باھارغا تەشنالىق بورانلار بۈكمىگىن دەرەخ بېلىنى، كەتمىسۇن بىمەھەل سۇنۇپ قاراسلاپ. چۈنكى ئۇ، بىخ ئۇرغان سانسىز نوتىنى، كەلسىتى باھار دەپ تۇرار ھاپاشلاپ.
ئاق لىباس چۆمكىگەن چوققا ۋە قارغاي، باھارغا تەشنادۇر سىرغار كۆز يېشى. ئەينەكتەك مۇزلاردىن مارار بېلىقمۇ، كەلسىتى باھار دەپ چىللار ھەر قىشى.
ئەگىزلەر يەرلىسە زېمىستان قىشنى، كۆكەرسە يەر جاھان كەلسىتى باھار. نىگارىم باھاردىن كۈلسە شادلىنىپ ، زوقلۇنۇپ خۇشلۇقتىن كۆز يېشىم تامار.
باھاردا چىچەكلەر بەرگى پايانداز، يار سالغان ئىزلارنى سۈيەر بەرگىلەر. باھاردا قىلىشقان ۋەدە - قەسەمدىن، شادلىنىپ ياپراقلار گۈلگە ئەركىلەر. مەنبە:قارغاي |