كۆرۈش: 265|ئىنكاس: 0

ئوقۇغۇچىلاردا قول كۆتۈرۈپ پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇغۇچىلاردا قول كۆتۈرۈپ پىكىر قىلىش
ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك


قارايدىغان بولساق،يىغىنلاردا،رەھبەرلىك پىكىر ئالغان ۋاقىتلاردا  ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە ئويلاپ قويغان كۆپلىگەن ئىسىل تەكلىپ-پىكىر،لاھىيە- كۆزقاراشلىرى  بولسىمۇ ئۇنى يۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرغا قويالمايدۇ.ئەمما،بىرەرسى ئوتتۇرغا قويۇپ قالسا ھەممە تەڭلا  ئاۋاز قوشۇپ چۇۋۇرلىشىپ كېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن رەھبەرلىك «ھەممىڭلار تەڭلا  سۆزلىسەڭلار،مەن قانداق ئۇقىمەن،بىرسىڭلار ئورنىڭلاردىن تۇرۇپ سۆزلەڭلار»دېسە سۆزلەيدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمايدۇ.مانا بۇ   ئەھۋالنى ئاشۇ  كىشلىرىمىزنىڭ  ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا دەرسخانىدا  شەكىللەندۈرگەن ئادىتى دېمەي ئامالىمىز يوق.
بىز بۈگۈنكى يېڭى دەرس ئوقۇتۇش ئىدىيسى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشتا مەيلى ئوقۇتقۇچى  مەخسۇس لايھىلىگەن سۇئاللار بولسۇن،مەيلى  دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرغا  قويۇلغان مەسلىلەر بولسۇن،چوقۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ  تۆۋەن يىللىقىدىن باشلاپلا ئىزچىل ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭلا ئاۋازدا خور توۋلىغاندەك ئوپچە جاۋاب بېرىدىغان ياكى ئوپچە مەسلە ئوتتۇرغا  قويىدىغان ناتوغرا ئادىتىنى تۈزتىشىگە ياردەم بېرىشىمىز،ھەر ۋاقىت  ئوقۇغۇچىلاردا بىر قولىنى نورمال كۆتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىنىڭ روخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن بىر ئوقۇغۇچىدىن كېيىن يەنە  بىر ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ پىكىر قىلىدىغان ياخشى ئادەتىنى ھەقىقىي يىتىلدۈرشىمىز كېرەك. ئاشۇ سىنىپنى كۆتۈرۋەتكۈدەك يوقىرى ئاۋازدا جاۋاپ بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرەرسىدىن ئايرىم سۇئال ئەمەس،بىرەر ئېغىز  گەپ سوراپ باقسىاق،  ئۇنىڭ ئېغىزىدىن سۆز چىقىپ  بولغىچە كۆزىدىن ياش چىققىلى تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ  بىزنىڭ  بۇ ئوقۇغۇچىدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پىكىر قىلىش(سۆزلەش)ئادىتىنى يىتىلدۈرمىگەنلىكىمىزنىڭ  نەتىنجىسى. شۇڭا ئوقۇغۇچىلىرىمز خەلپىتىم نېمە دېسە،تەڭلا شۇنى دەيدىغان تالىبلارغا ئوخشاپ قالماسلىقى كېرەك.
ئوقۇغۇچىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ قول كۆتۈرۈپ پىكىر  بايان قىلىش ئادىتىنى يتىلدۈرۈش بىرىنچىدىن،ئوقۇغۇچىلاردا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پىكىر قىلىش،مۇستەقىل قول سېلىپ ئىشلەش ۋە ئىجاتچانلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.
ئىككىنچىدىن،ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا،جۈرئەت ۋە قورقۇمسىزلىق روھىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.
ئۈچۈنچىدىن،ئوقۇغۇچىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ سەمىمىي بولۇش،مەدەنىيەتلىك،تەرتىپ–ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.
تۆتىنچىدىن،ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ مۇستەقىل قاراشقا،مۇستەقىل ئىدىيىگە ئىگە،ئەقىدە-ئېتىقادلىق،غايىلىك،بايرىقى روشەن،مەيدانى مۇستەھكەم بولغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرىدىن قىلىپ  يىتىشتۈرۈپ چىقىشقا پايدىلىق.
مەنبە: ئۆزۈم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش