–ساۋاقداشلار،بۈگۈنكى زەھەردىن يىراق تۇرۇش ھەققىدىكى يىغىنىمىزنى باشلاشتىن ئىلىگىرى ئوغۇللاردىن بىرنەچچە سۇئال سوراپ باقاي: ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاماكا چېكەمسىلەر؟
-پەقەت چەكمەيمەن،مەڭگۈ چەكمەيمەن دەپ ۋەدە بېرەلەيدىغانلار بارمۇ؟
–…
–يوق،شۇنداقمۇ؟
–يوق!!!
–راست گەپ قىلدىڭلار،مەكتىۋىمىزدە،جۈملىدىن سىنىپىمىزدىمۇ، ئاتا–ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن يوشۇرۇن،ئەمما ساۋاقداشلىرى ئالدىدا ئاشكارە تاماكا چېكىدىغان ئوقۇغۇچىلار خېلى كۆپ بارغۇ دەيمەن؟
–بار!!!
–قېنى،قايسىڭلار ئاشۇ تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تاماكا چېكىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ باقىسىلەر؟
–باشقىلار ئالدىدا كۆز–كۆز قىلىش ئۈچۈن تاماكا چېكىدۇ.
–نېمىنى كۆز–كۆز قىلىدۇ؟تاماكىنىما؟
–ياق،ئۆزۈنىڭ نوچىلىقىنى كۆز–كۆز قىلىدۇ!
–تاماكا چەكسە،سىلەرگە نوچى كۆرىنەمدۇ؟
–نوچى كۆرۈنمەيدۇ!
–ئەمىسە قانداق كۆرۈنىدۇ؟
–پوچى كۆرۈنىدۇ!
–نۇرغۇن ساۋاقداشلارنىڭ داداڭلار،ئاكاڭلار،ھەتتا بەزى ئوقۇتقۇچىلارمۇ تاماكا چېكىدۇ.ئۇلار سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا قانداق كۆرۈنىدۇ؟
–…
–ئەمىسە،ئۇلار نېمە ئۈچۈن تاماكا چېكىدۇ؟
–ئاچچىقىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن چېكىدۇ.
–ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى ئاچچىقى كېلىپلا تۇرامدۇ؟نېمىگە ئاچچىقى كېلىدۇ؟
–…
–ئالدىنقى ھەپتە بىز ئوقۇغان‹‹يۇرتۇم››دېگەن ھېكايە ئېسىڭلاردا بارمۇ؟
–بار!!
–ھېكايىدىكى رۇڭتۇ چېچەن،ئۈمىدۋار،روھلۇق،تېتىك،چەبدەس ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىدا تاۋۇزلۇقتا قولىدىن نېمە چۈشمەيدىكەندۇق؟
–تۈمۈر ئارىسى!
–ئوتتۇرا ياشقا كېلىپ نادان،ئۈمىدسىز،روھسىز،ھارغىن ۋە نامرات ھالغا چۈشۈپ قالغاندا قولىدىن نېمە چۈشمەيدىكەن؟
–تاماكا غاڭزىسى!
-سىلەرچە،قايسى رۇڭتۇ بىچارە ئىكەن؟
–ئوتتۇرا ياشلىق رۇڭتۇ!
–توغىرا،مەيلى ھېكايىدە بولسۇن،مەيلى رىئال تۇرمۇشتا بولسۇن،چوڭ ئادەملەرنىڭ ئىچىدىكى چېچەن،ئۈمىدۋار، روھلۇق،تېتىك،قەيسەر،نوچى ئادەملەر تاماكا چەكمەيدۇ. ئەكسىنچە گالۋاڭ،ئۈمىدسىز،روھسىز، ھارغىن،نامرات،ئىرادىسىز،چۈشكۈن…ئومۇمەن،ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن مەسلىلەرنى(مەسىلەن:نامراتلىق ياكى نىكاھ مەسلىسىىنى) ھەل قىلىشقا ھېچقانداق چارە تاپالمىغان بىچارە ئەرلەر ۋە قىز–ئاياللار تاماكا چېكىدۇ. سىلەرنىڭ ئاتا–ئاناڭلارمۇ شۇناق. پەقەت ياش–ئۆسمۈرلەرلا دادا–ئاكىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تاماكا چەككىنىگە قىزىقىپ،ئۇلارنى دوراپ چېكىدۇ.
–شۇنداق قىلىپ تاماكا چەككەنلەر نوچىمىكەن ياكى بىچارىمىكەن؟
-بىچارە ئىكەن!
-سىلەرنىڭ ئۆي–ماكان،كېيىم–كېچەك… قاتارلىق مەسىلەڭلارنى ئۆزۈڭلار ھەل قىلامسىلەر ياكى ئاتاڭلار ھەل قىلامدۇ؟
–ئاتمىز ھەل قىلىدۇ!
-ئۇنداقتا سىلەر ھەل قىلالمىغان،چارىسىز قالغان مەسىلە بارمۇ؟
-يوق!
-سىلەر بىچارىمىكەنسىلەر؟
–ياق!!!
-قايسىڭلار باشقىلارغا بىچارە كۆرۈنىشنى خالايسىلەر؟
-….
-شۇنداق،ئەسلى ھېچكىم باشقىلارغا بىچارە كۆرۈنىشنى خالىمايدۇ.ئەمدى مەخسۇس باشقىلارغا كۆز–كۆز قىلىپ تاماكا چېكىدىغانلارغا كەلسەك،ئۇلار تاماكا چېكىش ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆزىنى نوچى كۆرسەتمەكچى.ئۇلار چېكىۋەرسە ئاخىرى قانداق بىمار بولۇپ قالىدۇ؟
-بىچارە!
-دېمەك،ھەرقانداق بىر بەڭگى ياكى ھاراقكەش دەسلەپ قىزىقىپ ياكى ئۆزۈنى باشقىلارغانوچى كۆرسىتىمەن دەپ تاماكا چېكىپ ئاخىرى قانداق ئادەم بولۇپ قالىدىكەن؟
-بىچارە!!!
-سىلەر باشقىلارغا قىزىقىپ،دوراپ ياكى نوچى كۆرۈنىمەن،دەپ تاماكا چەكسەڭلار بولامدىكەن؟
–بولمايدىكەن.
–پەقەت چەكمەيمەن،مەڭگۈ چەكمەيمەن دەپ ۋەدە بېرەلمىگەن ياكى ۋەدە بېرىپ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلالمىغان ئادەمنى ئىرادلىك،قەيسەر،نوچى ئادەم دېگىلى بولامدىكەن–بولمايدىكەن؟
–بولمايدىكەن!!
–بۈگۈنكى زەھەردىن يىراق تۇرۇش ھەققىدىكى سىنىپ يىغىنىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى،مەن ھەممىڭلارنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسىدە ھەقىقىي نوچىلاردىن بولۇشۇڭلارغا تىلەكداشمەن. خەير–خوش!