ يوللانمىسى بولۇپ ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قىسىم خەلقئارا ئېقىم مەسىلىلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە ياخشى پايدىلىنىش ماتىريالى بولالايدىكەن ، شۇڭا كەسىپداشلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن يوللىدىم .
ئوران قۇيۇلدۇرۇش ، يادرو ماتېرىيالى ، يادرو قورالى ۋە يادرو ھادىسىسى
‹‹ قويۇلدۇرۇش ›› مەلۇم بىر ئېلېمېنتنىڭ ئالاھىدە ئىزوتوپىنىڭ موللۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرىدىغان ئىزوتوپ ئايرىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، تەبىئىي ئۇراندىن قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ياكى ئادەتتىكى سۇدىن ئېغىر سۇ ئايرىش دېگەندەك. ئۇران ئاز ئۇچرايدىغان خىمىيىلىك ئېلېمېنت بولۇپ، رادىيوئاكتىپلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇراننىڭ تەركىبىدە ئاساسلىقى ئۇران 238، ئۇران 235 ۋە ئۇران 234 قاتارلىق ئۈچ ئىزوتوپ بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇران 235لا يىمىرىلىشچان يادرو ئېلېمېنتى بولۇپ، نېيتروننىڭ تەسىرىدە زەنجىرسىمان يادرو پارچىلىنىش رېئاكسىيەسىنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنى ئاتوم بومبىسىنىڭ يادرو ماتېرىيالى ۋە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ رېئاكتور يېقىلغۇسى قىلىشقا بولىدۇ. تەبىئىي ئۇران رۇدىسىدا ئۇراننىڭ ئۈچ ئىزوتوپى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇران 235نىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز، تەخمىنەن %0.7نى ئىگىلەيدۇ. ب د ت خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ تەبىرىگە ئاساسلانغاندا، موللۇق دەرىجىسى %3 بولغان ئۇران 235 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا توك چىقىرىشتا ئىشلىتىدىغان قويۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەن ئۇران، موللۇق دەرىجىسى %80 تىن يۇقىرى بولغان ئۇران 235 قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى ئۇران ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، موللۇق دەرىجىسى %93تىن يۇقىرى بولغان ئۇران يادرو قورالى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇران ئېلىش ئىنتايىن مۇرەككەپ يۈرۈشلۈك تېخنىكا بولۇپ، كان چارلاش، قېزىش، رۇدا تاللاش، رۇدا نەملەش، رۇدا تاۋلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق جەريانلار كېتىدۇ. ۋەھالەنكى، قويۇلدۇرۇش، ئايرىش ئەڭ ئاخىرقى ھالقا بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ. بىر كىلوگىرام قويۇلدۇرۇلغان ئۇران 235كە ئېرىشىشكە 200 توننا ئۇران رۇدىسى كېتىدۇ. ئۇران قويۇلدۇرۇش تېخنىكىسى يادرو قورالىغا چېتىلغاچقا، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇران قويۇلدۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ كېڭىيىشىنى قاتتىق چەكلەيدۇ. ھازىر يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەردىن باشقا، ياپونىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، پاكىستان، ئارگېنتىنالار ئۇران قويۇلدۇرۇش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن. قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ئايرىشتا، ئادەتتە گازنى مەركەزدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ، گازنى مەركەزدىن قاچۇرۇش ماشىنىسى مۇھىم ئۈسكۈنە بولغاچقا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ ئۈسكۈنىگە ئىگە بولغان – بولمىغانلىقنى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ يادرو قورالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىيالايدىغان – ياسىيالمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئۆلچەم قىلغان. يادرو ماتېرىيالىغا ھازىرچە تېخى بىرلىككە كەلگەن ئېنىق تەبىر يوق. 1980 – يىلى 3 – مارت ۋىنادىكى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش شىتابى بىلەن نيۇ يوركتىكى ب د ت باش ئىشتابى ئاشكارا ئىمزالىغان ‹‹يادرو ماتېرىياللىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسى››دا يادرو ماتېرىيالىغا: پىلوتونىي، ئەمما پىلوتونىي – 238 ئىزوتوپ مىقدارى %80 تىن ئاشقانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ ئۇران 233 – ئىزوتوپ مىقدارى 235 ياكى 233 بولغان قويۇلدۇرۇلغان ئۇران؛ غەيرىي رۇدا ياكى رۇدا داشقىلى شەكلىدىكى تەركىبىدە تەبىئىي مەۋجۇت ئىزوتوپ بىرىكمىسى بولغان ئۇران؛ تەركىبىدە يۇقىرىدىكى بىر خىل ياكى كۆپ خىل تەركىب بولغان ھەر قانداق ماتېرىيال، دەپ تەبىر بېرىلگەن. يادرو تېخنىكىسىنى قوللىنىش دائىرىسىنىڭ كۈنسېرى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يادرو ماتېرىيالىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە زاپاس ساقلاش بارغانسېرى ئاسانلاشتى، يادرو قورالىنى ياساش مەخپىيىتى تەدرىجى ئاشكارىلاندى، يادرو قورالى ياساش تېخنىكىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىمۇ كۈندىن – كۈنگە كۈچەيدى. يادرو قورالى ئەركىن داۋاملىشىدىغان ئاتوم يادروسى بۆلۈنۈش ۋە (ياكى) يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسىدىن پەيتلىك قويۇپ بېرىلگەن زور مىقداردىكى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ پارتلاش پەيدا قىلىدىغان ھەم كەڭ كۆلەمدە ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قورالنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ تاشلاش ياكى ئېتىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە يادرو قورالى سىستېمىسىدۇر. ئۇرۇشتا ئىشلىتىش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، يادرو قورالى دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا زەربە بېرىدىغان ئىسىتراتېگىيەلىك يادرو قورالى ۋە جەڭ مەيدانىدا دۈشمەننىڭ جەڭگىۋار كۈچلىرىگە زەربە بېرىشكە ئاساسلىق ئىشلىتىلىدىغان تاكتىكىلىق يادرو قورالى، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. يادرو قورالى ھازىرغىچە ئىنسانلار ياسىغان قىرغىن قىلىش، ۋەيران قىلىش كۈچى ئەڭ چوڭ قورال. يادرو قورالىنىڭ قىرغىن قىلىش، ۋەيران قىلىش كۈچىنى ئۇنىڭ پارتلىغاندا پەيتلىك قويۇپ بەرگەن ئىنتايىن زور ئېنېرگىيەسىدىن ئۆزگەرگەن كۆپ خىل قىرغىن قىلىش، ۋەيران قىلىش ئامىللىرى پەيدا قىلىدۇ. بۇ قىرغىن قىلىش، ۋەيران قىلىش ئامىللىرى ئاساسلىقى ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ: 1 – تۈردىكىسىنىڭ تەسىر قىلىش ۋاقتى نەچچە ئون سېكۇنتلا داۋاملىشىدىغان بولۇپ، پەيتلىك قىرغىن قىلىش ئامىلى دېيىلىدۇ. ئۇ نۇر رادىياتسىيەسى، زەربە دولقۇنى، دەسلەپكى يادرو رادىياتسىيەسى ۋە يادرو ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئىمپۇلىس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 2 – تۈردىكىسىنىڭ تەسىر قىلىش ۋاقتى نەچچە كۈن، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بولۇپ، ئاساسلىقى پارتلاشتىن كېلىپ چىققان رادىياتسىيەلىك بۇلغىنىشنى كۆرسىتىدۇ. يادرو قورالىنىڭ پەيدا بولۇشى ئىنسانىيەتنى ھەر ۋاقىت ۋەيران بولۇش گىردابىغا ئاپىرىپ قويدى. شۇڭا، يادرو قورالى دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپ، دۇنيا مىقياسىدا يادرو قوراللىرىنى تىزگىنلەش ۋە يادرو ھازىرلىقلىرىنى قىسقارتىش مەسىلىسىمۇ تەڭ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ‹‹خەلقئارا يادرو ھادىسىسىنى دەرىجىگە ئايرىش جەدۋىلى››دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يادرو بىخەتەرلىكى ۋەقەسى جەمئىي يەتتە دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، 1 – دىن 3 – دەرىجىگىچە بولغانلىرى ۋەقە دېيىلىدۇ، 4 – دەرىجىدىن 7 – دەرىجىگىچە بولغانلىرى ھادىسە دېيىلىدۇ. ۋەقەلەرنى دەرىجىگە بۆلۈشتە، 1 – دەرىجىلىك ۋەقە ئادەتتە نورمالسىزلىق، دەپ قارىلىدۇ؛ 2 – دەرىجىدىكىسى ئادەتتىكى ۋەقە بولۇپ، سىرتقا تەسىر كۆرسەتمىگەن بولىدۇ، ئەمما يادرو ئەسلىھەلىرى ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملار زىيادە رادىياتسىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؛ 3 – دەرىجىدىكىسى ئېغىر ۋەقەگە تەۋە بولۇپ، ئاز مىقداردا رادىيوئاكتىپ ماددا تارقىلىدۇ، بۇنىڭ زىيان سېلىش دەرىجىسى بەلگىلەنگەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئەمما يادرو ئەسلىھەلىرى ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارنىڭ سالامەتلىكى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ھادىسىلەرنى دەرىجىگە ئايرىشتا، 4 – دەرىجىلىك ھادىسە يۈز بەرگەندە ئاز مىقداردا رادىيوئاكتىپ ماددا تارقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، كىشىلەر بەلگىلىك چەك دائىرىسىدە رادىياتسىيە تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يادرو رېئاكتورى ئاكتىپ رايونى ۋە رادىياتسىيە توسۇش قەۋىتى كۆرۈنەرلىك بۇزۇلىدۇ ھەم خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ؛ 5 – دەرىجىلىك ھادىسە سىرتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، چەكلىك مىقداردا رادىيوئاكتىپ ماددا تارقىلىدۇ، بۇ چاغدا يادرو رېئاكتورى ئاكتىپ رايونى ۋە رادىياتسىيە توسۇش قەۋىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ؛ 6 – ۋە 7 – دەرىجىلىك ھادىسە ئېغىر ياكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسە، دەپ قارىلىدۇ. تارىختا 1986 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ھادىسىسى ئەڭ ئېغىر ھادىسە، دەپ قارىلىپ، 7 – دەرىجىلىك ھادىسە، دەپ بېكىتىلگەنىدى. ئەينى چاغدا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى 4 – نومۇرلۇق يادرو رېئاكتورى پارتلاپ، سەككىز توننا رادىيوئاكتىپ ماددا تارقىلىپ، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى 60 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر يەر بىۋاسىتە بۇلغىنىپ، 3 مىليون 200 مىڭ كىشى رادىياتسىيە تەسىرىگە ئۇچرىغان؛ 1979 – يىلى ئامېرىكىنىڭ ئۈچ چاقىرىملىق ئارال يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاش 5 – دەرىجىلىك ھادىسە، دەپ بېكىتىلگەن. ئەينى چاغدا گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزلىتىش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن، كۆپ مىقداردا رادىيوئاكتىپ ماددا تارقىلىپ، 150 مىڭ ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇلغان ؛ 2011 - يىلى ياپونىيەدە يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە، ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما ناھىيەسى فۇكۇشىما ئارىلىدىكى 1 – يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا رادىيوئاكتىپ ماددا تارقىلىش ھادىسىسى يۈز بەردى. بۇ ھادىسە دەسلەپكى قەدەمدە 4 – دەرىجىلىك ھادىسە، دەپ بىكىتىلدى .
ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال – ياراغ سېتىپ بېرىش تەرتىپى
ئامېرىكا كۆپ يىللاردىن بۇيان تەيۋەننى قورال – ياراغ بىلەن تەمىنلەپ كەلدى، ئەمما ئىككى تەرەپ قورال – ياراغ سودىسىدا، ئىچكى قىسىمدىكى ئالاقىدار چەكلەش مېخانىزمى ۋە رېئال پايدا – زىيان مۆلچەرى تۈپەيلىدىن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش پىلانى پۈتۈنلەي ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشمايدۇ، بەزىدە ھەتتا كۆپ يىللارغىچە تەستىقلانمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش تەرتىپى مۇنداق: ئالدى بىلەن، تەيۋەن يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹ تەيۋەن – ئامېرىكا قورال – ياراغ سودىسى يىغىنى ›› ئارقىلىق سېتىۋالىدىغان قورال – ياراغ تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ تىزىملىكتە ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى ياكى قورال – ياراغ سودىگەرلىرىنىڭ تەكلىپى نامايان قىلىنىدۇ، ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئالدى بىلەن تەيۋەننىڭ ئالاقىدار ساھەلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاپ، ئاندىن سېتىۋېلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تەيۋەن ھەربىي دائىرىلىرىمۇ ئۆز ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال ئويلاشقان ئاساستا ئامېرىكىغا تىزىملىك تاپشۇرىدۇ. قورال – ياراغ سېتىۋېلىش تىزىملىكى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باھالاپ تاللاپ، سېتىشقا بولىدىغان تۈرلەرنى بېكىتىدۇ. بۇ تۈرلەر ئادەتتە تەيۋەن تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان تىزىملىك ئىچىدىن تاللىنىدۇ، بەزىدە ئامېرىكا ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلاپ تۈرلەرنى كۆپەيتىدۇ ياكى سېتىپ بېرىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئالماشتۇرىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىزىملىكنى بېكىتكەندىن كېيىن ئاقسارايغا تاپشۇرىدۇ، ئاقساراي تەكشۈرگەندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ تەستىقلايدۇ. ئاقساراي سېتىلىدىغان تۈرلەرنى بېكىتكەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن گوۋۇيۈەن ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە دۆلەت مەجلىسى بىلەن بىرەسمىي كېڭىشىدۇ، مەمۇرىي تارماقلار بىلەن پارلامېنت ئەزالىرى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن دۆلەت مەجلىسىگە رەسمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. دۆلەت مەجلىسى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 30 كۈن ئىچىدە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەگەر باشقىچە پىكىر بولمىسا، قورال – ياراغ سېتىپ بېرىش لايىھەسى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر دۆلەت مەجلىسى قارشى تۇرسا، مەمۇرىي تارماقلار دۆلەت مەجلىسى بىلەن كېڭىشىدۇ. ئەمما قائىدە بويىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن ئۆز ئالدىغا دۆلەت مەجلىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلمايدۇ، شۇڭا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشى تىزىملىك توغرىسىدا باشقىچە پىكىردە بولمايدۇ. ئادەتتە ئامېرىكا سېتىپ بېرىدىغان قورال – ياراغ تۈرىنى رەسمىي تەستىقلىغاندىن كېيىن، تەيۋەن سېتىۋېلىش تەكلىپ لايىھە تەرتىپىنى يولغا قويۇپ، خامچوت تۈزىدۇ، ‹‹ قانۇن چىقىرىش مەھكىمىسى ›› قوشۇلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئارمىيەلەرنىڭ ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ. بىراق بەزىدە ئامېرىكا سېتىپ بېرىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندا، تەيۋەن ‹‹ قانۇن چىقىرىش مەھكىمىسى ›› دىكىلەر تىزىملىك مەزمۇنىغا ئانچە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بەزى ئەھۋاللاردا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى زور تۈركۈمدىكى سېتىپ بېرىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلسىمۇ، ئەمما بىر مەزگىلگىچە سودىدا پۈتۈشەلمەيدۇ ياكى سودا كېچىكىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا 2006 – يىلىدىن كېيىن، تەيۋەنگە خامچوتنى ئاۋۋال ماقۇللاش ياكى تەيۋەن ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا كاپالەت بەرگەندىن كېيىن، ئاقساراي رەسمىي سېتىپ بېرىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشنى بېكىتتى.
‹‹ دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ››
‹‹ دۆلەت مەنپەئەتى ›› ئۇقۇمى 17 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياۋروپادىكى مىللىي دۆلەتلەردە شەكىللەنگەندىن كېيىن تەدرىجىي ئوتتۇرىغا چىققان. فىرانسىيەلىك سىياسىيون، مۇتەپەككۈر، ئېپىسكوپ رىسېلىيۇ ئەڭ دەسلەپتە ‹‹ دۆلەت ھەممىدىن ئەلا ›› دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەپ قاراپ، بۇ ئارقىلىق ‹‹ پادىشاھ ھوقۇقى ھەممىدىن ئۈستۈن ›› دەيدىغان فېئودال ئىدىيەگە قارشى تۇرغان. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان، دۆلەت مەنپەئەتى ئۇقۇمىدا كۆپ ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر غەربتىكى خەلقئارا سىياسىي ساھەسىدىكىلەر كۆپ ھاللاردا مۇنداق قارايدۇ: مەزمۇنغا ئاساسەن، دۆلەت مەنپەئەتى سىياسىي مەنپەئەت، خەۋپسىزلىك مەنپەئەتى، ئىقتىسادىي مەنپەئەت، مەدەنىيەت مەنپەئەتى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. مۇھىملىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، دۆلەت مەنپەئەتىنى يادرولۇق مەنپەئەت، مۇھىم مەنپەئەت ۋە ئادەتتىكى مەنپەئەت قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. يادرولۇق مەنپەئەت دۆلەتنىڭ ھايات – ماماتىغا چېتىلىدىغان، سودىلىشىش ياكى چېكىنىش تەس بولغان مۇھىم مەنپەئەتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى. مۇھىم مەنپەئەت ئادەتتە دۆلەت تەرەققىياتىدا مۇھىم ۋە ھالقىلىق رول ئوينايدىغان مەنپەئەتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بەزى ئالىملار نېفىت، دېڭىز – ئوكيان تىرانسپورت بىخەتەرلىكى جۇڭگونىڭ ‹‹ مۇھىم مەنپەئەتى ›› بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. دۆلەت زېمىنى، دۆلەت كۈچى، نوپۇس قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت مەنپەئەتى ئۇقۇمى ۋە مەزمۇنىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولدى. ئادەتتە دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى قانچە كۈچلۈك بولسا، ئۇنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىدىن باشقا مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر چەت ئەللەردە ھەربىي بازا قۇرۇش، مۇھىم دېڭىز يولىدىكى ھەربىي بىخەتەرلىكنى ‹‹ يادرولۇق مەنپەئەت ›› ، دەپ قارىمايدۇ.
20دۆلەت گۇرۇھى
20 دۆلەت گۇرۇھى 1999–يىلى 25–سېنتەبىر قۇرۇلغان ، ئەزالىرى سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، كانادا، رۇسىيە، شۇنداقلا جۇڭگو، ئارگېنتىنا، ئاۋسترالىيە، بىرازىلىيە، ھىندىستان، ھېندونېزىيە، مېكسىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، كورېيە، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1997–يىلى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ پارتلىشى خەلقئارا جەمئىيەتكە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن باشقا، يەنە تەسىر كۈچىگە ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىشى زۆرۈرلۈكىنى تونۇتتى. 1999–يىلى سېنتەبىردە، غەربتىكى يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى ۋاشىنگتوندا بايانات ئېلان قىلىپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنى قۇرۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭىشىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 1999–يىل 16–دېكابىر، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى بېرلىندا 20 دۆلەت گۇرۇھىنى قۇرۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى رامكىسىدىكى بىرەسمىي سۆھبەتنىڭ بىر خىل يېڭى مېخانىزمى، ئۇنىڭ مەقسىتى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ماھىيەتلىك مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش، ھەمكارلىشىش ھەم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ، ۋەكىلچانلىقى كۈچلۈك. ئۇنىڭ تەشكىللىنىشىدە تەرەققىي قىلغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇقىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى، زېمىن كۆلىمى دۇنيا يەر كۆلىمىنىڭ %60 ىنى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %90 ىنى، سودا سوممىسى دۇنيا سودا سوممىسىنىڭ %80 ىنى ئىگىلەيدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قارالمىلىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە مەسئۇل تارماقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خەلقئارالىق تەسىرى زور. يىغىننىڭ مۇھاكىمە مېخانىزمى كەسىپلەشكەن، كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، كېڭىشىپ بىر قارارغا كېلىش پىرىنسىپى بويىچە مەشغۇلات قىلىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھى بىرەسمىي مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى شەكلى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىدۇ، دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلمايدۇ. نۆۋەت ئالماشتۇرۇپ رەئىس بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. بۇ گۇرۇھنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ.
زۇڭتۇڭ تۈزۈمى بىلەن پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ پەرقى
زۇڭتۇڭ تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىدىلىكى بار: بىرىنچى، زۇڭتۇڭ دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ؛ ئىككىنچى، مەمۇرىي تارماقلار ۋە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولىدۇ، پارلامېنت ئەزالىرى قوشۇمچە مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە ئارىلاشمايدۇ، ھۆكۈمەت باشلىقلىرىمۇ قوشۇمچە پارلامېنت ئەزاسى بولمايدۇ؛ ئۈچىنچى، سايلانغان زۇڭتۇڭ ھۆكۈمەتنى تەشكىللەيدۇ، زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمى ئايرىم – ئايرىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىقلار پارتىيەسىنىڭ چوقۇم ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولۇشى ناتايىن؛ تۆتىنچى، پارلامېنت زۇڭتۇڭغا ئىشەنمەي ئاۋاز بەرسە بولمايدۇ، زۇڭتۇڭنىڭمۇ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ۋەكىللىك دۆلەتلەر: ئامېرىكا ۋە ئافرىقىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر. پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكى دۆلەت باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسى ئايرىۋېتىلگەن بولىدۇ. دۆلەت باشلىقلىق ۋەزىپىسى كۆپىنچە سىمۋول خاراكتېرىدىكى ۋەزىپىدە بولۇپ، ھەقىقىي مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزەلمەيدۇ. ھۆكۈمەت باشلىقى پارلامېنتتىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيە ياكى كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئىگە بىرلەشمە پارتىيەدىن تاللىنىدۇ، ھوقۇقى پارلامېنتىنىڭ قوللىشىدىن كېلىدۇ ھەم پارلامېنتتىكى پارتىيەلەرنىڭ ئورۇن ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. پارلامېنت تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەردە پارلامېنت ۋەزىر (زۇڭلى) گە ئىشەنمەي ئاۋاز بەرسە، ۋەزىر (زۇڭلى)نى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە قىستىسا بولىدۇ. ۋەزىر (زۇڭلى) مۇ خالىغان ۋاقىتتا پارلامېنتنى تارقىتىۋەتسە بولىدۇ. ۋەكىللىك دۆلەتلەر: ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، ياپونىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىقلار. زۇڭتۇڭ تۈزۈمىدە ئۈچ ھوقۇق ئايرىۋېتىلگەن بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكىدۇر. ھالبۇكى پارلامېنت تۈزۈمىدە ھوقۇق ئۇنچە ئېنىق ئايرىلمايدۇ، مەمۇرىي ئورگان قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ھۆكۈمەت پارلامېنتقا مەسئۇل بولىدۇ. زۇڭتۇڭ تۈزۈمى ۋە پارلامېنت تۈزۈمىدىن باشقا، يەنە بىر خىل زۇڭتۇڭ تۈزۈمى ۋە پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى مۇجەسسەملەشنى نىشان قىلغان ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بولۇپ،ئۇ يېرىم زۇڭتۇڭ تۈزۈلمىسى ياكى زۇڭتۇڭ – پارلامېنت تۈزۈلمىسى، دەپ ئاتىلىدۇ. يېرىم زۇڭتۇڭ تۈزۈلمىسىدە، زۇڭتۇڭنىڭ پۇقرالارنى ئاۋاز بېرىشكە تەشكىللەپ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقى بولىدۇ. ھەتتا دۆلەتتە جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە، پۇقرالارنى ئاۋاز بېرىشكە تەشكىللەپ ئالاھىدە ھوقۇقتىن پايدىلىنىشقىمۇ ھوقۇقلۇق. فىرانسىيە، شىۋېيتسارىيە، كورېيە، رۇسىيە، ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغان.
غەرپ رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن بىنورمال ئايرىلغاندىن كىيىنكى ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزىۋېلىش
غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئارىسىدا ‹‹ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش قانۇن لايىھەسى›› ئەڭ مۇكەممەل ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش قانۇن لايىھەسى بولۇپ، 1947 – يىلى يولغا قويۇلغان. لايىھەدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلسا، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ۋە كابىنېت ئەزالىرىنىڭ بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى چوقۇم ئامېرىكىدا تۇغۇلغان پۇقرالاردىن سايلىنىدىغان بولغاچقا، ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش تەرتىپىدىكىلەر ئىچىدە ئامېرىكىدا تۇغۇلمىغانلار بولسا، نۆۋەت كەينىدىكى كىشىگە كېلىدۇ. ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۋېلىش تەرتىپىدە، ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالغۇچى ۋاقىتلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىك ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، ‹‹قارانچۇق زۇڭتۇڭ›› ياكى ‹‹قارانچۇق كابىنېت زۇڭلىسى››، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فىرانسىيەدە زۇڭتۇڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىستېپا بەرسە ياكى ئۆلۈپ كەتسە، كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ بولىدۇ، ئامېرىكىغا ئوخشىمايدىغان يېرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى پەقەت ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ بولىدۇ، ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلگەندە، زۇڭتۇڭ يېڭىباشتىن سايلاپ چىقىلىدۇ. پولشانىڭ ئاساسىي قانۇنىدا، زۇڭتۇڭ تاسادىپىي ئۆلۈپ كەتسە، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرسە ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىسا، زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئالدىن بېكىتىلگەن سىياسىيوننىڭ ۋاكالىتەن ئۆتەيدىغانلىقى بەلگىلەنگەن، بۇ ۋەزىپىمۇ ۋاقىتلىق بولىدۇ. پولشا زۇڭتۇكى كاچىنىسكى 2010 – يىل 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بەختسىزلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، پولشا تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىرۇنىسۋائوۋ كوموروۋسكىي مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ بولدى. پولشا ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، كوموروۋسكىي مۇۋەققەت زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشلاپ 14 كۈن ئىچىدە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى ئېلان قىلىشى، سايلام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت. ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا، جەنۇبىدىكى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش پىرىنسىپى ئامېرىكىنىڭكىگە ئوخشايدۇ. بىرازىلىيەدە زۇڭتۇڭنىڭ ئورنى بوش قالسا، زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى، فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. پېرۇدا بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ، ئىككىنچى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت رەئىسى قاتارلىقلار تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتتىمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپاچە ۋەزىپە ئۆتكۈزۋېلىش پىرىنسىپى قوللىنىلغان. كورېيەنى مىسال قىلساق، زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى زۇڭلى، ئاممىۋى باشقۇرۇش ۋە خەۋپسىزلىك مىنىستىرى، بىلىم ئىگىلىكى مىنىستىرى، مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە تېخنىكا مىنىستىرى قاتارلىقلار تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. ياۋروپاغا ئوخشايدىغىنى، زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى 60 كۈن ئىچىدە يېڭىدىن سايلام ئۆتكۈزىدۇ. ئافرىقا دۆلەتلىرىدە سىياسىي ئۆزگىرىش كۆپ يۈز بەرگەچكە، زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ ئېنىق ئۆلچىمى يوق. شۇنداقتىمۇ نەزەرىيە جەھەتتە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش بەلگىلىمىسى ئاساسەن ياۋروپانىڭ ئەندىزىسى بويىچە بولىدۇ. كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا، 60 كۈن ياكى 90 كۈن ئىچىدە يېڭىباشتىن سايلام ئۆتكۈزىدۇ. بۇلاردىن باشقا، يەنە نۇرغۇن پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر بار. مەسىلەن: تايلاند، ياپونىيە، ئەنگلىيە، دانىيە، گوللاندىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىقلار. ئەنگلىيەنى مىسالغا ئالساق، باش ۋەزىر ياردەمچىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى تامامەن باشقا ئۇقۇم بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىر ياردەمچىسى پەقەت سىمۋول خاراكتېرلىك ئەمەل، باش ۋەزىر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا، ئەنگلىيە دەرھال پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈپ، يېڭى باش ۋەزىر سايلاپ چىقىدۇ.
مەنبە : ئىزدىنىش مۇنبىرى . |
|