پايدىلىق سۆزلەر ھەرقانداق نەرسىنى تېپىشقا قارىغاندا ، ساقلاش مۈشكۈلدۇر. دوستسىز ياشاش مۈشكۈل بولغان ھالەتتىمۇ، ھەركىم دوستلۇققا ياراۋەرمەيدۇ. زەرنىڭ دوستى كۆپ، زەردارنىڭ دۈشمىنى كۆپ. ئاغرىقلىق بولماقتىن ئاغرىق بولماق تەس. ھېرىس قاچىسى گۆر تۇپىسىدىن باشقا نەرسە بىلەن تولمايدۇ. سۇ ھەرقانچە كۈچلىك بولسىمۇ ، سۇ يۈزىدىكى كىچىككىنە چۆپنى يۇتۇپ كەتمەيدۇ. دىۋە كەتسە پەرىشتە كېلىدۇ. ھىلە، كۈچ قۇۋەتتىن كۈچلىكتۇر. ئۇچاقتا ئوت كۆيسە، تۈتۈن چىقماي قالامدۇ. مەككارلىق ئۇقىنى دوسلۇق ياسى بىلەن ئاتسا دەل تىگىدۇ. تەمە ھايا پەردىسىدىن چىقىردۇ، ھەسەت دىندىن چىقىردۇ. غەيرى كىشىدىن پەندى نەسھەت ۋە تەجىربە ئالالىغان كىشى ، سائادەتمەن كىشىدۇر. باش كەتمىگۈچە ، باشتىن خىيال كەتمەيدۇ. سۇ نىمىگە قۇشۇلسا شۇنىڭ رەڭگىگە كىرىپ قالىدۇ. غېرىپلارغا ياخشىلىق قىلىش كىشىنىڭ ياخشى نامىنى چىقىرىشقا سەۋەپ بولىدۇ. ھايات چاغدا ئۆز قولى بىلەن سەرىپ قىلغان نەرسە مال دۇنيا بولىدۇ، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ساقلاپ قويغان نەرسە ماتا ھېساپلىنىدۇ. كىشى ئۆزىنىڭ خارلىقىغا تەن بەرسە، ئۇنىڭغا بالا قازا ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، چارە يوللىرى ئېتىلىدۇ. دىۋە كەتسە پەرىشتە كېلىدۇ. دوستنىڭ يامىنى دوستىنى جاپاغا قويغۇچىلاردۇر. ئەگەر بىلەن مەگەرنى جۇپ قىلسا ، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بالا كاشكى بولغۇسىدۇر. ئازاريېگەن ، دۈشمىندىن ئىنتقام ئېلىشقا بەل باغلايدۇ. ئەيىپسىز يار ئىزدەيدىغان بولساڭ ، يار سىز قالىسەن. ئادەم ئۆزىدىكى جەۋھەر بولغان ئەقىلنىڭ ساپلىقى بىلەن ئەزىزدۇر. بىر جايغا ئوت كەتسە ھۆل قۇرۇق ھەممىسى ئوخشاشلا كۆيىدۇ. سۆز ھەرقانچە ياخشى ۋە نەپىس بولسىمۇ ئېيتقۇچى ئۇنى ياخشى ئېيتالمىسا ئۇ، ھېچقانداق پەيزى بىلىنمەيدۇ ، ۋەز نەسھەت گەرچە ھەق بولسىمۇ ئېيتقۇچىنىڭ كۆڭلى ناپاك بولسا ئاڭلىغۇچىغا تەسىر قىلمايدۇ. مەنبە: خاتىرەمدىن |