| چىنە سېتىۋېلىش ھېكايىسى (دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن) بىر ياش چىنە سېتىۋالغىلى بېرىپتۇ. ئۇ دۇكانغا كېلىپ بىر چىنىنى ئېلىپ باشقا چىنىلەرگە يىنىك ئۇرۇپتۇ، ئىككى چىنە ئۇرۇلغاندا بىر خىل يېقىمسىز ئاۋاز چىقىپتۇ. ئۇ ئۈمىدسىزلىك بىلەن كېيىنكى چىنىنى ئۇرۇپتۇ. ئۇ ھەممىنى بىر قۇردىن تاللاپ چىققاندىن كېيىن، ھېچقانداق چىنىدىن رازى بولماپتۇ. دوكان خۇجايىنى ئەڭ نەپىس دەپ قارىغان چىنىمۇ ئۇ ياش تەرىپىدىن ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئۇرۇقى بوپ قاپتۇ. دۇكان خۇجايىنى ئىچى پۇشقان ھالدا ئۇنىڭدىن بىر چىنىنى باشقا چىنىلەرگە ئۇرۇپ چىقىشتىكى سەۋەبنى سوراپتۇ. ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگە ھالدا بىر دانا ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەن ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى، بىر چىنە يەنە بىر چىنىگە ئۇرۇلغاندا ئەگەر زىل، يېقىملىق ئاۋاز چىقسا ئۇنىڭ ياخشى چىنە ئىكەنلىكنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. دۇكان خۇجايىنى بىردىنلا ئەھۋالنى چۈشىنىپ، بىر چىنىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇنۇپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: ئىنىم، ماۋۇ چىنىنى سىناپ بېقىڭ، سىزنىڭ رازى بولغۇدەك چىنىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىزغا كاپالەت بېرىمەن دەپتۇ. ياش بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي دۇكان خۇجايىنىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپتۇ. غەلىتىلىك، ئۇ ھەر بىر چىنىگە قولىدىكى چىنىنى يىنىك ئۇرغاندا، ھەممىسىدىن شۇنداق يېقىملىق، زىل ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ئۇ بۇنى چۈشەنمەي ھەيرانلىق بىلەن سوراپتۇ. دۇكان خۇجايىنى ئۇنىڭغا: بۇ ناھايىتى ئاددىي، بايا سەن قولۇڭغا ئېلىپ باشقا چىنىلەرگە ئۇرغان چىنىنىڭ ئۆزى سۈپەتتە لاياقەتسىز چىنە، سەن ئۇنى باشقا چىنىلەرگە ئۇرساڭ، ئەلۋەتتە يېقىمسىز ئاۋاز چىقىدۇ. شۇڭا ئاۋۋال ئۆزۈڭ ئالغان چىنىنىڭ سۈپەتتە لاياقەتلىك چىنە ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭ كېرەك دەپتۇ. خۇددى بىر چىنىنى يەنە بىر چىنىگە ئۇرغانغا ئوخشاش، بىر قەلبنىڭ يەنە بىر قەلبگە ئۇرۇلۇشىمۇ ھەقىقىي سەمىمىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئۆزىمۇ ئىشەنچ قىلالماي، باشقىلار بىلەن گۇمانلىق قەلبتە ئالاقە قىلغاندا، باشقىلارنىڭمۇ گۇمانلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئادەم ئۆز ھاياتىنىڭ "ئېسىلزادە"سى بولالايدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم ئۇ ئادەم باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشى كېرەك. سىز سەمىمىيلىكنى بەدەل قىلسىڭىز، چوقۇم مۇناسىپ ئىشەنچكە ئېرىشەلەيسىز. سىز مېھرى-شەپقەتنى بەدەل قىلسىڭىز، چوقۇم باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيسىز. ئەكسىچە، ئەگەر باشقىلارغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلسىڭىز، باشقىلارغا ئىچىڭىزدە ئۆچمەلىك ساقلىسىڭىز، باشقىلارنىڭ سىزگە قايتۇرىدىغىنىمۇ بىر قېلىن تامدەك سوغۇق قەلب بولىدۇ خالاس. ھەر بىر كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر «چىنە» بولىدۇ، ئەگەر چىنىگە سەمىمىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك، ئىشەنچ، باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇش قاتارلىق ياخشى خىسلەتلەر توشقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ چىنىگە سەمىمىيسىزلىك، ئىچى تارلىق، شەخسىيەتچىلىك قاتارلىق ناچار ئادەتلەر توشقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. «چىنە»ڭىزدىكى ئارىلاشمىلارنى چىقىرىپ تاشلاڭ، ئاندىن خۇشاللىق بىلەن باشقا «چىنە»لەرگە سوقۇلۇڭ، شۇنىڭدىلا يېقىملىق، كۈلۈمسىرەش ئاۋازىڭىز ياڭرايدۇ. ئەڭ ياخشى ئۆزىڭىز بولغاندىلا، ئاندىن ئەڭ ياخشى باشقىلارغا سوقۇلۇپ، يېقىملىق، ياڭراق ئاۋاز چىقىرالايسىز. مەنبە:ئىلقۇت تورى |
|