كۆرۈش: 244|ئىنكاس: 0

بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ سۇئالىغا جاۋاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-3 16:11  

ئوغۇل بالا كۈل ئالسا بولامدۇ؟
(بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ سۇئالىغا جاۋاب)
ساۋاقداشلار،سىلەرنىڭ بىلمەكچى بولغىنىڭلار ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان‹‹ئوغۇل بالا كۈل ئالسا يامان بولىدۇ›› دېگەن مەسلىغۇ دەيمەن. ئالدى بىلەن بۇخىل پىكىر پەيدا بولغان ئەينى دەۋرگە قاراش كېرەك.ئەجداتلىرىمىز ياشىغان ئەينى دەۋردەھازىرقىدەك جەمئىيەت مۇقۇم،تۇرمۇش تىنچ ئەمەس ئىدى. ھەر بىر ئەل،ھەر بىر مىللەت خەلىقىخاتېرجەم،باياشات ۋە ئەركىن ھالدا ياشاش ئۈچۈن،قىز-ئاياللىرىنى،غۇرۇرىنى،ئىمانىنى،ئەڭ موھىمى ۋەتىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئەرلەر ئومۇميۈزلۈك جەڭ قىلىشى ياكى جەڭ قىلىشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك ئىدى.شۇ زاماندا يەنە ئوغۇللار قورامىغا يەتسە يىگىت بولدى دېيىلەتتى. شۇ زاماندا يىگىت دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى جەڭچى ئىكەن!
مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئەرلەر كۈل ئېلىش،يۇندا تۆكۈش ....دېگەندەك ئۆي ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولسا، جەڭنى كىم قىلىدۇ؟ ئاياللارنى، بالىلارنى كىم قوغدايدۇ! كىم ئوۋ ئوۋلاپ،ئۇزۇق-تۈلۈك تاپىدۇ! كەسكىن قىلىپ ئېيتىشقا بولىدىكى،ئەينى زاماندائەرلەر كۈل ئېلىپ يۈرسە، بۇنداق ئەلدە ۋەتەن مۇقەررەر مۇنقەرز بولاتتى،مىللەت خار-زارلىق ۋە ئار- نومۇستا قالاتتى.
شۇڭا ئەجداتلىرىمىز ئوغۇللارنىڭ كىچىكىدىدىن باشلاپ غۇرۇرلۇق،غايىلىك،چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان ئەلگە ياراملىق باتۇر ئەزىمەت بولۇشى، كۈل ئېلىش دېگەندەك ئۆينىڭ تۈگىمەيدىغان ئۇششاق ئىشلىرىنى قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالماسلىقى،چوڭ بولغاندا ئەلنىڭ چۇڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئۆزۈنىڭ ئۆينىڭلا ئادەمى بولۇپ  قالماسلىقى ئۈچۈن....‹‹ئوغۇل بالا كۈل ئالسا،يۇندا تۆكسە بولمايدۇ›› دېگەن. بۇنى كەڭ مەنىدە بىز ئەرلەر بىر ئۆز ئائىلىسىنىڭلا ئەمەس،پۈتكۈل مىللەتنىڭ غېمىنى يىيىشى كېرەك،ۋەتەن ئۈچۈن ئۆيىدىن، ئائىلىسىدىن،جېنىدىن كېچەلەيدىغان بولۇشى كېرەك دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.
ئۆينىڭ مېھىرى ھەقىقەتەن بەك ئسسىق،ئۆي بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ مەھرۇم قالدۇرغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس.ئەجداتلىرىمىز قاچان ئات ئۈستىدىن چۈشۈپ مۇقۇم ئۆي-ماكانلىق بولدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئات ئۈستىدىكى كۆچمەن تۇرمۇشتىن،باتۇرلىقىدىن،جەڭگىۋارلىقىدىن،قەيسەرلىكىدىن،پىداكارلىقىدىن...ئايرىلدى.ئۆي بەزىلەرنىڭ ۋەتىنىگە،بەزىلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە،بەزىلەرنىڭ غايە-ئېتىقادىغا ئايلىنىپ قالدى. ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ ئورنىغا ئۆينى،ئائىلىسىنى سۆيگەنلەر ياخشى ئادەم ھېسابلاندى.
سىلەر دىققەت قىلدىڭلارمۇ،مەكتىبىمىزدە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا،باشقا ئىدارە ئورگانلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا،شەھەردە،يېزىدا,ھەممە يەردە ھازىر ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان، بىز تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئېلىش ئۈچۈن بارلىقىمىزنى دوغا تىكىۋاتقان نەرسە نېمە! كىشىلەر تاپقان تەرگىنىنىڭ ھەممىسىنى خەجلەۋاتقان،ئەمما ئۈچۈنچى ئەۋلاتىدىن كېيىن ئىگدارچىلىق قىلالمايدىغان ئۆي! ئۆي بىزگە راھەت ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، راھەتپەرەسلىك، پۇلپەرەسلىك،ئابرويپەرەسلىك،چىدامسىزلىق،كېسەلمەنلىك
...قاتارلىق ئىللەتلەرنى ئاتا قىلدى.
تارختا ئۆتكەن باتۇر تەڭرىقۇت،سۇتۇق بۇغراخان،چىن تۆمۈر باتۇر،سەئىدخان،سادىرپالۋان،غېنى باتۇر...قارالىقلار كىچىكىدە ئۆيىدە كۈل ئالغان بولغيمىتى!
ئوغۇللار كۈل ئالساڭلار ئېلىڭلار،ئەمما كۈل ئالىدىغان ئادەم بولۇپ قالماڭلار،سىلەردە ھازىردىن باشلاپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان ئۇلۇغۋار غايە بولسۇن.
بۇرۇن ئۇيغۇر قىزلىرى باتۇرلارنى،پالۋانلارنى،قەھىرمانلارنى ياخشى كۆرەتتىكەن.‹‹بەش تال ئوق››دېگەن ھېكايىدە ساھىپجامال ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆزى تىككەن ھەربى فورمىنىڭ يانچۇقىغا ناتونۇش يىگىتكە‹‹بەش دۈشمەنى ئۆلتۈرسىڭىز،مەن سىزگە ئاشىق››دېگەن خەت يېزىلغان قەغەزنى سېلىپ قويۇشى تاسادىپىي ئەمەس.
60-70-يىللاردا ئۇيغۇر قىزلىرى ھەربىي بولغان يىگىتلەرگە ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىكەن.  80-يىللاردا ئوقۇتقۇچىلارنى ئارزۇلايدىغان بولۇپتۇ. 90-يىللاردا باشقا ساھەدىكى كادىرچاقلارنى ئارزۇلىغان بولسا، ھازىر قىزلار تىجارەتچى-پۇلدارلار يىگىتلەرنى بەكرەك ئارزۇلايدىغاندەك.
ئېلىمىز يازغۇچىسى ۋېيۋېي دەپتىكەن: ئەسلى مىللەتنىڭ ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلىرى جەڭچىلەر بولۇشى كېرەك. پۇل مىللەتنىڭ قېنى،جەڭچى مىللەتنىڭ يۈرىكى-جېنى، زىيالىيلار مىللەتنىڭ مېڭىسى.باشقا كەسپتىكىلەر مىللەتنىڭ كۆزى،قولىقى،پۇتى،قولى... ۋاھاكازالار.
ئوغۇللار ئۈچۈن ئەڭ شەرەپلىك كەسىپ مېنىڭچە،ئەسكەرلىك،ئىنژىنېرلىق، ئۇنىڭدىن
قالسا،
ساقچىلىق،
شوپۇرلۇق،ئىشچىلىق،چارۋىچىلىق،دېھقانچىلىق،
چوڭراق ھوقوق تۇتالىسا كادىرلىقمۇ بولۇپ قالىدۇ دەپ قارايمەن.
ئەمدى قىزلار سىلەرنىڭ سورىمغان سۇئاللىرىڭلارغىمۇ جاۋاب بېرىۋېتەي، سىلەر بەلكىم‹‹كۈل قىز ۋە گۈل قىز››دېگەن چۆچەكنى ئوقۇغان.
مەن سىلەرنىڭمۇ كۈل قىز بولۇپ قالماسلىقىڭلارنى،گۈل قىز بولۇشۇڭلارنى ئۈمىدقىلمىەن!سىلەر ئەسلىدىمۇ گۈلدەك چىرايلىق قىزلار!بالدۇر موھاببەتلەشكەنلەر،ئىپپەت-نومۇسىنى،غۇرۇرىنى ساقلىيالمىغانلار،كۈل ئالمىسمۇ بەرىبىر كۈل قىز بولۇپ قالىدۇ.
