كۆرۈش: 213|ئىنكاس: 4

ئۈچ تەۋسىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈچ  تەۋسىيە
  ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ  گېزىتى


--------------------------------------------------------------------------------
مۇھەممەدجان تىلىۋالدى



ياشلىق ئادەمنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ جۇشقۇن، ئارزۇ - ئۈمىدلەرگە تولغان، ھېس-تۇيغۇلارغا باي دەۋرى. ئىنسان ھاياتىنىڭ نەۋ باھارى ۋە ئەڭ قىممەتلىك بىباھا چاغلىرىدۇر. ئىنسان ھاياتىنى گۈلگە ئوخشاتساق، ياشلىق شۇ گۈلنىڭ ئېچىلىدىغان، خۇش پۇراق چاچىدىغان ۋاقتىدۇر. لېكىن، ئۇنىڭ ئۆمرى تولىمۇ قىسقىدۇر، ئادەمنىڭ ياشلىق دەۋرى خۇددى كۆكتە چېقىن چاققاندەكلا تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن ياشلىقىنى قەدىرلىمەسلىك، مېھنەت، تەر ئاققۇزماسلىق، تىرىشماسلىق ئەڭ ئېغىر پاجىئەدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر كىشى ياشلىقىنى قەدىرلىشى، ياشلىقنىڭ بىھۇدە، مەنىسىز ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى، ھاياتىنى يېڭى-يېڭى مەنەلەرگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك. بىر دانا زات مۇنداق دېگەن: ‹‹ بەش نەرسە كېلىشتىن بۇرۇن بەش نەرسىنى غەنىيمەت بىلگىن، يەنى قېرىلىق كېلىشتىن بۇرۇن ياشلىقىڭنى، كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن سالامەتلىكىڭنى، كەمبەغەللىكتىن بۇرۇن بايلىقىڭنى، ئۆلۈشتىن بۇرۇن ھاياتىڭنى، ئالدىراشلىقتىن بۇرۇن بوش ۋاقتىڭنى غەنىيمەت بىلگىن››. ئېنىقكى، بۇ بەش نەرسىنىڭ قىممىتى ئۇلارنىڭ ئورنى ئالماشقاندىن كېيىن بىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئورنى ئالمىشىشتىن بۇرۇن قەدرىگە يېتىپ، بۇ دۇنيادا ياخشى نىيەت، پاك كۆڭۈل بىلەن ياشىماق لازىم.



ئىلىم ئۆگىنىش بەخت-سائادەتلىك بولۇشنىڭ ئاساسى

ئىلىم تەپەككۇرنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنى توغرا بولغان تەرەققىيات يولىغا باشلايدۇ. ئىنسان ئەقلى ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق يۈكسەك ئورۇن، كاتتا مەقاملارغا ئىگە بولالايدۇ. ئەقىل ئىشلەتمەي، ئىلىم ئۆگەنمەي تۇرۇپ پايدىلىق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. ئىلىم ئەھلىنى ھۆرمەتلەنمىگەن، ئىلىمسىزلىك پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتقان قوۋم بولسا بىر ئۆمۈر خار-زەبۇنلۇقتا ئۆتىدۇ.



كاتتا بىر سورۇندا ئىلىم ۋە مال – دۇنيا ھەققىدە سوئال سورىغۇچىلارغا بىر دانا زات مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

ئىلىم مالدىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئىلىم سېنى قوغدايدۇ، سەن مېلىڭنى قوغدايسەن.



       ئىلىمنىڭ ھۆرمىتى بىلەن دۈشمەنلىرىڭ ساڭا دوست بولسا، مېلىڭنىڭ سەۋەبى بىلەن دوستلىرىڭ دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ.

ئىلىم ئىنسانغا ھەقىقىي دوستدۇر، سەپەردە ئايرىلماس ھەمراھدۇر. ئىلىم سېنىڭ ھەر بالادىن قۇتۇلۇشىڭغا سەۋەب بولىدۇ.

ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئىلىم ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئىلىمنى ئىنسانىيلىق مەجبۇرىيىتىمىزنى توغرا ئادا قىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىش ئاقىلانە تاللاشتۇر. ئەمما، ئىلىم ئارقىلىق كىبىرلىنىش، ئۆزىنى جاھاندا بىر سانىۋېلىش، ئۆگەنگەن ئىلىمگە ئەمەل قىلماسلىق، ئىلىمنى مال-دۇنيا، ھوقۇق-مەرتىۋىگە ئېرىشىشتىكى ۋاسىتە قىلىۋېلىش ئەقىلسىزلىقتۇر.



     ھۈنەر – كەسىپلىك بولۇش ئېسىل خىسلەت

     ھېكمەت ۋە تەجرىبىلەردىن ئايانكى، ئىنساننىڭ ھۈنىرى ئۇنىڭ بايلىقى. ھۈنەرسىز ئەر ھوسۇلسىز يەرگە ئوخشايدۇ. مال – دۇنيا تۈگەيدۇ، ھۈنەر تۈگىمەيدۇ. ئۇنى سىزدىن ھېچ كىشى تارتىۋالالمايدۇ. ھۈنەرنىڭ شاراپىتىدىن ئىززەت – ھۆرمەتكە ئىگە بولالايسىز. تۇرمۇش دوقاللىرىدا ئۇچرىغان ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كېتەلەيسىز.



ئەجدادلىرىمىز ھۈنەرلىك بولۇش، ھۈنەر ئارقىلىق روناق تېپىش، كىشىلەرگە پايدا – مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە بۇ ئارقىلىق بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. ھۈنەرنى ئەرنىڭ قانىتى دەپ قاراپ، ھۈنەرسىز كىشىنى ‹‹قاناتسىز قۇش››قا ئوخشاتقان. قۇشنىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلىشى ئۈچۈن قانات كېرەك بولغىنىدەك، ھۈنەرمۇ كىشى ئۈچۈن قاناتتەك زۆرۈردۇر. شۇڭا ھەر بىر كىشى ھۈنەر- ئىلىم ئۆگىنىشكە ئىنتىلىشى، ھۈنەر ئۆگىنىشتىن نومۇس قىلماسلىقى لازىم. شۇندىلا ئىنسانىي قەدىر - قىممەت بىلەن ياشىيالايدۇ.



كۆپ تىللىق بولۇش دەۋرنىڭ تەقەززاسى

تىل ئىنسانىيەتنىڭ ئالاقە قورالى. تىل ئىلىم خەزىنىسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ. كۆپ تىللىق بولۇش دەۋرنىڭ تەقەززاسىنى چۈشىنىدىغان، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش روھىغا ئىگە ياشلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بىر ئىش. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك دۆلەتلەر ئارا ھەرخىل ئالاقە، سودا - تىجارەت، پۇل - مۇئامىلە، ساياھەتچىلىك، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ئاۋۇۋاتقان شارائىتتا ياشلار دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىش، شۇنداقلا مىللەتلەر ئارا ئالاقىنى ياخشىلاش، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، دوستلۇقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئانا تىلىغا پۇختا بولۇش بىلەن بىرگە، كۆپلىگەن تىللارنى ئۆگىنىشكە ئېتىبار بىلەن قارىشى لازىم.

ياشلىق ئادەمدە مەڭگۈ تۇرمايدۇ. بىر كۈننىڭ ئۆتكىنى ياشلىق گۈلىڭىزدىن بىر بەرگىنىڭ تۆكۈلگىنى خالاس. ياشلىقتىكى ئەجىر - مېھنەتتىن خۇش پۇراق گۈللەر ئېچىلىدۇ، كېيىنكى پۇشايماندىن ھەسرەت - نادامەت داغلىرى قالىدۇ. شۇڭا ياشلىقىڭىزنى قەدىرلەڭ، مەنىلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇڭ. ياشلىقىڭىزدىكى بىر مىنۇتمۇ بىكار ئۆتمىسۇن. قولىڭىزدىن كېلىدىغان، ئۆزىڭىز ئەڭ قاملاشتۇرالايدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ياشلىقىڭىزنى ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشىڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-31 12:00:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېىمىدىن بەك سۆيۈندۇم، بىز ئۇزلۈكسىز تىرىشىمىز كېرەك .
ۋاقتى: 2015-12-31 13:24:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك   ياخشى  تەۋسىيەلەكەن.   ئاپىرىن.
ۋاقتى: 2016-1-1 14:48:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ئىسىل دۇردانىلەرنى يوللاپسىز قېرىندىشىم ،تۇلىمۇ مەنىلىك ،
ۋاقتى: 2016-1-4 11:16:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئىسىل تىما ئىكەن رەخمەت سىزگە ھارمىغايسىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش