كۆرۈش: 371|ئىنكاس: 8

بايرامدىكى ئۆكىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بايرامدىكى ئۆكىنىش
“ئوقۇتقۇچى ئۇلۇغ ئىنسان، شەرەپلىكتۇر خىزمىتى”،
دەيدۇ ھەممە ئېغىزدىلا، قېرىساڭ يوق قىممىتى.
.
ئىشلىگەندە خىزمىتىڭنى كېچە- كۈندۇز ياشلىقتا،
ئاندا- مۇندا بولۇپ قالار مۇدىرلارنىڭ ھىممىتى.
.
قۇرۇق شەرەپ ئىكەن ئەسلى شۇنچىلىككەن ئىززىتىڭ،
دەيمەن ئەجرىم ئەتىۋارسىز، قۇمدا ئۆچكەن ئىزمىتى؟

چۈنكى چىقساڭ پىنسىيىگە كارى يوقتۇر ھېچكىمنىڭ،
ھەر بايرامدا بوينىڭ قىسىق قېنى سالام،قىممىتى؟
.
ئۆتۈپ كېتەر ھەر بايرام بۈگۈن سورار ھالىم دەپ،
دەپ قالىسەن پىنسىيەنى مانا شۇنداق ئىشمىتى؟

كارى چاغلىق نازۇ- نىمەت،كىچىككىنە سوۋغىنىڭ،
روھى ئوزۇق بولار سالام ،بۇ شۇنچە تەس سۆزمىتى؟

قوشنا كەسىپ دوست – يارەنلەر باردۇر بىللە مەن بىلەن،
يوقلاپ تۇرار ھەر ۋاقىتتا باشلىقى ھەم سەپدىشى.
.
تىك تۇرغانتىم بور ،توزاڭدا ئۆمۈر بويى مۇنبەردە،
كەتتى باھار پەسلىم مىنىڭ ،ئەمدى پەسلىم كۈزمىتى؟

رەنجىپ بولماس بىراۋلاردىن،سۆيگەن ئىدىم كەسىپنى،
ئەمدى بولدۇم بىر تاشلاندۇق كەيگەن كىىيمىم بوزمىتى؟

قېرىپ كەتتىم بىر كېچىدە ، كۆز دىن ساقىپ ھەسرىتىم،
پىنسىيىنېر ئۆگەي بالا،ئالى شەرەپ شۇمىتى؟

شەربىتى يوق ،شاپىقى بار ھازىر مىنىڭ نامىمنىڭ،
شۇڭا كۆرمەس قارغۇ بولدۇم،ئەسلى شۇنداق كۆزمىتى؟ ،

پەرقى شۇنچە چوڭمىدۇ سەھرا بىلەن شەھەرنىڭ،
توۋا دەيمەن تەڭسىزلىككە،شەھەرلىكلەر ئۆزمىتى؟

ياكى بولساق قول ئاستىدا بىرەر ئاكا"يولداشنىڭ"،
شۇندا بولار ئەتىۋارىڭ، چۈنكى ئۇلار بىزمىتى؟

ئوقۇتقۇچى بايرىمى بار پەقەت يىلدا بىر قېتىم،
بىزگە يوقتۇر دىلدا قالدى پەقەت ئىزى-شۇ خېتى!

قاغجىرىغان لىۋىمىزنى چىشلەپ قالدۇق ئۆكۈنۈپ،
شەرەپلىكىم بىر تىيىنكەن ئەمسە دەپ باق  يۈزمىتى؟
مەنبە:قارغاي

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4قىزغىنلىق +17تىللا +15تۆھپە +17شۆھرەت +17يىغىشسەۋەبى
زەپەر + 4 + 4 + 4 + 4ياخشى تېما.
pari + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!
بۆركۈت + 5 + 4 + 5 + 5ياخشى تېما.
ئامان + 5 + 4 + 5 + 5

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-27 22:59:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئۆكۈنىشكە تېگىشلىك ئىشلار ئەتراپىمىزدا خېلى كۆپ ،خاپابولماڭ ،قەدىرلىك دوستۇم .
ۋاقتى: 2014-6-27 23:36:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز . مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى دائىم يوللاپ تۇرۇڭ .
ۋاقتى: 2014-6-28 00:33:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسىرىڭىز بىلەن ئەسرالىشىپ تۇرايلى ، داۋاملىق كىرىپ تۇرۇڭ
ۋاقتى: 2014-6-28 23:30:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقى بەكلا چوڭ ، قاچانمۇ بۇ پەرىقنى يوقىتارمىز؟ بەزى ئىشلارغا بىز ئامالسىز ، بىراق ، ئەۋلاتلارنى تەربىيلەش بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلساق ، مەيلى شەھەردە بولايلى مەيلى يېزىدا بولايلى ھامىنى بۇنىڭ ئەجرىنى كۆرىمىز ، ھېچ بولمىسا ئۆزىمىزنىڭ ۋىجدانى ئازاپلانمايدۇ…
ۋاقتى: 2014-6-28 23:55:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن . راستىنلا كۈڭۈلدىكىدەك  گەپلەرنى قىلىپسىز . ئۇقۇتقۇچىلىق  خىزمىتى ئىنتايىن شەرەپلىك خىزمەتلەرنىڭ بىرى  .  لېكىن جەمىيتىمىزدە  ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قەدىرگە يەتمەيدىغان  ھەتتا ئۇلارنى كەمسىتىدىغان . ناچار ئىللەتلەر خېلىمۇ كوپ . شۇ جاپاكەش ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تاتقان ئەجىرنى بىلسە ئىدى شۇ باشقىلار  .
ۋاقتى: 2014-6-29 10:23:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تىمىنى كۈرۈپ  بىر تەرەپتىن  قەلەم كۈچىڭىزگە قايىل بولدۇم ،يەنە بىر تەرپتىن بۇ ئۈكۈنۈشنى مۇنداق ئويلۇدۇم .مىنڭچە  ئۇقۇتقۇچى -تەمەسسىز ،ئۆزلكىسىز تۆھپە قۇشدىغانلار .تەمەسىز دىيمىشدە ئالدىمزدا تۇرغىنى بىر نارسىدە ،پەقەت ئاتا -ئانىسنىڭ تېپىپ بەرگىننى يەپ چوڭ بۇلۋاتقان سەبىيلەر شۇڭا ئۇلار پەقەت بىزگە بىزنىڭ ئەجىرمىزگە ياخشى نەتىجىللىرى بىلەنلا جاۋاپ قايتۇرالايدۇ ،ئۇنڭدىن باشقا ھېچقانداق نەپ بىرەلمەيدۇ .ئۆزلكسىز دىيشىمدە بىز بىر ھەپتە دەرسىنى ناھايتى ياىشى ئۈتۈپ ئىككى كۈن بۇششىپ كەتسەك ئاشۇ بىر ھەپتىلىك ئىشمىز خىمىغا يانىدۇ . شۇڭا مائارىپ بىزىدىن ئۆزلكسىز بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ .
شۇڭا مەن ئويلايمەن بىزنىڭ جاپالىق خىزمىتمىزنىڭ مەھسۇلى ،ۋە بىز ئۈچۈن يۇقۇرى شان -شەرەپ ئاشۇ بىز ئۇقۇتقان ئۇقۇغۇچىلاردىن نەچچسىنىڭ ياىشى ئۇقۇپ كەلگۈسىدە ياخشىراق ئالى مەكتەپتە ئۈتۈپ جەميەتكە ياراملىق ئادەم بۇلۇپ ئۆز ئىستقبالىنى تاپسىلا شۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ زور شان -شەرەپمىكىن دەپ ئويلايمەن .
ۋاقتى: 2014-7-1 00:07:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز ، رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2016-1-16 15:33:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇننىڭ قىممىتى  ئۇنىڭ پىنھانلاردا مەخپى بولغانلىقى ئۇچۇندۇر .بەش مولۇق تۇخۇم تۇغۇپ كەچكىچە توۋلايدىغان تونۇنىڭ قانچىلىك ئىناۋىتى بار.ھەركىم ئۆز قىممىتىنى ئۆزى تونۇتۇشى  كىرەك دەپ قارايمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش