ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
(مۇلاھىزە)
پېقىر بىر ئەتىرەتتىكى تارماق باشلانغۇچ مەكتەپتە بەش يىل ئۆزەم يالغۇز مەخسۇس باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-2-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقان قوشما سىنىپ مودېرى ئىدىم.ئالدىنقى يىللىرى يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىپ سىنىپ مودېرى ۋە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇش جەريانىدا ئۇيغۇر بالىلىرىدىكى،شۇنداقلا بىز ئۇيغۇرلاردىكى ئاكتىپ ۋە پاسسىپ پوزۇتسىيەسى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم.تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
1 ھەممىگە مەلۇم،ئىنتايىن ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قوراللانغان 8-ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ زامانىۋىي قوراللار بىلەن قوراللانغان،ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،قۇربان بېرىشتىن قورقماي(دۇڭ سۇنرۇي،خۇاڭ جىگۇاڭ،ليۇ خۇلەن...قاتارلىقلار ۋەتەن ئېڭىنىڭ يوقۇرلىقىدىن ئەمەس،ئاكتىپ پوزۇتسىيەنىڭ تەسىرىدە قەھىرمانلىق كۆرسەتكەن)جەڭ قىلىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلىشى تۈپ نىگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ماۋزېدۇڭنىڭ ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ ئاكتىپ پوزۇتسىيەسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرالىغانلىقىنىڭ نەتىنجىسى.ئوخشاشلا يەنە‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دەۋرلەردە خەلقىمىزنىڭ يىراقتىكى ئادەملەر ئۈچۈن‹‹ياشىسۇن››ۋە‹‹يوقالسۇن››دەپ شۇئار توۋلاپ بىگۇناھ قېرىنداشلىرىنى كۈرەش قىلىپ-دومبالاپ ئۆلتۈرۈشى،ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق جانلىرىنى سېلىپ بېرىشى كىشىلەردىكى ئاشۇ دەۋرنىڭ سىياسىي ھاۋاسى شەكىللەندۈرگەن ئاكتىپ پوزۇتسىيەنىڭ نەتىنجىسى.(شۇ سەۋەبتىن ئاكتىپ دېگەن بۇ ئىجابىي مەنىلىك سۆزنى بىز ھازىرغا قەدەر كۆپ ھاللاردا سەلبىي مەنىدە قوللىنىمىز.) شۇنداق،ئاكتىپ پوزۇتسىيە ئادەمگە ھەرقانداق ياخشى ۋە يامان ئىشنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلدۈرىدۇ.ئادەم بىر ئىشنى ئاكتىپ پوزۇتسىيە بىلەن قىلغاندا ھېرىپ قالمايدۇ،ئاچلىق،ئۇسسۇزلۇق،سۇغۇق، ئىسسىققا ۋە قىلىۋاتقان شۇ ئىشىنىڭ ئۆزىگە،جەمئىيەتكە ئېلىپ كىلىدىغان پايدا-زىيىنىغا پەرۋا قىلمايدۇ.قىسقىسى،‹‹ئاكتىپ پوزۇتسىيە ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ››،ئادەمگە غەيرەت-شىجائەت،تەشەببۇسكارلىق ۋە قەيسەرلىك ئاتا قىلىدۇ. ئۇزۇق تۈلۈكى مول،شارائىتى ياخشى،قوراللىرى خىل بولغان ياقۇپ بەگ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسە ئاز،ئۇزۇق-تۈلۈكى تۈگىگەن،مىڭ كىلومېتىرچە يىراقلىقتىن ھېرىپ-ئېچىپ ئۆلەي دېگەن ھالدا كەلگەن زۇزۇڭتاڭ ئەسكەرلىرىنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمەي تۇرۇپلا قېچىپ يېڭىلىپ قېلىشى،بىرسى،ئۇلارنىڭ قەلبىدە ۋەتەن ئېڭىنىڭ يوقلىقىنىڭ نەتىنجىسى بولسا،ئىككىنچى بىرسى،ئۇلاردىكى پاسسىپ پوزۇتسىيەنىڭ نەتىنجىسى. شۇنداق،پاسسىپ پوزۇتسىيە ئادەمنى چۈشكۈن،قورقۇنچاق،چىدامسىز،غەيرەتسىز، ئىرادسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.ئادەمنىڭ پوزۇتسىيەسى قانچە پاسسىپلاشقانسىرى ئادەم جەمئىيەتتىن،شارائىتتىن شۇنچە ئاغىرىندىغان،بىر ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلىماي ھەمىشە پەقەت يامان تەرىپىنىلا ئويلايدىغان،ھەممە ئىشتا باشقىلارنىڭ كەينىدە قالىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
2 يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى شۇنداق چېچەن،شۇنداق قىزغىن،شۇنداق تېتىك،شۇنداق شوق ۋە شۇنداق جانلىق.ئادەم بىر ئىشنى توققۇز قېتىم قىلىڭلار دېسە،‹‹مۇئەللىم مەن ئوتتۇز قېتىم قىلىپ بولدۇم››دەپ بىر ئىشنى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئۆگۈنىۋېلىپ ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى بەكمۇ سۈيۈندۈرىدۇ. ھەتتا،مەن1-يىللىققا ئالماي،بىۋاستە2-يىللىققا ئالغان،ئۆيىدە ئاكىلىرىنىڭ كىتابلىرىدىن ئۆزلىگىدىن ئېلىپبە ۋە ھېسابتىن ساۋادىنى چىقىرۋالغان يەتتە ياشلىق بالىلارمۇ بولغان. ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتنى كۆرۈپ بەكمۇ ھەيران قالدىم.تولۇقسىز 7-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدا ھەرھالدا قىزغىنلىق بار، 8-يىللىققا چىققاندا قارىسا ئەللىك پىرسەنت ئوقۇغۇچىدا قىزغىنلىق قالغان.9-يىللىقتا چىققاندا ئوقۇغۇچىلار شۇنداق پاسسىپلىشىپ كېتىدۇكىن،خەت يېزىش،كىتاب ئوقۇش ئۇياقتا تۇرسۇن،بۇخچىسىنى ئەتىگەندە مەكتەپكە،كەچتە ئۆيىگە ئېلىپ كېتىشمۇ ئۇلارغا بەسىي مۈشكۈل كېلىدۇ.مەن9-يىللىققا دەرس ئۆتىدىغان بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇندىقىدا يېتىۋالغانلىقى توغىرسىدىكى ۋايساشلىرىنى پات-پات ئاڭلاپ تۇرىمەن.9-يىللىققا كىرگەن ئادەم گويا دەرسخانىدا بىرنەچچىلا قىز ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ. قىسقىسى،توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپ باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ياش قورامى بىلەن ئاكتىپ پوزۇتسىيەسى تەتۈر تاناسىپ تۈزگەن.ئۇلارنىڭ يېشى چوڭايغانسىرى ئوقۇشقا،ئۆگۈنۈشكە بولغان ئاكتىپلىقى ۋە قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ بارغان،مەن ئۆزەمنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشتا ئەڭ ماھىر ئوقۇتقۇچى ھېسابلايتىم،باشلانغۇچ مەكتەپتە مەن ئادەتتە ئىككى ئاي ئىچىدە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ،كىتاب ئوقۇيدىغان،خەت يازىدىغان قېلىۋېتەتتىم.بىراق ئوتتۇرا مەكتەپتە نەچچە نەپەر ساۋادسىز ئوقۇغۇچى بىلەن ئىككى يىل ھەپلىشىپمۇ بىرسىنىڭمۇ ساۋادىنى چىقىرالمىدىم.سەۋەبى ئۇلارغا بىر ھەرىپنى بەش قېتىم يېزىڭ،دەپ بەش قېتىم يازدۇرالمىدىم.بۇنداق ئەھۋالنى بىر يىل ئەمەس،تۆت يىلدىن بېرى يولۇقتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن.ئوقۇشسام قوشنا يېزا ۋە قوشنا ناھيلەردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىمۇ ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.
3 خوش،ئۇنداقتا بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى،جۈملىدىن ئۇيغۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى بۇنداق پاسسىپ پوزۇتسىيە،چۈشكۈن كەيپىياتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى سەۋەب نەدە؟بۇ ھەقتە بىرنەچچە يىل كۈزۈتىش،ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىش ئارقىلىق بۇنىڭ‹‹سىرى››نى ئاز-تولا تېپىپ چىقتىم. 90-يىللاردا مەرھۇم شائىرىمىز رۇزى سايىت يازغان‹‹دېھقان بولماق تەس››دېگەن شىئېر جەمئىيەتكە كەڭ تارقىلىپ بەلگۈلۈك تەسىر پەيدا قىلغاندىن كېيىن ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ يېزىلغان‹‹كادىر بولماق تەس››،‹‹ئوقۇتقۇچى بولماق تەس››،‹‹ئەر بولماق تەس››،‹‹خوتۇن بولماق تەس››،‹‹پاختا تەرمەك تەس››،‹‹يەر تېرىماق تەس››،‹‹خامان ئالماق تەس››،‹‹ئىشچى بولماق تەس››‹‹ئوقۇغۇچى بولماق تەس››،‹‹شوپۇر بولماق تەس››،‹‹دادا بولماق تەس››،‹‹ئانا بولماق تەس››،‹‹ئۆلمەك تەس››....قاتارلىق شئېر ۋە ناخشىلار ئېغىزچە ۋە يازمىچە جەمئىيەتكە تارقالدى ھەم بۇ ‹‹تەس››لەر بىر قىسىم چوڭلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاتتا گۆھۈرىگە ئايلاندى.ئەپسۇس،بۇ گۆھەرنىڭ كىشىلىرىمىزگە ئاتا قىلغىنى بايلىق بولماستىن،روھى چۈشكۈنلۈك ۋە پاسسىپ كەيپىيات بولدى. ھازىر يان تېلېفۇن كۆتەرمەيدىغان ياشلىرىمىز ناھايىتى ئاز قالدى.ھەتتا،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىمۇ يان تېلېفۇن بار.ئۇنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ دېسىڭىز،ناخشا ئاڭلايدۇ!‹‹پاختا تەرمەك تەس››،‹‹مۇئەللىم كەلدى››،‹‹گۈلۈم كەتتى››،‹‹دەردى بار>>،‹‹ھەسىرەت چەكتىم››...دېگەندەك چۈشكۈن ناخشىلارنى ئاڭلاشقا ئىشلىتىدۇ! بۇنداق چۈشكۈن ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرىنى بىر قىسىم ساۋادلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ خاتىرلىرىدىمۇ تولا ئۇچىراتتىم.(مۇتلەق كۆپ چوڭلىرىمىز ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا پەقەت ناخشا-ئۇسۇلغا قارىتالا ئاكتىپ پوزۇتسىيە بار.) مەن بۇ يەردە يالغۇز‹‹دېھقان بولماق تەس››ئادەملىرىمىزنىڭ ئاكتىپ پوزۇتسىيەسىگە تەسىر كۆرسەتتى دېمەكچىلا ئەمەس،ئەمەليەتتە بۇنداق پاسسىپ كەيپىيات پەيدا قىلىدىغان خەلق ناخشىلىرىمىزمۇ خېلى بار،كىنو-فىلىملىرىمىز تېخىمۇ كۆپ. مەن يېقىندا سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە يېزىلغان‹‹چىن ئىنسان ھەققىدە قىسسە››،‹‹پولات قانداق تاۋلاندى››دېگەن ئىككى كىتابنى ئوقۇپ قالدىم،بۇ كىتابلاردا شۇنچە زور قىيىنچىلىقلار تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ،ئەمما پىرسۇناژلارنىڭ تىلىدا بېرىلگەن ‹‹تەس››دېگەن ئىبارىنى پەقەتلا ئۇچىراتمىدىم.ئەسەردىن قەھىرمانلىق،قەيسەرلىك،قەتئىيلىك،باتۇرلۇق،چىدامچانلىق، تەقدىم قىلىش،ئۈزلىكسىز ئالغا ئىلگىرلەش روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ھازىرقى ھەرقانداق بىر‹‹تەس››ئىشىمىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشىغان50-60-70-يىللارغا قارىغاندا كۆپ قولايلىقلاشتى.دېھقانچىلىق،ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ئوقۇشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە. لۇتپۇللا مۇتەللىپ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق شائىرلىرىمىز ياشىغان دەۋرلەردىكى ئىشلار ھەرگىز ھازىرقىدىن ئاسان ئەمەس ئىدى.ئۇلار يولۇققان قىيىنچىلىقلارمۇ ھەرگىز ئاز ئەمەس ئىدى.ئەمما ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرىدە ھېرىپ-چارچاش،ئاغىرىنىپ-قاخشاشلار بولمىغاندەك ئۇلارنىڭ يالقۇنلۇق شېئىرلىرىدىنمۇ‹‹تەس››دېگەن سۆزدىن بىرنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. بەس ئەمدى،شائىرلىرىمىز ئۇ تەس، بۇ تەسنى قۇيۇپ باۋدۇن باي،ھۈسەن باي،ئابدۈشكۈر،ئادىل ھۇشۇر،ئادىلجان...لاردەك غالىپلىرىمىز ھەققىدە داستان قىسئەلەرنى يېزىپ،كىنو-فىلىملەرنى ئىشلەپ،خەلقىمىزنىڭ،جۈملىدىن ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ئاكتىپ پوزۇتسىيەسىنى يىتىلدۈرۈشكە،جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇشقا كۈچ قوشقايسىلەر!
4 ھاسىلىكالام،يەسلى ۋە باشلانغۇچتىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ زېرەك،تېتىك،تىرىشچان بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇلار كىچىك بولغاچقا چوڭلارنىڭ،جەمئىيەتنىڭ ۋە چۈشكۈن،ۋايساش بىلەن تولغان ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تەسىرىگە يولۇقمىغانلىقىدا،بىرسى-بىرسىنى قىزىل ئاكتىپ دەپ مەسخىرە قىلىشنى بىلمىگەنلىكىدە،بالىلارغا خاس ئاكتىپ پوزۇتسىيەنىڭ روھيىتىدە بولغانلىقىدا.كەلگۈسىگە،غايىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان ئىشەنچنىڭ بولغانلىقىدا. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىپەرۋا،‹‹دۆت››،ھۇرۇن،چىدامسىز، قورقۇنچاق ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ يوق بولۇشىدا ئۇلار چوڭلارنىڭ،جەمئىيەتنىڭ ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ پاسسىپ تەسىرىنى ئۆزىگە يوقتۇرۋالغانلىقىدا. قايسى يىلى تولوقسىزدا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يالقۇن رۇزى ئەپەندىمگە يازغان‹‹ئەگەر ئەللىك يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىتى راستىنلا مەۋجۇت بولالماي قالسا.....››دېگەن ئوچۇق خېتى سۆزۈمىزگە دەلىل بولالايدۇ. كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدىكى،ھازىر ھېچقانداق بىر ئىش تەس ئەمەس،قەتئىي تەس ئەمەس،پەقەت شۇ ئادەملەر،مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى رىقابەت كەسكىنلەشتى،رەھىمسىزلەشتى.جىگدە ياغىچى بادىر بولمىسا مەيلى،دېھقان بالىسى كادىر بولمساقمۇ مەيلى.ئوقۇشتىكى مەقسەت كادىر بولۇشلا ئەمەس،ئەخلاقى-پەزىلەتلىك،ئەقىدە-ئېتىقادلىك،غايە-ئىرادىلىك،ۋىجدانلىق،ئاڭلىق،بىلىملىك، ئىقتىدارلىق،ياراملىق ئادەم بولۇش. بۇنىڭدىن مىڭ يىل ئىلگىركى جەمئىيەت تەرەققىي قىلمىغان زامانلاردىمۇ ھەرقانداق جايدا،ھەرقانداق ۋاقىتتا،ھەقىقىي پەزىلەت ۋە ھەقىقىي بىلىمگە ئىگە كىشىلەر قەدىرلەنگەن،ئەتىۋارلانغان،بىلىمى ھېچقاچان كۆمۈلۈپ قالمىغان،ھازىرمۇ،بۇنىڭدىن مىڭ يىل ياكى ئونمىڭ يىلدىن كېيىنمۇ ھەقىقىي پەزىلەت ۋەھەقىقىي بىلىمگە ئىگە بولغان ئادەملەر يەنىلا قەدىرلىنىدۇ،ھەرگىز كۆمۈلۈپ قالمايدۇ.
5 بىز كەلگۈسىمىزنىڭ ئىزباسارلىرىنىڭ-بالىلارنىڭ ئاكتىپ پوزۇتسىيەسىنى،قىزغىنلىقى، تىرىشچانلىق،جانلىقلىق، تېتىكلىك ۋە ئۈمىدۋارلىق روھىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىمىز،ئۇلارنى قەيسەر،ئىرادىلىك،چىداملىق،قولىدىن ئىش كېلىدىغان،ياراملىق ئادەملەردىن قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىمىز دېسەك،ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلارنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق چۈشكۈن،ئۈمىدسىز سۆزلەرنى قىلماسلىقى،ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىدىغان سۆزلەرنى،جەمئىيەتتىكى ناھەقچىلىك ۋە بۇزۇلۇشلار ھەققىدىكى سۆزلەرنى بالىلار بار يەردە قىلىشتىن ساقلىىنىشى لازىم. ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىمكانيەتنىڭ بېرىچە بالىلارغا ئىلھام بېرىشىمىز، روھىنى كۆتۈرۈشىمىز،ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىمىز،ئۆي باھاسى ئۆسۈپ كەتتى،خىزمەتكە ئورۇنلاشماق تەسلىشىپ كەتتى،جاھاندا ئادىللىق قالمىدى،تېزىرەك دەم ئېلىشقا چىقىش...دېگەندەك مەسىلىنىڭ يامان تەرىپى ھەققىدىكى پاراڭلىرىمىزنى ۋە ئۆزۈمىزدىكى ھەرقانداق پاسسىپ كەيپىياتنى مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا قويۇپ كىرىشىمىز كېرەك.يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىز: كۆر، ئىتقا بولىۋەرسە باش ئارسىلان، بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسىلانسىمان. گەر ئىت ئۇ بولسا ئارسىلانغا باش، بولۇر ئارسىلانلار ھەم ئىتتەك ھامان. دېگىنىدەك ئوقۇتقۇچىلاردىكى ئاكتىپ ياكى پاسسىپ پوزۇتسىيەمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىغا بەلگۈلۈك دەرىجدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
6 2000-يىللارنىڭ بېشىدا باشلاغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى نۇقتىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ ناھىيە ۋە يېزىلاردىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە نوقتىلىق (كۈچەيتىلگەن سىنىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)سىنىپلار بارلىققا كەلدى. باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى نوقتىلىق (كۈچەيتىلگەن سىنىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سىنىپلار باشلانغۇچنىڭ تۆتىنچى ياكى بەشىنچى يىللىقىدىن باشلاپ ھەرقايسى كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوخشاش(پارالېل)سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ماتېماتىكا ۋە خەنزۇ تىلىدىن يېزا بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنپ،ئىمتىھان نەتىنجىسى ئەڭ يوقۇرى بولغان ئوتتۇز نەچچە نەپەر ئەلاچى ئوقۇغۇچىىنى تاللىۋېلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.بۇ ئوقۇغۇچىلارنى يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپتە مەخسۇس بىر سىنىپقا يىغىپ،ياتاقتا ياتقۇزۇپ،ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش مىتودى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس تاللىنىپ دەرس ئۆتۈشكە بەلگىلىنىدۇ. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى نوقتلىق(كۈچەيتىلگەن)سىنىپلار بولسا ھەرقايسى كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈردىغان سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ماتېماتىكا ۋە خەنزۇ تىلىدىن يېزا بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان ئىمتىھاندىكى نەتىنجىسى ئەڭ يوقۇرى بولغان ئوتتۇز نەچچە نەپەر ئەلاچى ئوقۇغۇچىىنى تاللىۋېلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.بۇ ئوقۇغۇچىلارنىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتەپلەردە مەخسۇس بىر سىنىپقا يىغىپ،ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدىكى ئوقۇتۇش مىتودى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس تاللىنىپ دەرس ئۆتۈشكە بەلگىلىنىدۇ.تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىلىغا بارغاندا پارلېل سىنىپلاردىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىپ،ھېلىقى نۇقتىلىق سىنىپتىكى نەتىنجسى نىسبەتەن تۆۋەن چىققان ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى سىنىپقا شاللاپ چىقىرۋېتىلىپ،ئادەتتىكى سىنىپلاردىكى نەتىنجىسى ئەڭ يوقۇرى ئوقۇغۇچىلار نوقتىلىق سىنىپقا تاللىۋېلىنىدۇ. مەيلى باشلانغۇچ مەكتەپتە بولسۇن،مەيلى ئوتتۇرا مەكتەپتە بولسۇن،ئادەتتىكى سىنىپلار(باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئادەتتىكى سىنىپ ۋە نوقتىلىق سىنىپ دەپ ئىككىگە،ئوتتۇرا مەكتەپتەپلەردە ئادەتتىكى سىنىپ،نوقتىلىق سىنىپ ۋە كەسپىي سىنىپ دەپ ئۈچكە ئايرىلىدۇ)دا قىرىق-ئەللىك نەپەر ئوقۇغۇچى قىستىلىپ ئولتۇرۇپ دەرس تىڭشىسا،نوقتىلىق سىنىپلاردا ئوتتۇز-قىرىق نەپەر ئوقۇغۇچى ئازادە ئولتۇرۇپ دەرس تىڭشايدۇ. مائارىپ ئىدارىسى،مائارىپ ياچېيكىسى ۋە مەكتەپ مودېرلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىنىجسى تۆۋەن چىقىپ قېلىپ يۈزۈنى چۈشۈردىغىنى كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا،يۈزىنى يورۇق قىلىدىغىنى،شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردىغىنى ناھايىتى ئاز ساندىكى نوقتىلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدىكى نوقتىلىق تولۇقسىز ياكى نوقتىلىق تولۇق ئوتتۇرغا ئۆتكەن بىر-ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى خالاس. مائارىپتىكى بىلىم ئېلىش جەھەتتىكى بۇ تەڭسىزلىك ۋە باراۋەرسىزلىكنى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئاددەتتىكى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئانچە ھېس قىلالمىغان بىلەن،ئەمما تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئادەتتىكى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئۆلتۈرىدۇ.بۇنداق سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنى ئىستىقبالى يوق ئوقۇغۇچى،سىنىپ مودېرى ۋە دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى بىلىمى يوق ئوقۇتقۇچى،دەپ قاراپ ئۆگۈنىشتە بىراقلا بەل قويۋېتىدۇ.ئۇلار بېرىلگەن ھەرقانداق ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ۋەدىلەرگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ. نوقتىلىق سىنىپلارغا دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا ئاز سۆزلەپ،تاپشۇرۇقنى ئاز تەكشۈرۈپ،ئارخىپنى ئاز ئىشلەپ،موكاپات ۋە ئۈنۈم ئىش ھەققىنى كۆپ ئېلىپ،شان-شەرەپكە كۆپ نائىل بولسا؛ ئادەتتىكى سىنىپلارغا دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا كۆپ سۆزلەپ،تاپشۇرۇقنى كۆپ تەكشۈرۈپ،ئارخىپنى كۆپ ئىشلەپ،ئۈنۈم ئىش ھەققىنى ئاز ئېلىپ بارمىقىنى چىشلەپ قالىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى سىنىپلارغا دەرس ئۆتۈدىغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپ مودېرلىرى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۆز سىنىپىدىن ئەلاچى يىتىشتۈرۈشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى يوقاردا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمدەك،بۇ ئوقۇغۇچىلارنى قولدىن چىقىرىپ قويۇپ،ئادەتتىكى يۈزىنى يورۇق قىلالمايدىغان ئوقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قېلىپ،ئۈنۈم ئىش ھەققىدە زىيان تارتىشتىن ساقلىنىش. ئاخىىرىدا ئەڭ چوڭ زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا يېزا-كەنتلەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئادەتتىكى سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلالايدىغانلىقىىغا كۆزى يەتمەي نارازىلىق ھېسىياتىدا دەرسكە كىرگەن سىنىپ مودېرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى تىڭشاپ،ئۇلارنىڭ بىلىم-سەۋيىسىگە ۋە ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئستىقبالىغا ئىشەنمەي چوڭ بولىۋاتقان مىڭلىغان،ئونمىڭلىغان سەبئىي بالىلار. ھازىر يېزىلاردا ئىدارە-ئورگانلارنىڭ كادېرلىرىلا ئەمەس،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مودېرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆز مەكتىبىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ.شۇ سەۋەپتىن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مودېرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى ناھىيە بازىرىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتسا،ناھىيە بازىرىدىكى ئوتتۇررا مەكتەپ مودېرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى ۋىلايەتتىكى مەكتەپكتە ئوقۇتۇۋاتىدۇ.بىر يېزىدا ئىككى –ئۈچ يۈز نەپەر مائارىپچى،ۋە بىرەر يۈز نەپەردىن كۆپ باشقا ساھەنىڭ كادىرى بار بولسا،ئەمما ئۇلارنىڭ شۇ يېزىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتىدىغان پەرزەنتلىرىنى ئىستاستىكا قىلسا ئونغىمۇ يەتمەيدۇ.يېزا مەكتەپلىرىنى ھازىر ئىسمى-جىسمىغا لايىق دېھقان پەرزەنتلىرى مەكتىپى دېسە بولىدۇ. ئالدىنقى ئايدا ناھيىدە بىر يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇپ،ناھىيە بازىرىدىكى كونا ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ھەرقايسى يېزىلاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن بىلىم سەۋيىسى يوقۇرى دەپ قارالغان بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار تاللاپ(بۇنداق تاللاپ-يۆتكەش ھەر يىلى بولىۋاتىدۇ)يۆتكەپ كېتىلۋېدى،ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتى يۆتكىلەلمەي،ئۆز مەكتىبىدە قالغان بىچارە ئوقۇتقۇچىلارغا قوشلاپ-قوشلاپ ئارتىلدى.شاللىنىپ قالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە شاللىنىپ قالغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قالغان مەكتەپ مودېرلىرىنىڭمۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى چىقىپ كەتكەندەكلا بولۇپ لاسسىدە بولۇپ قالدى… ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى بار پەرزەنتلىرى ۋە ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى بار ئوقۇتقۇچىلار شەھەرگە قاراپ ئېقىۋاتىدۇ.يېزا مائارىپىنى،دېھقان پەرزەنتلىرىنى قانداق قىسمەتلەر كۈتۈۋاتىغاندۇ؟

مەنبەسى: ئۆزۈم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-24 07:38
|