كۆرۈش: 1174|ئىنكاس: 8

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىشتا نېمىلەرنى يېزىش كېرەك5

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىشتا نېمىلەرنى يېزىش كېرەك؟

   دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش خۇددى دەرس تەييارلىقىغا ئوخشاشلا ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى.ھەر بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ مەزمۇنى،ئالاھىدىلىكى،ئورنى،ۋە ئۈنۈمىگە ئاساسەن ئەستايىدىل ئويلىنىپ،شۇ سائەتلىك دەرسنى قايتا بىر ئەسلەپ چىقىپ،ئويلىغانلىرىنى يېزىپ چىقىش كېرەك.ئۇنداقتا دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش قىسمىغا نىمىلەرنى يېزىش كېرەك؟ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىم،تەجرىبە-ساۋاقلىرىم،كۆرگەن-بىلگەنلىرىمگە ئاساسلانغاندا دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىشقا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار نى يازساق مۇۋاپىق بولامدىكىن دەپ ئويلىدىم.

   1.ئوقۇتۇشتىن قالدۇرۇلغان تەسىراتنى يېزىش.دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ نەتىجىلىك بولۇش-بولماسلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجاتچانلىقى،تەپەككۈرى ۋە دەرس بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىشىدا ،ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن دەرسلىكنىڭ مەزمۇنىنى ئىگەللەش،مۇۋاپىق بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قولىنىپ دەرسلىكنىڭ مەزمۇنىنى لاھىيەلەشتە ئىپادىلىدۇ.ئوقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ئۆزى چوڭقۇر ھېس قىلغان،مۆلچەرلەنگەن ئۈنۈمگە يەتكەن،بەس-مۇنازىرە قوزغىغان مەزمۇن ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى يېزىپ ماڭسا بۇلار توپلىنىپ قىممەتلىك ئوقۇتۇش بايلىقىغا،ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئايلىنىدۇ.

   2.ئوقۇتۇش جەريانىدا كۆرۈلگەن سەۋەنلىكلەرنى يېزىش.ئوقۇتۇش جەريانىدا بەزى يېتەرسىزلىك ۋە سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ.مۇھىمى  كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىك ۋە سەۋەنلىكلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش،ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ مۇۋاپىق لاھىيەلەنمەي قېلىشى،قوللانغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ شۇ سائەتلىك مەزمۇنغا ماس كەلمەي قېلىشى، ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتىنىڭ گەۋدىلەنمەي قېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە دادىللىق بىلەن يۈزلىنىشىمىز ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك.ئوقۇتۇش جەريانىدا سەۋەنلىك كۆرۈلگەندە ئوقۇتقۇچى ئۇنى ۋاقتىدا خاتىرلەپ،سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش،ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ۋاقتىدا ئىزدىنىش،باشقىلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش،ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاش،ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارىي قىلدۇرۇش لازىم.

   3.ئوقۇغۇچىلارغا قىيىن تۇيۇلغان مەزمۇنلارنى يېزىش.ئوقۇغۇچىلار دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلار كۆپىنچە شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ قىيىن نۇقتىسى بولىدۇ.ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارغا قىيىن تۇيۇلغان نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىن مەزمۇنلارنى قىزىقارلىق مىساللار ئارقىلىق ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان چارىلەرنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئىزدىنىشكەتوغرا كېلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەزمۇنلارمۇ دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش جەريانىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم مەزمۇن ھېساپلىنىدۇ.

   4.ئوقۇتۇش جەريانىدا  ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايقىغانلىرىنى يېزىش .دەرسخانا ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى بايقىمىغان ،ئويلاپ يېتەلمىگەن،كېيىنكى ئوقۇتۇش جەريانىدا ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنى بايقىشى، ئويلاپ يېتەلىشى مۈمكىن.شۇڭا ھەربىر سائەتلىك دەرستىن كېيىن،ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ،ئۇلاربايقىغان،ھېس قىلغان مەسىلىلەرنى يېزىش كېرەك.بۇنىڭ كېيىنكى ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور ياردىمى بولىدۇ.

   5.باشقا مەزمۇنلارنى يېزىش .ھەربىر سائەتلىك دەرستىن كېيىن شۇ دەرستە ھېس قىلغان ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىنكاس قىلغان باشقا  ئۇچۇرلارنى يېزىپ مېڭىش كېرەك. بۇ كېيىنكى سائەتلىك دەرسنى قانداق لاھىيەلەش توغرىسىدا ئويلىنىش،دەرس تەييارلىقىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا  تۈزۈتۈپ مېڭىشقا ياردىمى بولىدۇ.
دېمەك، دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش قارىماققا كىچىككىنە ئىشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن بىزنىڭ ئەتراپلىق ئىزدىنىشىمىز،تەجرىبە-ساۋاقلىرىمىزنى ۋاقتىدا يەكۈنلىشىمىز،كۆرۈلگەن خاتالىقلىرىمىزنى دەل ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ مېڭىشىمىزغا،ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىزگە زور ياردىمى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

باھا سۆز

ئەتراپلىق ياخشى يىزىپسىز ،ھارمىغايسىز !  ۋاقتى: 2016-4-17 22:36

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-4-14 14:32:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەڭ ئوقۇتقۇچىلار يېزىشتا ئەڭ قىينىلۋاتقان مەزمۇننى يېزىپسىز ، دىگەنلىرىڭىز ئاساسەن ئورۇنلۇق بوپتۇ ، رەھمەت .
ۋاقتى: 2016-4-18 12:21:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم جاپاكەش خىزمەتدېشىم كەڭ ئوقۇتقۇچىلار يېزىشتا ئەڭ قىينىلۋاتقان مەزمۇننى يېزىپسىز ، رەھمەتسىزگە.
ۋاقتى: 2016-4-27 16:44:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم جاپاكەش خىزمەتدېشىم كەڭ ئوقۇتقۇچىلار يېزىشتا ئەڭ قىينىلۋاتقان مەزمۇننى يېزىپسىز ، رەھمەتسىزگە.
ۋاقتى: 2016-4-27 16:45:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالدىگەنلىرىڭىز ئاساسەن ئورۇنلۇق بوپتۇ  جاپاكەش خىزمەتدېشىم كەڭ ئوقۇتقۇچىلار يېزىشتا ئەڭ قىينىلۋاتقان مەزمۇننى يېزىپسىز ،
ۋاقتى: 2016-7-9 09:56:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزىپ قالدۇرغان تىمىڭىز بەكمۇ ياخشىكەن ئوقۇتقۇچىلار دىئەئەندەك كۈڭۈل بۈلۈپ كىتەلمەيدىغان ئەمما يازمىسا بولمايدىغان ماتىريلانى يېزىپسىز ،،،رەھمەت سىزگە...
ۋاقتى: 2016-9-27 07:58:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەڭ ئوقۇتقۇچىلار يېزىشتا ئەڭ قىينىلۋاتقان مەزمۇننى يېزىپسىز ، دىگەنلىرىڭىز ئاساسەن ئورۇنلۇق بوپتۇ ، رەھمەت .
ۋاقتى: 2016-10-20 15:27:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.پايدىلىنىش قىممىتى بار تېما.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش