كۆرۈش: 296|ئىنكاس: 7

بارلىق ئۇستازلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karghay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-9-9 13:46  

مائارىپ سىپىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان بارلىق ئۇستازلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئائىلەڭلەرگە بەخىت، خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق ياربولسۇن!


ھەر قايسىڭلارغا شۇنداقلا پىنسىيىگە چىققان پىشقەدەم ئۇستازلارغا سۇنغان ئاددى سوۋغامنى قوبۇل ئەتكەيسىلەر.

ئۇستاز سەن بىر بۈيۈك ئىنسان

ئۆتتى يىللار مۈكچەيدى بەل دىلىڭدا يوق ھىچبىر پۇشمان،
نەزەر   سالسام  مۇساپەڭگە  كۈلۈپ  باقار ساڭا  دەۋران،
ئېيتىپ  ئالاي ھەمدى -سانا ، كۆڭلۈمدە قالمىغاي ئارمان،
مەئرىپەتتىن بېرىپ زەم-زەم ئاتاقىلدىڭ قۇۋۋەت ، دەرمان،
ساخاۋەتتە  كامال  تاپقان ئۇستاز سەن بىر بۈيۈك ئىنسان.

ئانامدىن بەك ئەجىر قىلدىڭ ، ئۈگەتتىڭ سىرۇ-ھېكمەتنى،
جۇلا  بەردىڭ  تىلىمغا ھەم  نەقىش  ئەتتىڭ  پاساھەتنى،
سەبىي دىلىنى يورۇق ئەتتىڭ ،  يىراق  قىلدىڭ  زالالەتنى،
بىلىم  بىرلەن  ئەزىز  قىلدىڭ  ئاتا قىلدىڭ  سائادەتنى،
كارامەتتە  كامال  تاپقان ئۇستاز  سەن بىر بۈيۈك ئىنسان.

ئۆتتى ئۆمرىڭ بۇ مەنزىلدە چىكىپ  جەبرى-مۇشەققەتنى،
گۈدەكلەرگە ئەقىل بەردىڭ، يەڭدۇق خەيلى- ھالاقەتنى.
ئۆتۈپ كەتتى قىران پەسلىڭ، يوقاتتىڭ ھەم سالاپەتنى،
ئەزىز بىلدىڭ ئەۋلاد ئۈچۈن "جاپاكەش" سالاھىيەتنى،
كامالەتتە كامال تاپقان ئۇستاز سەن بىر بۈيۈك ئىنسان.

بور توزىڭى يەپ مۇنبەردە، ئۈگەتتىڭ ھەق، دىيانەتنى،
قىلمىغىن دەپ ئەلگە زورلۇق، مىللەتكە ھەم خىيانەتنى.
قېنى ئەشۇ سىنىپ، مەيدان،سېغىندىمغۇ شۇ مەكتەپنى،
ماراي دەيمەن ئىشىك ، زالدىن  ئەدەپلىگىن شوخ تەنتەكنى.
دىيانەتتەكامال تاپقان ئۇستاز سەن بىر بۈيۈك ئىنسان.

دىگەچ يەتكۈز نەپ - مەنپەئەت  ، تارات ئەلگە  ھارارەتنى،
توسالماس ھىچ قېيىن ئۆتكەل ، ئۈگەتتىڭ كۆپ پاراسەتنى.
قالدۇردىڭ سەن مەڭگۈ ئۆلمەس ،مۇتلەق ئۇلۇغ ئامانەتنى،
زىممىمىزگە  ئالدۇق  يۈكنى  تەرك    ئېتەرگە  جاھالەتنى.
سائادەتتە  كامال تاپقان  ئۇستاز سەن بىر بۈيۈك ئىنسان.

كەلگىن ئۇستاز تۈزۈپ قويدۇق شەنىڭ ئۈچۈن باراۋەتنى،
سالام قىلاي ئېگىپ باشىم قوبۇل قىل قەترە رەھمەتنى ،
كۆرۈپ كەتكىن ئەجر-تۆھپەم ياراتقان كۆپ كارامەتنى،
قىلاي   خىزمەت  جانىم  بىلەن  قېنى بەرگىن ئىجازەتنى،
ئىناۋەتتە كامال تاپقان ئۇستاز سەن بىر بۈيۈك ئىنسان.

مەنبە:قارغاي

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +8تىللا +7تۆھپە +8شۆھرەت +8يىغىشسەۋەبى
ئامان + 5 + 4 + 5 + 5رەخمەت، بىرگە بولسۇن.
pari + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-9-9 17:23:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئاتاپ مەخسۇس تېما يوللىغىنىڭىزدىن تولىمۇ سۈيۈندىم ، رەھمەت . سىزنىڭمۇ ھەم مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ قۇتلۇق بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ! ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ۋاقتى: 2016-9-10 12:34:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز
ۋاقتى: 2016-9-10 13:39:39يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. سىزنىڭمۇ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.

بولغۇم با مېنىڭ،
شانلىق مۇئەللىم.
قەدرىم بار يەردە،
تارقاتسام ئىلىم.

ئەۋلادلار دېسە،
ئاقاردى دىلىم.
كوپايە، كۆڭلۈم،
بولمايدۇ يېرىم.
———— تۈرگۈن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
زىبا. + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2016-9-14 23:52:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنى كىچىكىپ كۈرۈپتىمەن ،  تەشەككۈرلەر بولسۇن سىزگە !!!!!!!
شېئرىڭىز شۇنچىلىك ئىسىل چىقىپتۇ ،  يەنە بىر قېتىم  تەشەككۈرلەر بولسۇن !!!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-9-15 14:27:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىبا. يوللىغان ۋاقتى  2016-9-14 23:52
تىمىنى كىچىكىپ كۈرۈپتىمەن ،  تەشەككۈرلەر بولسۇن سىزگە  ...

رەھمەت، سىزگىمۇ تەشەككۈرلەر.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-9-15 14:28:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرگۈن يوللىغان ۋاقتى  2016-9-10 13:39
شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. سىزنىڭمۇ ئوقۇتقۇچىلار بايرىم ...

شېئىرنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم،تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز، رەھمەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-9-15 14:31:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pari يوللىغان ۋاقتى  2016-9-9 17:23
مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئوقۇتقۇچىلار  ...

مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى ، شۇڭا ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپاسىنى، قەدرىنى بىلىمەن،  قانچىلىك تەرىپلىسەك شۇنچە ئازلىق قىلىدۇ، ئاللاھ ئامان قىلسۇن!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش