كۆرۈش: 382|ئىنكاس: 5

نورۇز بايرىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نورۇز جىلۋىسى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، قېرىنداشلار، جاپاكەش ئۇستازلار، ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!، سالامەتلىك، خاتىرجەملىك، بەخت سىلەرگە يا بولسۇن!
پەسىلنىڭ كۆركىدۇر،نورۇز- باشباھار،
قىر-ئېتىز،ئالما ، تەك... ئارتقاچ لىباسى.
جەننەتتەك باغلار ھەم تاغلار، سەيلىگاھ،
جېنىڭغا جان قوشار خۇشبۇي ھاۋاسى.

جانلانغاچ تەبىئەت ئېقىپ ئەگىزلەر ،
نەۋ باھارقۇشلىرى تىنماي شوخ سايرار.
بالىلار لەگلەكنى ھارماي ئۇچارسا ،
ئاپتاپقا قاقلىنىپ موماي ئولتۇرار....

جۈر بولار بىخ سۈرگەن سىدە، مەجنۇنتال ،
شېخىدا  قۇشلارنىڭ  سايراشلىرىغا.
كۆكەرگەن مايسىلارزەپمۇ چىرايلىق،
زوقلىنار  دېھقىنىم ئېتىزلىرىغا.

دەرەخلەر يامغۇردا تاراپ چېچىنى ،
چوكانتال بولماققاراسلاندى شۇ دەم.
قۇشلارمۇ ئالدىراش چاڭگا تىزىشقا،
نورۇزنى چىللىشىپ كۈتكەچكەھەردەم.

ئالدىراش بارچە جان ئۆز ئىشى بىلەن،
دېھقانمۇ ئېپ ماڭدى سوقا-سۆرەمنى.
يىگىتلەر  بىلىگە   باغلاپ  بەلباغنى،
تۈزۈشەر باغدىكى ئۈزۈم -جۈجەمنى.

قىز-كىلىن شادلىنىپ ئەينەك ئالدىدا ،
نورۇزغا تۈزۈشەر چاچ  ۋە  قېشىنى.
نەۋرە ھەم چەۋرىلەرئۇندىن ئالدىراش ،
ئىچىشىپ ئانىنىڭ  نورۇز  ئېشىنى....

نورۇز ئۇ يىل بېشى ، ئىشىڭنىڭ بېشى،
قۇت ئاتسۇن دېھقاننىڭ ئەجرى،مىۋىسى.
بارچىگە ئەپ كەلگەي شادلىق كۈلكىسى،
چېھرىدىن كەتمىسۇن نورۇز جىلۋىسى.
مەنبە:قارغاي

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-3-20 23:06:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىتىپ كىلىش ئالدىدىكى نۇرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن  ياخشى يېزىپسىز رەخەمت سىزگە
ۋاقتى: 2016-3-21 09:48:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ  نۇرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!!!
ۋاقتى: 2016-3-21 12:33:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز، تىمىڭىزغا رەىمەت
ۋاقتى: 2016-3-21 15:03:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت، مەنمۇ بارلىق تورداشلارنىڭ نۇرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن.
ۋاقتى: 2016-3-22 19:02:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئۇستاز ياخشىمۇ سىز؟ ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ  نۇرۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش