كۆرۈش: 235|ئىنكاس: 4

ھازىر بارمىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھازىر بارمىدۇ؟
مەن ئۆسكەن  سەھرالارھازىر بارمىدۇ؟
توپائۆي،چىدىرلار ھازىر بارمىدۇ؟
ساپ ھاۋا،پاك سۇلار...ھازىر بارمىدۇ؟
يالىڭاچ ،شوخ دوستلار ھازىر بارمىدۇ؟
ئەشۇنداق بىر چاغلار ھازىر بارمىدۇ؟

بەسلەشسە دوسلۇرۇم لاي ئۆي ياسىشىپ ،
قالاتتى يۈزىگە لايلار چاپلىشىپ.
چىۋىقنى"قىلىچ"دەپ بەلگە ئېسىشىپ،
ھارمايتۇق، چۈشەتتۇق جەڭگە ئېلىشىپ.
ئەشۇنداق ئويۇنلار ھازىر بارمىدۇ؟

بالىلار ئوقۇيتتى ئېسىپ رەخ سومكا  ،
سومكىدا دەپتەر ھەم بىر پارچە بولكا.
ئۆيدىمۇ  تىرىشچان، قولىدا بولقا،
ئوڭشايتتى بۇزۇلسا ئىشىڭ ھەم رامكا.
ئەشۇنداق پىشقانلار ھازىر بارمىدۇ؟

پادىچى ئۆتەتتى  پادىنى ھەيدەپ،
"كالاڭنى چىقارغىن، مۇزاي قالسۇن" دەپ.
قاينىتار چاي ئانام ،مەڭگەننى پۈۋلەپ  ،
”بالدۇرراق داداڭلارئىشقا ماڭسۇن “دەپ.
ئەشۇنداق زامانلار ھازىر بارمىدۇ؟

مىنبىڭلار توسسىمۇ قۇرۇق كەلمەيتتۇق ،
چېچىلغان باشاقنى تەرمەي كەتمەيتتۇق،
ھارساقمۇ نان بەر دەپ جېدەل قىلمايتتۇق،
شۇ داننى قاينىتىپ ھەممە تەڭ يەيتتۇق.
ئەشۇنداق تۇرمۇشلار ھازىر بارمىدۇ؟

بۇغداينىڭ باغلىرى ماي قىپ بېسىلغان،
شۇ ماينى ئايلىنىپ تۇلۇق ھايدىغان.
داش قازان ئېشىنى ئىچىپ تويمىغان،
ھارغاندامەڭگەندە تاتلىق ئۇخلىغان.
ئەشۇنداق خامانلار ھازىر بارمىدۇ؟

تىمەنتۇق كەم غەيرى ئاغرىق ۋە سىلاق،
يىسەكمۇ زاغىرنى داغ سۇغا چىلاپ،
ئات ھارۋا تاكسى دى نەدە ئۇ پىكاپ،
خۇادانى، چىبەرقۇت ئىدى كىمخاپ.
ئەشۇنداق جاھانلارھازىر بارمىدۇ؟

بەك قىززىپ كېتەتتى تويلار ھويلىدا،
ئادەتتى كېلىننى يۆتكەش ھارۋۇدا.
ساز چىلىپ يىگىتنى يۆتكەپ ماڭغاندا،
قېرى-ياش ئوينايتتى ئۇسسۇل ئالدىدا.
ئەشۇنداق يوسۇنلار ھازىر بارمىدۇ؟

قىزلىرى نومۇسچان ، ھەتتا كىلىنى،
كىيىشى كۆينەكتى، باشتا رومىلى..
چۇشەتتى چاچلىرى يىپىپ بىلىنى،
ھەر دائىم چاپقاچقا جىگدەيىلىمى.
ئەشۇنداق خانىملار ھازىر بارمىدۇ؟

ئۆي بىسىپ بار ئىدى يوغان تونۇرى،
مىزىلىك ،يىيىشلىك ئوخشار نانلىرى.
ساپ ئىدى تۈگمەندە تارتقاچ ئۇنلىرى،
لەززەتلىك شۇ ناندا ئىچسەڭ چايلىرى.
ئەشۇنداق ئاق نانلار ھازىر بارمىدۇ؟

ھەممىسى ئەدەپلىك ،ئازتى شارابخور،
كام ئىدى داڭۋازلىق ياكى ئىسراپخور.
كۆڭلىمىز تۈز ئۆتكەن ،يوقتى ئىشرەتخور،
راس سۆزلەپ ئۆتكەنتۇق  بولماي گۇمانخور.
ئەشۇنداق ئىنسانلار ھازىر بارمىدۇ؟

ئاڭلاپ قال ،ئۆتمۈشى ھەممەئادەمنىڭ،
كەچمىشى ئاتاڭنىڭ، ھەمدە ئاناڭنىڭ.
قەدىرلە ، باياشات سىنىڭ دەۋرانىڭ،
بار بولسۇن سىنىڭمۇ سۈنئىي ھەمرىيىڭ.
ئەشۇنداق دەۋرانلار ھازىر بارمىدۇ؟
مەنبە:قەلەم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-3 02:05:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سىز دەۋاتقان بۇ ئىشلار كەلمەسكە كەتتى .ھازىر ھەممە نەرسە تەبىيلىكىنى يوقۇتۇپ ، سۈنئىلىشىپ كەتتى . بەك كۆڭۈللۈك ئىدى شۇ چاغلار . ھەي بالىلىق . سەبى چاغلارنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-5 13:45:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئۇلار بىر كەچمىش بولۇپ كۆڭلىمىزدە ساخلىنىپ قالدى. ھەممە نەرسە ۋە ھەممە ئىشلار سۇنئىلىشىپ، ئەسلىنى يوقۇتۇپ "تەرەققى قىلىپ" كەتتى. ئەمما بۇنىڭ بىزگە بولغان زىيىنىنى تەرىپلىگۈسىز بولماقتا.
ۋاقتى: 2014-4-11 22:48:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسېرىڭىزنى كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن ئۇستاز.بەك ياخشى يېزىپسېز
ۋاقتى: 2014-4-12 13:00:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنى بىر يەردە ئوقۇغاندەك قىلىمەن. ئۇمۇ سىزدۇر سىز ھە؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش