مەن بۇ ماقالىنى يېزىشتا بىر قىسىم ياش، تەجىربىسى كەمچىل،قىززىققان ئوقوتقۇچىلارنى كۆزلەپ يازدىم،ئوقوتۇش بىلەن ئادەم تەربىيەلەش جەريانىدا،كەسىپداشلارنىڭ خىزمەتلىرىگە ماس كەپ قالسا پايدىسى تېگىپ قالار دىگەن نىيەتتە يوللاپ قويدۇم.
ئىش ئاددى بولغىنى بىلەن نەتىجىسى مۇرەككەپ
(يەكەن ناھىيە ئازاتباغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن-ئۆمەر ئىسلام)
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقوغۇچىلار پىسخولوگىيە ۋە،فېزىلوگىيە جەھەتتىن تازا تەرەققى قىلىۋاتقان ۋاختى،ئەگەر ئۇلارغا باشقا تاشقى ئامىللار،يەنى ئائىلە ۋە جەمىيەتنىڭ تەسىرى ئىددىيىسىگە بېسىم بولمىسىلا ئۇلارنىڭ ياشلىق ھېسىياتى تازا قىزغىن بولىدۇ.تەن سالامەتلىگى ياخشى،روھى دۇنياسى ساغلام بولسىلا ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ناھايتى تىز بولىدۇ،يىغىنچاقلىغاندا،ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقى،ئىددىيىسى،ياشاۋاتقان مۇھىتى،كۈندىلىك ئوزۇقلىنىشى قاتارلىق ئامىللار ئۇنىڭغا پايدىلىق بولىدىكەن ئۇ،ھەر جەھەتتىن تولۇق تەرەققى قىلىش شارائېتىغا ئىگە بولىدۇ دە،ئۇنىڭ ئۇنۋېرىسال ساپاسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. تۆۋەندە مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە تەربىيەلىنىش جەريانىدىكى قىسمەن توسالغۇ تۈپەيلىدىن،كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ زىيانغا ئۇچراپ قېلىش ئېھتىماللىقلىرى توغرىسىدا قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىدا قويۇپ ئۆتىمەن.
(1)ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇستازىنى دوراش پىسخېكىسى ناھايتى كۈچلۈك بولىدۇ،ئۇلار ھەممە ئوقۇتقۇچىلارنى دورىمايدۇ،ئۆزىنىڭ ئېڭىغا كۈچلۈك تەسىر بىرەلىگەن ئوقۇتقۇچىنى،دەرىس جەريانىدا ۋە باشقا ئىجتىمائى پائالىيەتلەردە، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئېڭىدىكى چوڭقۇر قاتلامغا سىڭىپ كىرەلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزى،ھەركىتى،كىيىنىشى،تۈرلۈك ئادەتلىرىنى دوراشنى بىر خىل خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ.شۇڭا ئۇلار مەزكۇر ئۇستازنىڭ يۇقارقى قىياپەتلىرىنىڭ ئۆزىدە قۇيۇپ قويغاندەك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما،ئىش ھەركەتلىرى،دەرىس ئۆتۈش سەنئېتى،تەلىم-تەربىيە پوزۇتسىيەسى تولىمۇ زىرىكىشلىك،ئوقوغۇچىلارنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان، مىجەزىگە ياقمايدىغان،ئوقوغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمۈدىگە پەرۋاسىز قارايدىغان ئوقوتقۇچىنىڭ سۆز ھەركەتلىرىنى ھەجۋى قىلىپ دورايدىغان ئوقوغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس. ئوقوغۇچىلار بۇ خىلدىكى ئوقوتقۇچىلارنى دوراشنى بىر خىل ھەجۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئورنىدا تەكرارلايدۇ.ھەم سىنىپتا كۆپچىلىك ‹‹كۆڭۈل ئېچىش نومۇرى›› قىلىۋالىدۇ،بۇلارنى ئوقوتقۇچىلارنىڭ بىلىپ قىلىشىنى خالىمايدۇ،سىنىپتىكى بارلىق ئوقوغۇچىلار بارلىق ئوقوتقۇچىلاردىن قاتتىق سىر تۇتىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنى ئوقۇتقۇچى ئۇقۇپ قالسا،بولۇپمۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى دورىغانلىقىنى بىلگەن ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى دەماللىققا بۇنى قوبۇل قىلالماسلىغى،قاتتىق ئاچچىقلىنىشى،ئۈمۈتسىزلىنىشى،ھەتتا ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي يۈرەك كېسىلى تېپىۋېلىشى،ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇشى مۇمكىن.بۇ ئەمىلىيەتتە قورقۇپ كېتىدىغان،ئۇنچىۋالا ساراسىمگە چۈشۈپ قالىدىغان ئىش ئەمەس. بۇنداق چاغدا ئوقوتقۇچى ئۆزىنى بىر ئاز بېسىۋېلىپ،ئوقوغۇچىلار ئۆزىنىڭ قانداق تەرەپلىرىنى دورىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىشى كېرەك.ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاكتىپ تەرەپلىرىنى دورىغان بولسا، بۇ ئەلۋەتتە ئوقوتقۇچى ئۈچۈن پەخىرلىنەرلىك نەتىجىسى بولغان بولىدۇ،ئەگەر ئەكسىچە بولغان بولسا،ئوقوتقۇچى ئۆزىنى سوغۇققانلىق بىلەن بېسىۋېلىپ،ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىپ قالغانلىقىنى،ئۆزىنىڭ بۇلارنى ھازىرغىچە ئۆزىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان،ئۆزى تېخى تونۇپ يېتەلمىگەنلىگىنى،ساۋاقداشلانىڭ بۇنى كۆرسۈتۈپ بەرگەنلىگىنى ئالايتەن كۆككە كۆتۈرۈپ،بۇنداق ئادەتلىرىنى تۈزۈتىدىغانلىغىنى سەمىمى ئەسكەرتىپ ئوقوغۇچىلاردىن ئەپۇ سوراش كېرەك،بۇنداق قىلغاندا ئوقوغۇچىلار بۇ ئوقوتقۇچىنىڭ بۇ خىل سەمىمىلىگىدىن تەسىرلىنىدۇ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل ئەدەپسىزلىگىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىپ،مەزكۇر ئوقۇتقۇچىغا تەبى ھالدا ئامراق بولۇپ كېتىدۇ،ھەم بۇنداق ھەجۋى قىلىقلارنى قەتئى قىلمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئوقوتقۇچى،بىھۇدە چېچىلىپ،ئوقوغۇچىلارنى ئاغزىغا كەلگەننى دەپ تىللاپ قاغىسا،بۇ مەزكۇر ئوقوتقۇچىنىڭ ئوقوغۇچىلار ئالدىدا قاتتىق ئوسال بولغانلىقىنى،بۇ خىل ئىللەتلىرىنى مەڭگۈ تۈزىتەلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ دە،ئوقوغۇچىلار بۇنداق ئوقوتقۇچىدىن قاتتىق ئۈمۈتسىزلىنىدۇ،ھەتتا ئۇنى ئككىنچى قېتىم دوراشنىمۇ خالىمايدۇ.شۇنىڭدىن كىيىن مەزكۇر ئوقوتقۇچىنىڭ مۇشۇ سىنىپتا ئىشلىگەن ھەرقانداق خىزمىتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ،ئۇ ،مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ھەتتا خىزمەت مۇھىتىنى ئالماشتۇرمىغىچە قەتئى باش كۆتۈرەلمەسلىگى مۇمكىن.ياكى ئوقۇتۇش بىلەن ئادەم تەربىيەلەشنىڭ چاك-چىگرىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماي ئۆمۈر بويى بىمەنە ئوقوتقۇچى بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن.مانا بۇ ئوقوغۇچىلارنى چۈشۈنۈشتۇر.
(2)بىر ئوقوغۇچى ئوقوتقۇچىنى دوراپ،ئۆزىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ قويدى،ئوقوتقۇچى بۇنى كۆرۈپ قاتتىق ئاچچىقلاندى،ياكى كۈلۈپ كەتتى،ئوقوغۇچىنى چاقىرىپ چىقىپ،ئۇنى بىر ھازا ئەيىپلىدى.‹‹سەن تېخى مېنى دورىغىدەك بولدۇڭما؟››،‹‹سېنىڭ مېنى دورىشىڭغا نەچچە قاپاق پىششىغى بار!››.......دىگەندەك ھاقارەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا تەنبېھ بەردى،مەزكۇر ئوقوغۇچىنىڭ گۆدەك قەلبى قاتتىق ھاقارەتلەندى،ئۇ شۇ تاپتا ئوقوتقۇچىسىنى دورىغىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلدى،ھەتتا ئوقوتقۇچى دىگەنلەرگە قاتتىق ئۆچ بولدى،ئۇنىڭ سەبى قەلبىدىكى ئاشۇ سۆيۈملۈك ئۇستاز ئۇنىڭ قەلبىگە قەبىھ ھاقارەتلەر بىلەن ئۆچمەس بەلگە سالدى. ئويلاپ باقايلى،بۇ بەلگە ئۇنىڭ قەلبىدە بىر ئۆمۈر ئۆچمەسلىگى مۇمكىن،ئۇ،ئاشۇ چاغدىكى ئوقوتقۇچى بولۇش ئارزۇسىنىڭ بىر ھاماقەتلىك ئىكەنلىگىنى داۋاملىق ئېسىدىن چىقارماسلىقى مۇمكىن،ھەتتا جەمىيەتكە چىققاندىمۇ ئوقوتقۇچىنى كۆرسە قاتتىق ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىشى مۇمكىن. ئەگەر ئوقوتقۇچى ئاشۇ چاغدا بۇ ئىشنى ئۆتكۈزىۋەتسە يۇمشاق باش ئوقوتقۇچى بوپ قېلىپ،ئوقوغۇچىلار ئۇنى كۆزگە ئىلماسلىقى ھەتتا،بۇنداق ئۆزىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ يۇقۇرى باھا بىرىدىغان ئوقوغۇچىلار بارغانسىرى كۆپۈيۈپ كېتىپ،تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزۈشنىڭ خاراكتىرى ئۆزگۈرۈپ كېتىشى مۇمكىن،قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنداق چاغدا ئوقوتقۇچى مەزكۇر ئوقوغۇچىنى ئاشۇ قىلغىنى ئۈچۈن،ئاشۇ شوخلىقى ئۈچۈن بىر قانچى كەلىمە سۆز بىلەن ئۇنى ماختاپ قويۇشى،ئۇنىڭ ئاشۇ قىلغىنى ئەمەلىيەتتە ئوقوتقۇچى بولغۇسى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشى شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نىشڭنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قاتتىق تېرىشچانلىق بىلەن ئۆگۈنۈشى لازىملىقىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.بۇ كىچىككىنا ھادىسە ئاشۇ ئوقوغۇچىنىڭ ئوقوتقۇچى بولۇش ئارزۇسىنى كۈندىن-كۈنگە ئۇلغايتىپ،ئۇنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى تەدرىجى تەرەققى قىلدۇرۇپ،كەلگۈسىدە كاتتا پىداگوك بولۇپ شۆھرەت قازىنىشىغا تۈرۈتكە بولۇشى مۇمكىن.بۇ خىلدىكى كىچىك ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئاددى ئەمەسلىگىنى ھەر بىر ئوقوتقۇچى بولغۇچى سەزگۈرلۈك بىلەن ئويلاپ يېتىشى كېرەك.
(3)بىر ئوقوغۇچى،مەلۇم بىر ئوقوتقۇچىنىڭ دەرس سۆزلىگەندە قىسمەن سۆزلەرنى زىيادى تەكرارلايدىغانلىقىنى ھەجۋى قىلىۋاتاتتى،بۇ ئوقوتقۇچى بۇ ئىشنى، ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئاڭلاپ قالدى،ئۇ ئاچچىقىنى باسالماي سىنىپقا گۆلدۈرلەپ كىردى دە مەزكۇر ئوقوغۇچىنى قاتتىق تىللاپ كەتتى،ھەتتا ئۇنى،‹‹قايسى ئاناڭنى دورايسەن؟قايسى داداڭنى دورايسەن؟مەن سېنىڭ داداڭغا ئوخشاش سۆزلىسەم بولامتى؟››دىگەندەك ھاقارەتلەر بىلەن،ئوقوغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ غۇرۇرىنى قاتتىق دەپسەندە قىلدى،ھەتتا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ ھاقارەتلىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ ئوقوتقۇچىنى سىنىپتىكى ھەممە بالىلار دورايتتى،بۇ چاغدا بۇ ئوقوتقۇچى ھەممە ئوقوغۇچىلارنى تىللىغان بولدى،ھەممە ئوقوغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تەككەن بولدى،ھەممىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ھەقارەتلىگەن بولدى،ئۆزىنىڭ ئاشۇ بىمەنە ئىللەتلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى بارلىق ئوقوغۇچىلارغا مەجبۇرى تاڭدى.مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئازغىنا ئىناۋىتىدىنمۇ پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالدى،ھەتتا ئاتا-ئانىلارنى ھاقارەتلىگەن بۇ ئىشى ئۈچۈن ئۇ،ئورنىنى تولدۇرۇپمۇ بولالمىغۇدەك تېگىشلىك زىدىيەتكە قالدى.
بۇ چاغدا ئوقوتقۇچى قانداق قىلسا توغرا بولاتتى؟ ئويلاپ باقايلى،ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقوتقۇچىنى ئاشۇنداق دورىشى،مەزكۇر ئوقوتقۇچىنىڭ ئۆزىدىكى ئاشۇ بىر تالاي ئىللەتلىرىنىڭ ئوقوغۇچىلارغا پەقەت ياقمىغانلىقىنى،بۇ ئىش ھەر بىر قېتىم يەكرارلانغاندا ئوقوغۇچىلارنىڭ سەسكىنىپ بېزار بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەتتى. دىمەك بۇ خىل ئىللەتنىڭ ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە تۈپتىن خىلاپ ئىكەنلىگىنى ئۇ دەرھال چۈشۈنىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ ئوقوتقۇچى بۇنى ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ ئاڭلاپ قالغىنىدا،يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك توغرا چۈشۈنۈپ يېتىپ،ئوقوغۇچىلارنىڭ يۈزىگە سالمايلا قالماي تەل-تۆكۈس تۈزۈتۈپ،تۈزەتكەنلىگىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسۈتۈشى كېرەك ئىدى،ياكى بولمىسۇن،‹‹سىلەر پالانى كۈنى مېنى دورىدىڭلا،سىلەر مېنى دورىغاندەك مەندە ئاشۇنداق ئىللەت بار ئىدى،بۇ خىل ئىللەت مەندە داۋاملىشىۋەرگەنسىرى كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلىنىپ قاپتۇ،سىلەر كۆرسۈتۈپ بەردىڭلا،سىلەرگە رەخمەت،مېنى كەچۈرۈڭلا،بۈگۈندىن باشلاپ مەن بۇ خىل ناچار ئادەتنى تولۇق تۈزۈتىمەن،ئەگەردە يانا داۋاملاشتۇرۇپ قالسام سەمىمگە سېلىپ قويۇشىڭلانى ئۈمۈت قىلىمەن››دىگەن بولسا،ئوقوغۇچىلار بۇ مۇئەللىم نىمىدىگەن ئەپۇچان ھە؟ دەپ ئۇنى بالدۇرقىدىنمۇ بەكرەك ھۆرمەتلىگەن بولاتتى. ئىش بىزنىڭ كۈتكىنىمىزدەك بولماي قالدى،بۇ نىمى دىگەن گۆدەكلىك،نىمىدىگەن كەم ئەقىللىق ھە؟ مېنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرۇم ئەمەلىيەتتە تەلىم-تەربىيە ئەمەلىيىتىدىكى كىچىككىنا ئاددى بىرقانچە مىسال،ئوقوتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا بۇنىڭدىنمۇ ئەھمىيىتى چوڭ بولغان كۇرمىڭ مىساللار ساماندەك،داۋاملىق ئوقوتقۇچى ئۇستازلارغا ھەر ۋاقىت ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئوقوتقۇچىلار بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارنى ئۇچراتقاندا ئىشنى ئۇنداق ئاددى چاغلىماسلىغىنى،ئاددى ئىشلارنىڭ تەرەققى قىلىپ،كىشى ئويلاپ يېتەلمەيدىغان چوڭ مۇرەككەپ بولغان نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى،ھەل قىلىش قىيىنغا توختايدىغان مۇرەككەپ زىدىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز لازىم.مانا بۇ تەلىم-تەربىيە خىزمىتى،مانا بۇ ئوقوتۇش بىلەن ئادەم تەربىيەلەش،مانا بۇ يېڭى دەۋىرنىڭ ئوقوتقۇچىلارغا يۈكلىگەن شەرەپلىك ۋەزىپىسى،مانا بۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ قەلبىنى كۆرەلەيدىغان ياىشى ئوقوتقۇچى،مانا بۇ شىنجاڭچە ئوقوتقۇچى.
2016-يىلى30-مارت.
چۈشۈرۈش مەنزىلى: |