كۆرۈش: 374|ئىنكاس: 6

خىزمىتىنى تاشلاپ قاچقان مۇئەللىم

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1

-ئەخمەت مۇئەللىم،سىز تۆتىنچى سائەت دەرس ۋاقتىدا نەگە باردىڭىز؟
-ياتىقىمغا كىرىپ تاماق ئىتىپ يىگەن ئىدىم.
-تاماقنى چۈشلۈك ئارامدا ئىتىپ يىسىڭىز بولمامدۇ؟
-قىرىق مىنۇتلۇق چۈشلۈك ئارامدا تاماق پىشۈرۈپ يەپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايدىكەنمەن،شۇڭا تۆتىنچى سائەتتە دەرسىم بولمىغاندىن كېيىن بالدۇرراق تاماق ئىتىپ يىگىلى چىققان ئىدىم.
-تۆتىنچى سائەتتە دەرسىڭىز بولمىغان بىلەن خىزمىتىڭىز بارنى بىلمەمتىڭىز!
-بىلىتىم،بىلسەممۇ قانداق قىلىمەن! ئاچ قورساق خىزمەت قىلغىلى بولمايدىكەن بۇ سەھرادا.
-كىم سىزنى ئاچ قورساق خىزمەت قىلسۇن دەپتۇ، تاماق ئىتىپ بېرىدىغان خوتۇن ئالسىڭىز بولمامدۇ!؟
ئەمدى شۇ شۇجاڭ،قىز بالا بىكارغا تەگمەيدىكەن،بۇ ئاتمىش يۈەن ئىش ھەققىم بىلەن يا ئۆيلەنگۈدەك پۇل يىغالمىدىم.
پۇل يىغالمىغان بولسىڭىز،مەن خوتۇن ئالىتىم،ياردەم قىلىڭلار دەپ،خورجۇن كۆتۈرۈپ تىلەڭ!
ئۇنداقمۇ  دەپ كەتمىسىلە شۇجاڭ،مەنمۇ  رەسمىيلىشىپ قالامەن بىر كۈنى.
نېمىشقا دېمەيمەن! بىر كۈنى بولسا كېچىكىڭ،بىر كۈنى بولسا بالدۇر ئارام ئېلىۋېلىڭ! ھېجىقىز تۆۋە قىلماپتۇ،تۆۋە قىلسا كۆڭلى قويماپتۇ،دەپ شۇنچە قېتىم نەسىھەت قىلسام تۈزەلمىگەن...
-ھەي ئوغىرى كىم ھېجىقىزىكەن!ئاغزىڭنى چايقاپ گەپ قىل جۇمۇ!كىچىكەن،بالدۇر ئارام ئالغان بولسام،ھەر ئايدا كاڭگۇڭ قىلىۋاتىسەنغۇ!
-سەن ھېجىقىز! سەن بولماي كىم ھېجىقىز بولۇتتى!
-مېنىڭ قېيىرىم ھېجىقىزكەن،ھېجىقىزلىقىمنى كۆرسىتە!
-ھېجىقىزلىقىڭنى تېخىچە بىلمەيۋاتامسەن!ھېجىقىز بولمىساڭ يىگىرمە ئالتە يېشىڭغىچە خوتۇن ئالالماي يۈرەمتىڭ!
-نېمە دەيدۇ ماۋۇ ماز ئوغىرى،چىشىڭنى بىردىن تۆكۈمەن ھازىرلا!
ئەخمەت مۇئەللىم چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ مەكتەپ مودېرى تۇرەك توختىنىڭ ئالدىغا ئېتىلدى. دەل شۇ چاغدا دەرستىن چۈشۈپ ئىشخانىغا كىرگەن ئوقۇتقۇچىلار قولىدىكى ماتېرياللىرىنى قۇيۇپ ئۇلارنى تۇتىۋېلىشتى.
-ۋوي نېمە بولدى ئەخمەتجان،گەپ بولسا چىرايلىق دەڭ!
-مېنى قويۇپ بېرىڭلار ئاداش،ماۋۇ ماز ئوغۇرى مېنى ھېجىقىز دەيدا ئەجەپ، بۈگۈن يا ئۇ مېنىڭ ھېجىقىزلىقىمنى چىقىرىدۇ، يا مەن ئۇنىڭ چىشلىرىنى بىردىن تۆكۈمەن.
-ھېجىقىز بولماي نېمە سەن،يەنە دەيمەن،سەن ھېجىقىز!ھېجىقىز بولمىساڭ،خوتۇن ئالالايتىڭ!
-شوجاڭ،سىلىمۇ چىرايلىق گەپ قىلسىلا  بولمامدۇ!ماڭسىلا،بىردەم ئۆيلىرىگە كىرىپ تاماكا چىكىپ چىقسىلا!
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىككەيلەننى ئايرىۋېتىشى بىلەن بۇ جىدەل ئاران بېسىقتى.
                               2

-مائارىپ ئىدارىسىغا قەدەملىرى يىتىپ قاپتىغۇ تۇرەك شۇجاڭ!ئۆزلىرى،بالا-ۋاقىلىرى،مەكتەپ ئىچى تىچلىقتۇ؟
-تېچلىق تېچلىق ،...،جۇيجاڭ،سىلىگە مەلۇم قىلىدىغان جىددىي ئىش بار ئىدى، شۇڭا...
-ھە،نېمە ئىشتى،يەنە ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشىلىتەلمىدىم،بوي سۇنمىدى،دەپ كەلمىگەنلا!
-ياق،... ياق بۇ قېتىم،ئىقتىسادىي ئىش بىلەن كەلگەن.
-ئىقتىسادىي ئىش؟ قانداق ئىقتىسادىي ئىش، تېز دېسىلە!
-مەكتىۋمىزنىڭ بۇغالتىرى ئەخمەت مەمەت مەكتەپنىڭ ئالتە مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىك نەچچە يۈەن نەق پۇلى بىلەن بۇيىل تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ئونبەش ياشلىق چىرايلىق قىزىم گۈلباھارنى ئېلىپ قېچىپتۇ!
- ۋوي تۈز گەپ قىلسىلا،بىر ئوبدان خىزمىتنى تاشلاپ قاچىدىغان ئوقۇتقۇچىمۇ  بولامدۇ؟
-ئۇ ئاتمىش يۈەن ئىش ھەققى ئالدىغان دەيكۇ ئوقۇتقۇچى ئىدى،شۇڭا...
-دەيكۇ ئوقۇتقۇچى؟!مەكتەپتە گۇڭبەن ئوقۇتقۇچى يوقمىتى! سىلە نېمىشقا دەيكۇ ئوقۇتقۇچىغا بۇغالتىرلىقنى تۇتقۇزغان؟ئۇنى نەدىن تاپسىلا –تاپسىلا! بولمىسا ئۇ ئېلىپ قاچقان پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى تۆلەيلا!
-ھۈ..ھۈ.... مەن يا خەنزۇ تىلى بىلمىسەم،ئەمدى قانداق تاپامەن ئۇ ھېجىقىزنى  كۇلىيدىن.....  
-يىغلىماي سۆزلىسىلە!ئۇلارنىڭ كۇلىيگە كەتكىنىنى سىلە قانداق بىلدىلە؟
-ئاخشام تېلېفۇن قىلىپتۇ بىز  لەنجۇدا دەپ.
-كىم تېلېفۇن قىلىپتۇ؟
-ئەخمەت دېگەن ھېجىقىز تېلېفۇن قىلىپتۇ.
-چىرايلىق گەپ قىلسىلا،قىزلىرىنى ئېلىپ قاچقان ئادەمى تولا ھېجىقىز دەۋەرمىسىلە.نېمە دەيدۇ ئۇ تېلېفۇندا؟
-قىزلىرىدىن خاتىرجەم بولسىلا،كېلەر يىللىققا قىزلىرى يەڭگىگەندە ئاندىن ئۇنى ئېلىپ مەھەللىگە بارمەن دەيدۇ. ھۈ...ھۈ...قىزىم تېخى يەنە ئونبەش كۈندىن كېيىن تولۇقسىزنى پۈتتۈرەتتى.مەن ئۇنى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ئوقۇتاي دەپ ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم.ھۈ...ھۈ...
-ئۇلار قاچقىلى قانچە كۈن بولدى؟
- قىزىم بىلەن ئىككىسى يوقاپ كەتكىلى بىر ھەپتە بولدى،بىز ئۇلارنى ئىزدىمىگن جاي قالمىدى.
-بىر ھەپتە بولغىچە ئىدارىگە مەلۇم قىلماي نېمە ئىش قىلدىلا، ئۇلارنى ئۆزلىرى قاچۇرۋەتلىمۇ يا!
-تۆۋە دېسىلە جۈيجاڭ،مەن ئۇنىڭغا بەك ئۆش.بىز ئۇرۇشۇپ قالغان،گەپ قىلىشمىغىلىمۇ يېرىم يىلدەك بولغان...
-ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتىدىغان سىنىپى بارمىتىى؟
-سىنىپ تۇتمايتى،خەنزۇ تىلى دەرس ئۆتەتتى.
-بولدى،كۆڭۈللىرىنى پاراكەندە قىلماي،ئىدارىگە قارىتا بۇ ئىش توغۇرلۇق تەپسىلى مەلۇمات يازسىلا! ئۇ كەلمىسە ئېلىپ قاچقان پۇلنى سوت ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىدىن ئالارمىز.
-ۋاي جۈيجاڭ، نەدە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسۇن،دادىسى ئۇ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن،ئاپىسى ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردىغان چاغدا ئۆلۈپ كېتىپتۇ.ھېچنىمىسى يوق يالاڭتۆش دېسىلە ئۇ......
3

-قاقشال مەكتەپتىكى تۈرەك شوجاڭنىڭ يەتتە يىل ئىلىگىرى ئەخمەت مەمەت بىلەن قېچىپ كەتكەن قىزى گۈلباھار تۈنۈگۈن ئىككى بالىسىنى سېلىپ،نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك بىر سانتانا ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىپتۇ.
-ئۆزى ھەيدەپ كەلمىگەندۇ!؟
-ئۆزى ھەيدەپ كەلگەننى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
-ماشىنا كىمنىڭ ماشنىسىدۇ؟
-ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ماشنىسىمىش.
-سىلە نەدىن ئاڭلىدىڭلا؟
-مەن گۈلباھار ئۆزىدىن سورىدىم.
-نەدە يۈرۈپ ماشىنا ئالغۇدەك پۇل تېپىپتۇ؟
-ئۈرۈمچىگە چىقىپلا ئاۋۋال ھەر ئىككىلىسى ئاشخانىدا ئىشلەپتىمىش،ئاندىن تاپقان پۇلىغا ئەخمەت شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇپ كىنىشكە ئېلىپ،تاكسى شىركىتىگە ئىشقا ئورۇنلىشىپتىمىش.ئارقىدىن گۈلباھارنىمۇ ئوقۇتۇپ شوپۇرلۇق كىنىشكە ئالغاندىن كېيىن،ھەر ئىككىلىسى تاكسى شىركىتىدە ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا شەخسىي ماشىنا ئېلىپتىمىش.
- قىز بالىنىڭ ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگۈنەلەيدىغانلىقىغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.
- ماشىنا ھەيدەشلا ئەمەس،خەنزۇچە سۆزلەش قابىليىتىمۇ شۇنداق يوقۇرىكەن. يۈرۈش-تۇرۇشى كېيىم-كېچىكى،گەپ-سۆزىگە قاراپ ئۇنى تۇرەك شوجاڭنىڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرمەي قېچىپ كەتكەن قىزى شۇ دېسە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.
-ئەخمەت مەمەت كەلمەپتىمۇ؟
-ئۇ گۈلباھارغا ئۆز ۋاقتىدا مەكتەپتىن ئېلىپ قېچىپ كەتكەن پۇللارنى تۇتقۇزۇپ،سىز ئاۋۋال بېرىڭ،قېيناتام ئاچچىغىدىن يانغاندا تېلېفون قىلىڭ،مەن ئاندىن بارىمەن،دەپ ماڭدۇرۇپتىمىش.
-تۇرەك شوجاڭ ئەخمەتنى ئەپۇ قىلارمۇ؟
-ئەپۇ قىلىپتۇ.ئەپۇ قىلمايمۇ ئامال يوقكەن،قىزى ئۇنىڭدىن ئۈچ بالىلىق بولۇپ بوپتۇ.
-ئۈچ بالىلىق!؟
-شۇنداق،ئۇلارنىڭ ھازىر ئۈچ بالىسى،ئىككى ماشىنىسى،يەنە تېخى بىنادا  ئۆيى بار ئىكەن.بۇ قېتىم ئۇلار ئۆزلىرىگە توي خېتى ۋە بالىلىرىغا نوپۇس بىجىرمەكچىكەن.
-ئۇلار قېچىپ كېتىپ راستلاپايدا ئېلىپتۇ. بىز بولساق، ئاران ئەمدى رەسمىيلىشىپ مىنبەن ئوقۇتقۇچى،دەيكۇ ئوقۇتقۇچى دېگەن قالپاقتىن قۇتۇلدۇق.
-بۇرۇن بۇغالتىر ۋاقتىمدا شوجاڭ مېنىمۇ تىللىغان بولسا،مەنمۇ مەكتەپنىڭ بەش مىڭ كوي پۇلىنى ئېلىپ قاچقان بولسام، بۇ كەمگىچە ئۈرۈمچىدە خېلى باي بولۇپ قالاركەنمەن،ئىسسىت مەكتەپتە توقسان كوي بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرۈم.

2007-يىل

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-14 10:17:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كىيىن تىما يوللىغاندا چۇقۇم مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغايسىز  
ۋاقتى: 2016-1-14 15:28:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىگە ئاجايىپ تۇيغۇ بېرىدىكەن بۇ ھېكايە ... دېمەك ھەرقانداق گەپ قىلدىغاندا چوقۇم دىققەت قىلدۇلۇق ...
ۋاقتى: 2016-1-14 15:28:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىگە ئاجايىپ تۇيغۇ بېرىدىكەن بۇ ھېكايە ... دېمەك ھەرقانداق گەپ قىلدىغاندا چوقۇم دىققەت قىلدۇلۇق ...
ۋاقتى: 2016-1-14 20:41:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى!!!!!!قالتىس ھېكايىكەن بۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-14 22:55:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يوللىغان ۋاقتى  2016-1-14 10:17
بۇندىن كىيىن تىما يوللىغاندا چۇقۇم مەنبەسىنى ئەسكەرتى ...

ئۆزۈم يازغان ھېكايە ئىدى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسكەرتمىگەن ئىدىم.
ۋاقتى: 2016-1-17 11:45:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى بەك چوڭقۇر بوپتۇ تىمىڭىزگە رەھمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش