| قىممەتلىك سۆزلەر ئەدەبىياتى تەرەققى تاپمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن سۆز ئېچىش مومكىن ئەمەس . چۈنكى ئۇ بىر روھى لىم . ئىلىم -پەننىڭ تەرەققىياتىمۇ دەل ئەدەبىياتتىن باشلانغان. ھايۋان چېغىدا ئالدىغا قويوپ بەرگەن يۇندىنى ئاۋال پۇراپ بېقىپ .ئاندىن ئىچىدۇ . بىزنىڭ بەزى ئادەملىرىمىز ھازىر ئالدىغا قانداق مەدىنيەت ئۇچىرسا يېڭىلىق دەپ قۇبۇل قىلىۋەرمەكتە ،مۇشۇ نوقتىدىن ئىيتقاندا ،ھازىر بىر قىسىم ھايۋانلار بىز ئۈچۈن ئۈلگە . بالىلارغا نىسبەتەن ئاتا-ئانىدىنمۇ ئارتۇق ھۆكۆمدار ۋە يىتەكلىگۈچى بولمايدۇ . بەزى ئاتا-ئانىلار نامسىز بۈيۈك ئۇستاز بولسا ،بەزى ئاتا -ئانىلار جىنايەت ۋە رەززىللىكنىڭ ياراتقۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ . سىز باشقىلارنىڭ .ھەسەتخورلىقىغا ئۇچىرسىڭىز ،سىزنىڭ نەتىجە قازانغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈردۇ . ،باشقىلارغا ، ھەسەتخورلۇق قىلسىڭىز سىزنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىڭىزنى چۈشەندۈردۇ. يانفۇن قاتارلىق ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ،ئېغىز بىلەن قۇلاقنىڭ ئارلىقىنى يىقىنلاشتۇرغىنى بىلەن ،قەلىبلەرنىڭ يىراقلىشىشىغا يول ئېچىۋاتىدۇ . سەن يۈكۈنۈپ بەرمىسەڭ ،خەقمۇ شىللەڭگە مىنەلمەيدۇ . بىراۋنى چۈشەنسىڭىز ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلەيسىز بىراۋنىڭ تەبىئىتى ۋە ھەركەت قىلىش ئۇسسۇلىنى پىششىق بىلسىڭىز ،ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلالايسىز . بىراۋنىڭ مەقسىدىنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلىسىڭىز ،ئۇنى قايىل قىلالايسىز . بىراۋنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلسىڭىز ،ئۇنى ئۆزىڭىزگە قول قويدۇرالايسىز . بىراۋنىڭ مەنپەئەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلىسىڭىز ،ئۇنى تىزگىنلىيەلەيسىز سىتۇدىنىتلىرىمىزنى مىللى مەدىنىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ كىتىۋاتىدۇ ،دىيىشتىن بۇرۇن ،ئۇلارغا بىلىم بەرگەن ئوقۇتقۇچىىلارغا قاراشقا توغرا كىلىدۇ ئەر كىشىدىن غۇرۇر كۆتۈرلۈپ كەتكەندە ،ئايال كىشىدىن ھايا كۆتۈرلۈپ كىتىدۇ . يىگىتلەرنىڭ يېرىم يالاڭغاچ قىز ئالدىدىكى سۈكۈتى ،ۋىجدانى ئالدىدىكى يەنە بىر سوئال . دۇنيا تارىخىدىن مەلۇمكى ،ئىلىم -پەندىن قوغلانغان تىلنىڭ شۆھرىتى بولمايدۇ ،ئەدەبىياتتىن قوغلانغان تىلنىڭ جېنى بولمايدۇ .پەلسەپەدىن قوغلانغان تىلىنڭ مىڭىسى بولمايدۇ .سىياسى تۇرمۇشتىن قوغلانغان تىلىنىڭ ۋەتىنى بولمايدۇ . ئائىلىدىن قوغلانغان تىلىنىڭ ئۆزىمۇ بولمايدۇ. كۈلدۈرگە ئارتىسلىرىنىڭ ئويۇنلىرىغا قا قاھلاپ كۈلۈپ ،ئۇبدانلا چاۋاك چېلىپ ،ئالقىشلاپ قويساڭلا كۇپايە ، ئۇلار ھەرگىزمۇ جاراھەتلەنگەن ،بۇرۇقتۇملانغان ،تىڭىرقىغان روھقا تەسكىنىلىك بىرەلمەيد زامانىمىزدا مۇقام ئاڭلايدىغانلار ئاز ،ئۇنىڭ بىلەن ماختىندىغانلار كۆپ، بۇ- بىزدىكى كۆچەت تىكىشنى ياختۇرمايدىغان ،مىۋىگە ئامراخلىق پىسخكىسى بىز غەرىپ مەدىنيىتىدىن ئۆزىمىزگە نىمىنى ئۆزلەشتۈردۇق ؟ -ئەلۋەتتە ھاياسىزلىقنى. قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقىمايدۇ . بىزدە ئاشۇ قاغىچىلىكمۇ ئاڭ يۇقمۇ ؟ دۇنيا تارىخىدىن ساۋاق شۇكى ،كىيىنكىلەرنىڭ پىشانىسىدە قۇللۇق تامغىسى بار دىيىلسە ، ئۇنى ئالدىنقىلار قالدۇرۇپ كەتكەن . بۇ دۇنيا ھەر بىر ئادەمگە پۇرسەتنى يارتىپ بەرگەن ،ئەمما ۋاقىتنى يارتىپ بەرمىگەن . ئەرلەر بۇزۇلسا باشقىلارغا ئىشلەيدۇ . ئاياللار بۇزۇلسا ئۆزىگە. ئۆز تارىخىدىن پەخرلىنىشنىلا بىلىپ ،كۆز ئالدىدىكى رىقابەتنى كۆرەلمىگەن قەۋىم مەڭگۈ خار قەۋىمدۇر . ئەڭ قوپال مەخلۇق ئىيىق ، پىل ، ئەڭ ياۋۇز مەخلۇق يولۋاس -شىرلارنى تەربىيلەپ سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىشكە كۆندۈرگەنلەرنى كۆرۈپ ،ئاتا-ئانىلارنىڭ« باللىرىمىز تەربىيەگە كۆنمىدى ،گەپ ئاڭلىمىدى» دىگىندىن گۇمانلىنىپ قالدىم . دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش- ھازا ئۈچۈنلا ئەمەس ،ئۆلۆمنىڭ دەھشىتىنى چۈشۈنىش ،ئۆلگۈچىدىن ئىبرەت ئىلىپ ،ھاياتنىڭ قەدرىگە يىتىش ئۈچۈندۇر . ئاياللانىڭ يېىرم يالاڭغاچ كوچىغا چىقىشى ،ئەرلەرنىڭ ۋىجدانسىزلىقىنى مەسخىرە قىلىشى . نادانلار شەھرىدە ،ئالىم ئەڭ غېرىپ مەنبە؛ساقلانمامدىن |
|