كۆرۈش: 200|ئىنكاس: 0

تايچاقنىڭ دەريادىن ئۆتەلمەسلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تايچاقنىڭ دەريادىن ئۆتەلمەسلىكى
باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىياتىدىكى
« تايچاقنىڭ دەريادىن ئۆتۈشى» ئىزىدىن
(فېليەتۇن)

تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە بىر دېھقاننىڭ دائىم ھارۋا قېتىپ تۈگمەنگە ئۈگۈت،ئېتىزغا قىغ،خامانغا ئۆنچىلەرنى توشۇيدىغان،يازلىقى يەنە بېشىغا  خالتا كەيدۈرۈپ تۇلۇق سۆرىتىپ سامان يۇمشىتىدىغان بىر ئېتى بار ئىكەن. بۇ ئاتنىڭ بىر تايچىقى بولۇپ ئۇ تۇغۇلغان ۋاقتىدىن باشلاپ دائىم«تاقىراق،تاقىراق» قىلىپ چېپىپ بېرىپ،يېقىن ئەتىراپتىكى دەريا(توغىرسى كىچىك ئېقىن)دىن كېچىپ ئۆتۈپ،قارشى قىرغاقتىكى بۇلۇق ئۆسكەن يۇمران ئوي-چۆپلەرنى تويغىچە يەپ،ئۇسساپ كەتسە،ئېقىننىڭ سۈزۈك سۈيىدىن قانىچە ئىچىدىكەن.كەچتە يەنە ئېقىننى كىچىپ ئۆتۈپ ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدىكەن.
تايچاق يەتتە ئايلىق بولغاندا ئانسى ئۇنى مەكتەپكە بىرپتۇ.مەكتەپتە قېرى ئاق بوزئات موئەللم ھەر كونى دەرس ئۇتوپ،تايچاقلارنى ئائلسگە قويوپ بىرشتىن ئلىگرى ئولارغا سەكرىمەسلىك،چاپچىماسلىق،قوغلاشماسلىق،بولوپمۇ يېقىن ئەتراپتكى ھېلقى ئېقىن بويغا ھەرگىز بارماسلىق ھەققدە بىخەتەرلىك تەربىيسى بېرىدكەن.تايچاقلار ئەجداتلىرىنىڭ ئۇغوزخان  دەۋردىكى يەتتە سۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادىن ئوتۇپ،كاسپىي دېڭىز بويلىرىغىچە بارغان شانلىق تارىخىدىن پۇتۇنلەي بىخەۋەر ئىكەن.ئاق بوز ئات دائىم تايچاقىلارغا:
- ئۆتكەن يىلى ھېلىقى ئېقىنىدا بىر تىيىن ئېقىپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتتى. سىلەرگە جان لازىم بولسا،بۇ ئېقىندىن ھەرگىز ئۆتمەڭلار،-دەيدىكەن.
ئاسمان شىشىدەك سۈزۈك،ھاۋا تولىمۇ سالقىن بولغان بىر شەنبە كۈنى تايچاق نېرىقى قىرغاققا ئۆتۈپ ئوتلاپ كەلمەكچى بولۇپ ئېقىن بويىغا قاراپ«تاقىراق،تاقىراق»قىلىپ چېپىپ كېلىپتۇ.ئەمما،شۇ ھامان ئۇنىڭ يادىغا قېرى ئاق بوزئات مۇئەللىمنىڭ ئېقىندىن كېچىپ ئۆتمەسلىك ھەققىدىكى  نەسھىتى كېلىپ،قانداق قىلىشنى بىلمەي تىڭرىقاپ تۇرۇپ قېلىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىردەم ئېقىننىڭ يوقىرى تەرىپىگە،بىردەم تۆۋەن تەرىپىگە قاراپ«تاقىراق،تاقىراق»قىلىپ چاڭ چىقىرىپ راسا چېپىپتۇ. بىر چاغدا ئۇنىڭ كۆزى بىر كۆۋرۈككە چۈشۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تايچاق خۇشھال بولۇپ  كۆۋرۈكتىن بىمالال ھالدا قارشى  قىرغاققا ئۆتۈپتۇ.پاھ!بۇ  ۋادا نېمە دېگەن گۈزەل! ئوت-چۆپلەر نېمە دېگەن بۇلۇق،نېمە دېگەن يۇمران ئۆسكەن-ھە!..
  تايچاق خۇشھاللىقتىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئىختىيارسىز ھالدا  كىشنەپ كېتىپتۇ.
ئەتىسى تايچاق ساۋاقداشلىرىغا ئۆزىنىڭ نېرىقى قىرغاققا كۆۋرۈك بىلەن ئۆتۈپ  ئوتلاپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.قېرى ئات مۇئەللىم تايچاقلاردىن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ  بەكمۇ ئاچچىقلاپ كېتىپتۇ.
-ھەي تەنتەك،نېمە دەپ ئېقىننىڭ ئۇ تەرىپىگە  ئۆتتۈڭ! سەن ئۆتكەن يىلى نەسىرىدىن ئەپەندىمنىڭ  ئىشىكىنىڭ ئاشۇ كۆۋرۈككە  پۇتىنى   تىقىۋالغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بېرى ئاشۇ ئىشەك چېغىدا  ھەرقانداق بىركۆۋرۈككە پەقەتلا ماڭماس بولغانلىقنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ! سەن بىز ئاتلارنىڭ  تايچىقى تۇرۇپ ئاشۇ ئىشەكچىلىكمۇ ئەقىلىڭ يوقمۇ!
قېرى مۇئەللىم پايپاسلاپ بېرىپ بۇ ئىشنى مەكتەپ مودېرىغا مەلۇم قىلىپتۇ .  مودېر بارلىق مۇئەللىملەرگە بۈگۈنلا تايچاقلار بىلەن بىخەتەرلىك توختامنامىسى ئىمزالىشىشنى بۇيرۇپتۇ.ئاق بوزئات مۇئەللىم تايچاقلار بىلەن سۇ ۋە كۆۋرۈك بار جايغا يېقىن بېرىپ ئوينىماسلىق،ئۆزى خالىغانچە چاپماسلىق،سەكىرىمەسلىك، كەپسىزلىك قىلماي ئوقۇش ھەققىدە ئون ماددىلىق توختامنامە ئىمزالىشىپتۇ.
ھەش-پەش دېگۈچە توققۇز ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ.تايچاق ھەر يىلى،ھەر مەۋسۈمدە بىر تۇتاش ئىمتىھاندىن يوقىرى نومۇر ئېلىپ ئۆتۈپ،مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئانىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپتۇ-ھارۋا سۆرەش،تۈگمەنگە  ئۈگۈت ئاپىرىش،ئۆستەڭ-ھاشار ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپتۇ. ئۇ ناھايىتى ئېھتىياتچان،سىلىق ماڭىدىغان،مۇلايىم، ئىگىسىگە سادىق ئات بولغاچقا  ئاتنىڭ ئىگىسى ئۇنى سېتىۋەتمەي ئۆيىدە  ئىشىلتىش ئۈچۈن ئېلىپ قېلىپتۇ.
بىراق،ئات تايچاق ۋاقىتلىرىدا كېچىپ ئۆتىدىغان ئېقننىڭ بۇ  تەرىپىدە ئوت چۆپلەرنىڭ تاينى بولمىغاچقا ئۇ قانچە قېتىم دەريا(ئېقىن)نىڭ بويىغا كەلگەن بولسىمۇ،نە سۇنى كېچىپ ئۆتۈشكە،نە كۆۋرۈك ئۈستىدىن مېڭىپ ئۆتۈشكە پەقەتلا جۈرئەت قىلالماپتۇ.ئېقىندىن ئۆتەلمىسىغۇ مەيلى،ئات ھەتتا تىيىن ۋە ئۆچكىلەر سەكىرەپ ئۆتۈپ كەتكەن بىرەر مېتىر كەڭلىكتىكى ئېرىقتىن ئۆتەي دېسىمۇ كۆزى قورقۇپ ئۆتەلمەيدىكەن.بىر قىش كۈنى ئات مۇز توڭلاپ قالغان يەردە شۇنچە ئاۋايلاپ مېڭىپ كېتىۋېتىپمۇ يەنە تېيىلىپ يىقىلىپ كېتىپ ئىزا تارتقىنىدىن ئۆكسۈپ كىشنەپ كېتىپتۇ.
ئېقىننىڭ ئۇ تەرىپىدە ئوت-چۆپلەر شۇنداق بۇلۇق ۋە يۇمران ئىكەن. ئېقىندىن ئۆتەلىگەنلەر ئۇ تەرەپتە شۇنداق خۇشھال،شۇنداق ئەركىن ۋە توق ياشايدىكەن.
مەنبە:ئۆزۈم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش