- تىزىملاتقان
- 2012-8-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 602
- نادىر
- 0
- تېما
- 18
- يازما
- 49

قىزغىنلىق- 190 سەر
تىللا- 22 دانە
تۆھپە- 67 سەر
شۆھرەت- 84 سەر
 
| ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت
ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،بولدۇممۇ تارتىمەن جاپا-مۇشەققەت.پەقەت ئارزۇيۇم ئۈمۈدىم شۇكى،ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆتسەم تائەبەت. ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،ئوقۇتقۇچى بولدۇم، ئالدىراش بولدۇم،دوستلىرىمدىن ئايرىلدىم،دائىم ئۇچرىشالماي.تۇغقانلىرىم رەنجىدى،مەرىكىلىرىگە ۋاقتىدا بارالماي،كۆڭلۈم يېرىم ئاتا-ئانامنى ۋاقتىدا يوقلىيالماي ئوقۇتقۇچى بولدۇم،رەھبەرلىرىم رەنجىدى، كونسىپىكنى ۋاقتىدا يازالماي،خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا قىلالماي.مەن رەنجىدىم،ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي... ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،لېكىن قىيالمايمەن، بېغىمدىكى سۇغا تەشنا كۆچەتلىرىمگە ئوخشان ئىلىمگە تەشنا بوغۇنلىرىمغا قىيالمايمەن. ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،لېكىن ئىشلىگۈم بار، ئوقۇتقۇچى بولۇپ،«ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى» دېگەن نامنى ساقلاش ۋە ئاقلاش ئۈچۈن،ۋەتەننىڭ كەلگۈسى قۇرغۇچىلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن. ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،لېكىن بولغۇم بار، قىيالمايمەن سەبىي گۆدەكلىرىمگە قىيالمايمەن.بىر تاختا سۈزۈك ئەينەكتەك،بىر پارچە ئاپئاق رەخىتتەك پاك،بىغۇبار قەلىبلەرگە قىيالمايمەن. ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،لېكىن خالايمەن،قاراڭغۇ دىللارغا يورۇقلۇق بېرىشنى،تونۇماس كۆزلەرنى ئېچىشنى،ئاق بىلەن قارىنى،ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيالمايدىغان كۆڭۈللەرنى يورۇتۇشنى. ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،ياق!ياق!!ياق!!! مەن يەنىلا ئوقۇتقۇچى بولاي،مەن يۈرۈگۈمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم،ئۇ ماڭا ئۆزى خالايدىغان،ئۆزى قىلىشنى ھەقىقىي ئۈمىد قىلىدىغان ئىشنىڭ يەنىلا ئوقۇتقۇچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. مەن ئوقۇتقۇچى بولىمەن،بولغاندىمۇ ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى بولىمەن،ئاخىرقى بىر نەپسىم ئۈزۈلگىچە،ئاخىرقى بىر تامچە قېنىم ئېقىشتىن توختىغۇچە،مەن ئوقۇتقۇچى بولىمەن، ۋەتىنىم،مىللىتىم،خەلقىم روھىي گادايلىقتىن قۇتۇلغىچە.مەن ئوقۇتقۇچى بولىمەن. ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت. بولدۇممۇ تارتىمەن جاپا مۇشەققەت. لېكىن ئارزۇيۇم-ئۈمۈدىم شۇكى، ئەۋلاد قەلبىنى يورۇتىمەن ئەبەت.
|
|