شۇڭا سىلەر ھازىردىن باشلاپ،تىرىشىپ ئوقۇپ چوڭ بولغاندا يا مائارىپچى،يا تىببىي خادىم،يا شوپۇر،يا مالىيە خادىمى بولۇڭلار،دېھقان بولساڭلارمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئەسكەر بولالىساڭلار تېخىمۇ ياخشى!
كۈل ئالماسلىقنى تار مەنىدە چۈشۈنۈپ قالساڭلار، بۇ بەك ئاسان،پۇل تېپىپ،بىنادا ئولتۇرساڭلار ياكى بىنادا ئىشلەيدىغان خىزمەتچى بولساڭلارلا بولىدۇ.مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم كۈل ئالماسلىق ئەمەس،كۈل قىز ياكى كۈل يىگىت بولماسلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەن بايا دېگەندەك ئوغۇللاردا ئۇلۇغۋار غايە،ئىرادە،جەڭگىۋارلىق،قەيسەرلىك،ئەڭ موھىمى غۇرۇر-ۋىجدان،پىداكارلىق روھى بولۇش كېرەك.خان بولىدىغان ئوغۇلار كۈل ئېلىپ،يۇندا تۆكۈدىغان ئادەم بولسا،خانىش بولىغان قىزلىرىمىز كۈل قىز بولۇپ قالمامدۇ! يىگىتلىرىمىز ئۆز ئەركىگە خان بولالىسا،قىزلىرىمىزمۇ خانىش بولالايدۇ.
بوتكىدا ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان ياكى ئۆيىدە ئۇخلاپ ياتقان ئەرلەرنى،سىرتتا سوغۇقتا تىتىرەپ گازىر ياكى لەڭپۇڭ سېتىپ يۈرگەن ئاياللارنى،دەرسخانىلاردا ئۈستەلگە  بېشىنى قويۇپ ئۇخلاۋاتقان ئوغۇللارنى،مانا مۇشۇنداق سۇئاللارنى قويۇپ دەرسخانىدا قىزغىن كەيپىياتتا ئولتۇرغان قىزلارنى سېلىشتۇرۇپ بەزىدە ئوغۇللاردىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالىمەن.
ئوغۇللار ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي،يوقۇرلاپ ئوقۇيالماي قالساڭلار،ئائىلە شارائىتىڭلار يار بەرسىلا،ئاتا-ئاناڭلارنىڭ رازىلىقى ئېلىپ،شەھەرلەردىن،باشقا يۇرتلاردىن رىسقىڭلارنى ئىزدەپ كۆرۈڭلار،ھۈنەر ئۆگۈنىڭلار،يۇرتىمىزدىن چىقمىساڭلار،ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەي،ھۆنەر ئۆگۈنۈپ بولغىچە قېرىپ كېتىسىلەر.قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىساڭلار،ھاراق ئىچمىسەڭلار،خىروئىن چەكمىسەڭلار،باشقىلارغا قارا سانىمىساڭلارلا،جاپا تارتساڭلارمۇ شەھەردە،ياققا يۇرتلاردا نۇرغۇن پۇرسەتلەرگە ئېرشەلەيسىلەر!ئۆزۈڭلاردىكى مەكتەپتە جارى قىلدۇرالمىغان يۇشۇرۇن ئىقتىدارىڭلارنى جارى قىلدۇرالىشىڭلار مۇمكىن.
قىزلار ئىمكانىيەت بار يوقۇرلاپ ئوقۇڭلار،پەقەت ئوقۇيالمىساڭلار،ئاتا-ئاناڭلارغا يېقىنراق تۇرۇپ ھۆنەر ئۆگەنسەڭلارمۇ بولىدۇ.مەن مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا قىزلار يەنىلا ئۆز يۇتۇڭلاردا تىرىكچىلىك قىلغىنىڭلار ياخشى دەپ قارايمەن.
يوقارقىلار مېنىڭ شەخسىي قارىشىم،سىلەر ئۆزئارا يەنە تاسقاپ باقارسىلەر.
مەنبە:  ئۆزۈم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش