| قەلب تىۋىشلىرى
ساختىلق يۇلتۇزلار مۇكۇشۇپ بۇلۇت كەينىگە، مارىشار قىزغىنىپ ھەتتاكى ئايدىن. شىۋىرلاپ نامىڭنى ئىزدەيمەن شۇ دەم، بەختىمنى ئىپ كەتتىڭ كېلەرسەن قايدىن.
ساختىكەن ئاينىڭمۇ ماختىشى سېنى، شامالنىڭ ياپراققا پىچىرلاشلىرى. ساختىلىق زەھەرلەپ روھىمنى مېنىڭ، توختىدى يۈرەكنىڭ تىپىرلاشلىرى. ئارزۇ سەھەردە قوياشنى سانجىدى نەيزە، ياتىمەن قۇچاغلاپ تېخىچە تۈننى. قەلبىمدە ئوخچىغان ئارزۇ- ئارماننى، ئېيتارغائىنتىلىپ كۈتۈپ شۇ كۈننى. شەپەق تاغلارنىڭ جىسمىغا يامىشىپ شەپەق ، بويالدى قوللىرى قىپ- قىزىل قانغا. يېتىپمۇ ئەشۇ قان ئىچىدە يەنە، رۇجەكدىن قارايمەن تەلمۈرۈپ تاڭغا. زېمىن كۆيىدۇ بۇ زىمىن گۇناھ ئوتىدا، تاراملاپ ياش تۆكەر كۆكتە قوياشمۇ. شاۋقۇنلاپ ئېسەدەر دېڭىز-ئوكيانلار، ھازىدار بولماقتا ھەتتا ئورمانمۇ.
كۆيسىمۇ زىمىندا ئارزۇ-ئىستەكلەر، دوزاقتا زوقلۇنار ئاڭا يەتكەندەك. كۈلكىسى ھەر كۈننىڭ روھنى زەھەرلەپ ، تۇيۇلار ئۈمىدلەر ئۆلۈپ كەتكەندەك. مەنبە:قارغاي
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|