| ئائىلە ۋە ئائىلە تەربىيەسى
ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
ئەكپەر ۋەلى 20 -ئەسىردىن بۇيان ئائىلە مۇناسىۋىتى ۋە ئائىلە تەربىيەسى كەڭ كۆلەمدە تەتقىق قىلىنىپ، ئىلىم- پەن يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلدى. 1989 - يىلى 8- دېكابىر ب د ت يىغىندا 1994-يىلىنى خەلقئارا ئائىلە يىلى قىلىش جاكارلاندى. 1994-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 15-ماي كۈنىنى خەلقئارا ئائىلە كۈنى قىلىش قارار قىلىندى. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ بىر تەركىبى، ئىناق، گۈزەل ئائىلە قۇرۇش ھەر بىر شەخسنىڭ يۈكسەك ئارزۇسى بولۇپلا قالماستىن، ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىش جەمىئيەت مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر قانداق كىشى قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ياكى قانداق گۈزەل جايدا ساياھەت قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىلا ۋاقتىدا ئائىلىسىگە قايتىشنى ئارزۇلايدۇ. گەرچە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئائىلىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، ئائىلە قۇرۇلمىسى، ئائىلە مۇناسىۋىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىنىڭ ئىقتىدارى ئۆزگەرمىدى، بەلكى ئائىلىنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارى بارغانسېرى كۈچەيدى. شۇڭا ھەر قانداق دەۋردە ئاتا -ئانا، ئائىلە ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت كېيىنكى ئەۋلادنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇلايدۇ. ئائىلىنىڭ جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنى ۋە ئوينايدىغان رولىدىن ئېيتقاندا ئۇنى ھەم ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقتىن بەھرىمەن بولىدىغان ھەم جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشىدىغان ئامىل دەپ قاراشقا بولىدۇ. ھالبۇكى ھازىر بەزى ئائىلىلەر بەھرىمەن بولۇشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاكتىپ كۈچ قوشۇشقا سەل قاراپ، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن پەرزەنتلىرىگە قارىتىلغان تەربىيەنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئائىلىنىڭ ئويناشقا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان ئالاقىلىشىش قوراللىرى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشقانلىقتىن، كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ئىشلار ئۆيدە ئولتۇرۇپ بېجىرىلىدىغان بولدى، شۇنداقلا ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىشىغا ياخشى پۇرسەت يارىتىلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھازىرقى بالىلارنىڭ قوبۇل قىلىدىغان ئۇچۇر مىقدارى چوڭلارنىڭكىدىن قېلىشمايدىغان بولدى. مۇنداق مول ئۇچۇر قوينىدا، ياخشى-ياماننى پەرقلەندۈرۈش، توغرا-خاتانى ئايرىشنى بىلمەيدىغان بەزى بالىلارنى قانداق يېتەكلەش بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلاندى. ئائىلە تەربىيەسى بالىلارنىڭ خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئائىلە تەربىيەسى ئائىلىنىڭ بالىلارنىڭ خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى لازىم. خاراكتېر ئادەمدىكى بىر قەدەر تۇراقلىق قېلىپلاشقان پىسخىك خۇسۇسىيەت بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ رېئاللىققا نىسبەتەن قوللانغان بىر قەدەر مۇقىم پوزىتسىيەسى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىپ ھەرىكەت شەكلى جەھەتلەردە باشقا كىشىلەردىن پەرقلىنىدىغان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ، خاراكتېر بالىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى، ئۆگىنىش شەرت-شارائىتلىرىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ. شۇڭا ئائىلىنىڭ ماددىي تۇرمۇش شارائىتى، ئىجتىمائىي ئورنى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى، ئۇلارنىڭ ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ئىپادىلەنگەن سۆز-ھەرىكەتلىرى بالىلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدە كۈچلۈك ئىز قالدۇرىدۇ. بولۇپمۇ ياخشى ئائىلىۋى پىسخىك مۇھىت بالىلاردا ئېسىل خاراكتېرنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا كۆيۈنۈشى قاتارلىقلار خاراكتېرنىڭ ساغلام يېتىلىشىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، مۇنداق مۇھىت بالىلاردا كەمتەر، ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق، ماسلىشىشچان، سەمىمىي-سادىق، ئۈمىدۋار، مەرد بولۇشتەك ئېسىل خاراكتېر ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. پىسخولوگىيە تەتقىقاتىدا ئائىلە مۇھىتىدىكى خۇشاللىق دەرىجىسى ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل دەپ قارىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا راستچىل بولۇش، نەرسە-كېرەكلىرىنى رەتلىك تۇتۇش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ۋە كىتاب ئوقۇش قاتارلىق ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشى لازىم. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ‹‹ئۆزۈم ئىشلەيمەن، ئۆزۈم يازىمەن، ئۆزۈم قىلىمەن›› دەيدىغان ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئىناق ئائىلىنىڭ شەكىللىنىشى ئەر – ئاياللارنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشى، كۆيۈنۈشى، ئۆزئارا يول قويۇشى، زىددىيەتنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى زۆرۈر. خۇددى لۇشۈن ئېيتقاندەك ‹‹مۇھەببەت ھەر دائىم يېڭىلىنىپ تۇرۇشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىجاد قىلىنىشى زۆرۈر››. دېمەك تۇرمۇش داۋامىدا توي قىلىش ئالدىدىكى مۇھەببەتنى داۋاملىق كۈچەيتىپ موستەھكەملەش ئارقىلىق ئائىلە ئاساسىنى پوختا ئورنىتىش لازىم. شۇنداق بولغاندىلا ئائىلە مۇھىتى بىر – بىرىگە غەمخورلۇق قىلىدىغان، بىر-بىرىنى قوللايدىغان، بىر-بىرىنى كۆرمىسە تۇرالمايدىغان خۇشاللىق ۋە جۇشقۇن روھ پەيدا قىلىدىغان بەختلىك ئائىلىگە ئايلىنىدۇ. دېمەك بەختلىك ئائىلە قۇرۇشمۇ خۇددى پەرزەنتلىرىنى ياراملىق ئادەم قىلىشقا ئوخشاش مۇقەددەس ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ. |
|