كۆرۈش: 285|ئىنكاس: 4

قىيىنچىلىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر پۇرسەتتۇر

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قىيىنچىلىقنىڭ  ئۆزىمۇ  بىر  پۇرسەتتۇر

   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ  گېزىتى


--------------------------------------------------------------------------------
نەسىردىن ھاپىز



   تۇرمۇش تۈرلۈك – تۈمەن ئېھتىياج، ئارزۇ – ئارمان ۋە گۈزەل غايە ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. شۇ ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇش، ئارزۇلارغا يېتىش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە، مۈشكۈلاتلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ. ئېھتىياج، ئارزۇ – ئارمان قانچە كۆپ بولغانسېرى دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىق، بېسىممۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىرادىلىك، قەيسەر، جاسارەتلىك ياشاش ھاياتنىڭ ئىنسانلاردىن كۈتىدىغان ئەقەللىي تەلىپىدۇر.



   ھالبۇكى، بىر قىسىم كىشىلەر جاپادىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، زىيادە خاتىرجەملىكنى ۋە راھەت – پاراغەتنى كۆزلەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر تۇرمۇشى بەلگىلىك ماددىي كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، شۇنىڭغا قانائەت قىلىپ، كۆرەڭلەپ ياشايدۇ. بۇنداق كىشىلەردە ئۇلۇغۋار ئارزۇ، غايە، ئىستەك بولمايدۇ. بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ پەقەت شېرىن خىيال بولۇپ قالىدۇ، خالاس. ئەمەلىيەتتە بۇنداق زىيادە تىنچ، شاۋقۇنسىز تۇرمۇشمۇ كىشىنى بىخۇدلاشتۇرۇپ، ھۇرۇن، لايغەزەل قىلىپ قويىدۇ، ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنى سۇندۇرۇپ، كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىققىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا كەسكىن رىقابەت، خىرىس ۋە بېسىملارغا تولغان دۇنيا. رېئاللىققا دادىل يۈزلىنەلىگەن كىشىلەرلا ئۆز ئىشىدا ھەقىقىي نەتىجە قازىنالايدۇ. دۇنيادا يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق، ئۆتكىلى بولمايدىغان توساق يوق. كىشى قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە پىشىپ يېتىلىدۇ، قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىق كىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەتتۇر!



   كىشى قىيىنچىلىقنى بىر پۇرسەت دەپ بىلگەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنەلەيدۇ، ۋايساش، دادلاش، قاقشاشتەك ناچار روھىي ھالەتنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، ساغلام پىسخىك تەڭپۇڭلۇق، ياخشى، ئاكتىپ كەيپىيات ئىچىدە ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولالايدۇ. ئەگەر زىيادە خاتىرجەملىكنى قوغلىشىپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئارزۇ – ئارمانلىرىدىن ۋاز كەچكەن كىشى ئاخىر چۈشكۈنلىشىپ، ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ.

   بىر ھايۋاناتشۇناس ئافرىقىنىڭ ئورېنج دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ھايۋانلارنى كۆزىتىپ، دەريانىڭ شەرقىي قىرغىقى بىلەن غەربىي قىرغىقىدىكى بۆكەنلەرنىڭ ئانچە ئوخشىمايدىغانلىقىغا دىققەت قىپتۇ. ئۇ ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق دەريانىڭ شەرقىدىكى بۆكەنلەرنىڭ دەريانىڭ غەربىدىكى بۆكەنلەرگە قارىغاندا كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى، تېز يۈگۈرىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ ھەم مۇھىت ۋە ئوت – چۆپ ئوخشاش ئەھۋالدا بۇنداق زور پەرقنى كۆرۈپ ھەيران بوپتۇ.



   ئۇ بۇ سىرنى يېشىش ئۈچۈن، شۇ يەردىكى ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە مۇنداق تەجرىبە ئېلىپ بېرىپتۇ: دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىن ئايرىم – ئايرىم ئوندىن بۆكەننى تۇتۇپ قارشى قىرغاققا قويۇپ بېرىپتۇ. نەتىجىدە غەربىي قىرغاققا قويۇپ بېرىلگەن بۆكەنلەر كۆپىيىپ 15كە يېتىپتۇ، ئەمما شەرقىي قىرغاققا قويۇپ بېرىلگەن بۆكەنلەردىن ئاران تۆتى قاپتۇ، قالغان ئالتىسى بۆرىلەرگە يەم بولۇپتۇ. سىر ئاخىر يېشىلىپتۇ: شەرقىي قىرغاقتىكى بۆكەنلەرنىڭ تېنىنىڭ ساغلام بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلارغا يېقىن ئەتراپتا بىر بۆرە توپى بولۇپ، بۆرە ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ‹‹ھوشيار ھالەت››تە تۇرغۇزىدىكەن. دېمەك، ياشاش ئۈچۈن ئۇلار قەيسەر، چېچەنلىشىپ كەتكەن ئىكەن. ئەمما غەربىي قىرغاقتىكى بۆكەنلەرنىڭ ئاجىز بولۇشىدا دەل كۈشەندىسى يوق بولۇپ، ياشاشقا نىسبەتەن بېسىم بولمىغاچقا، ئۇلار تەدرىجىي خېمىرغا يېنىپ كەتكەن.



   ئەمەلىيەتتە بېسىمسىز، قىيىنچىلىقسىز تۇرمۇشنىڭ مەنىسى بولمايدۇ، قىيىنچىلىق ئادەمنى تاۋلايدۇ، كۆپىنچە تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەر قىيىنچىلىقنى يېڭىش جەريانىغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئوڭۇشسىزلىقتىن، قىيىنچىلىقتىن ئۆزىنى تارتماستىن، بەلكى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشى، ئۇنى بىر ياخشى پۇرسەت، دەپ بىلىشى لازىم. ئۆز غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، كۆزلىگەن نىشانىمغا يېتىمەن دېگۈچىلەر بېسىم، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار ئالدىدا ۋايسىماسلىقى، بەلكى ئۇنى پۇرسەت، ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى پەلەمپەي، ئىرادىسىنى سىنايدىغان سىناق، دەپ بىلىشى لازىم. ئىنسانىيەت تارىخىدا بۈيۈك ئىختىرالارنى ياراتقان، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلىپ، تارىخنىڭ سەھىپىسىدىن ئۆچمەس ئورۇن ئالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئەنە شۇنداق ئېگىلمەس – سۇنماس ئىرادە، ئۇلۇغۋار روھ ۋە ئىرادىسىگە تايانغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ زور تىرىشچانلىقلىرى بىلەن قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى شوتا قىلىپ، جاپالىق ئىشلەش نەتىجىسىدە ئۆز كەسپىدە چوڭ نەتىجىلەرنى قازىنىپ، مىللىتىمىزنىڭ، زامانىمىزنىڭ ئىپتىخارلىرىغا ئايلىنىۋاتقانلار ئاز ئەمەس.



   بىز تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا تەمكىن ۋە سوغۇققان بولۇپ، قىيىنچىلىقلار ئىچىدىن پۇرسەت ئىزدەشكە ماھىر بولالىساق؛ ئوڭۇشسىزلىق، قىيىنچىلىق ۋە مەغلۇبىيەتلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، يۈكسەك غەيرەت – شىجائەت، زور تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئۇنى ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ پەلەمپىيىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆز نىشانىمىز، غايىمىز، ئارزۇ – ئارمانلىرىمىز يولىدا توختاۋسىز تىرىشساقلا، چوقۇم ياخشى نەتىجىلەرگە، مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيمىز.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-18 11:29:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ قىيىنچىلىققا ئۇچراش ئارقىلىقمۇ بىر قېتىم ئەقىل تاپىمىز ، شۇڭا قىيىنچىلىقمۇ بىر پۇرسەت .
ۋاقتى: 2015-11-18 11:38:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
ۋاقتى: 2016-1-6 18:17:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ،مۇشۇنداق ئېسىل مەزمۇنلار كۈمۈلۈپ قالمىسا.
ۋاقتى: 2016-1-7 01:38:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشى قىيىنچىلىقنى بىر پۇرسەت دەپ بىلگەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنەلەيدۇ
بۇ جۈملە تولىمۇ جايىدا ئېيتىلىتپتۇ، ساقلىۋالدىم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش