كۆرۈش: 252|ئىنكاس: 2

يىقىلىش خەتەرلىك ئەمەس، خەتەرلىكى ئورنىدىن تۇرالماسلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يىقىلىش  خەتەرلىك  ئەمەس،  خەتەرلىكى  ئورنىدىن  تۇرالماسلىق

  ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:  شىنجاڭ  گېزىتى


--------------------------------------------------------------------------------
گۈلپىيە ئابلىز



بىز ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا باشقىلار ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، باشقىلار بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغاندا بىزمۇ ئۇنىڭغا ئورنىڭدىن دەس تۇر دەپ ئىلھام بېرىمىز، كىشىلىك ھاياتتا ھېچكىممۇ مەن مەڭگۈ يىقىلمايمەن دېيەلمەيدۇ. يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ ھەرخىل سەۋەبلىرى بار: بەزىلەر يۇقىرىغا يامىشىۋېتىپ يىقىلسا، بەزىلەر پەسكە چۈشۈۋېتىپ مۈدۈرۈلۈپ يىقىلىدۇ، بەزىلەر غادىيىۋېلىپ پۇتلىشىپ يىقىلسا، بەزىلەر بېشىنى ئېگىۋېلىپ ئۆرە بولالماي يىقىلىدۇ، بەزىلەر باي-باياشاتچىلىقتىن تولغىنىپ يىقىلسا، بەزىلەر يوقسۇزلۇقتىن يىقىلىدۇ، بەزىلەر بىغەملىكتىن پۇتلىنىپ يىقىلسا، بەزىلەر ھىيلىگەرلىكتىن ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى يىقىلىدۇ. مەيلى قانداق سەۋەبتىن يىقىلايلى، ئەتراپىمىزدىكى ئاق كۆڭۈل، رەھىمدىل كىشىلەرنىڭ يۆلەپ قويۇشىغا، مەدەت بېرىشىگە ئېرىشىمىز. ئەمما ئۇلار بىزنى يۆلەپ قويالىغىنى، مەدەت بېرەلىگىنى بىلەن بىزگە داغدام يولنى، پارلاق كېلەچەكنى سۇنۇپ بېرەلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق قىلالمايدۇ، رەھىمسىز رېئاللىق يەنە سوغۇق كۈلۈپ بىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ‹‹يىقىلغان يېرىڭدىن بىر سىقىم توپىنى ئېلىپ تۇر›› دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزى بار. كىشىلىك تۇرمۇش ئادەمنى ئۆزى ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە سەۋرلىك قىلىدۇ، سەۋرچانلىق ئادەمنى ئىرادىلىك قىلىدۇ، ئىرادە ئادەمنى باتۇر قىلىدۇ، باتۇر ئادەم قىيىنچىلىقتىن، خىرىستىن، يىقىلىپ چۈشۈشتىن قورقمايدۇ.



   چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەن بىر پىروفېسسور ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇنداق نۇتۇق سۆزلەپتۇ: ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم، بۇ مەكتەپلەردىكى ھەيكەللەر ئاساسەن ئۇچۇۋاتقان ياكى بىرەر شەيئىدىن ھالقىپ ئۆتۈۋاتقان شەكىلدە بولۇپ، تىرىشىشقا ۋە ئىنتىلىشكە سىمۋول قىلىنغان. بىر قېتىم چەت ئەلگە چىقىش پۇرسىتى بىلەن، لوندۇندىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ قالدىم، بۇ مەكتەپتىمۇ بىر ھەيكەل بار ئىكەن، ھەيكەل ئالدىغا 45 گىرادۇس قىيسايغان شەكىلدە ئىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىلارغا كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدە ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ يىقىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى، پەقەت ئۆزىنىڭ قانداق يىقىلغانلىقىنى بىلەلىگەن ئادەملا قايتا يىقىلىشتىن ساقلىنالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.



   ھاياتلىق مۇساپىسى ئىنتايىن ئۇزاق، بۇ يولدا مۇھىم بولغىنى يىقىلغان جايىدا دەس تۇرۇشتۇر، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئېھتىمال يەنە يىقىلىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ھېچقىسى يوق، رېئاللىققا يۈزلىنىپ، ئۆزىڭىزدىكى ئۆزگەرتىشكە، تولۇقلاشقا تېگىشلىك جايلارنى ئۆزگەرتىڭ، تولۇقلاڭ. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، يىقىلىش خەتەرلىك ئەمەس، بەلكى ئەڭ خەتەرلىكى يىقىلغان جايىدىن دەس تۇرۇشقا، ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، باشقىلارنىڭ ياردەم بېرىشىنى، تەقدىرنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىنى ساقلاش خاتالىقتۇر. تەۋرەنمەس ئىرادە ۋە ئىزچىل تىرىشىش روھى بولسىلا ئاسانلىقچە يىقىلىپ كەتمەيمىز، يىقىلغان تەقدىردىمۇ قاتتىق چۈشمەيمىز.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-21 15:18:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى بەك ياخشىكەن مەن راستىنلا ياقتۇردۇم
ۋاقتى: 2015-11-25 09:53:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيۋى ئەھىمىيتى ناھايىتتى زور ماقالە بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە تەشەككۇر،
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش