مەن بۇ تىمىنى تەييارلاشتا بىر قىسىم پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ كومپىيۇتېر ئىشلىتىشتە قىينىلىپ، ئۆزىگە بېسىم ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئازراق بولسىمۇ ئۇلارنىڭ كومپىيۇتېر ئۈگۈنۈش ئىرادىسىگە ياردىمى تېگىپ قالار دىگەن تونۇشتا يوللىدىم.
ھازىرقى زامان ئوقوتۇش ئەمەلىيىتىنىڭ كومپىيۇتېر ئۆگۈنۈشىگە بولغان ئېھتىياجى
يەكەن ناھىيە ئازاتباغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن – ئۆمەر ئىسلام
يىراق مۇساپىلىق ئوقوتۇش تېخنىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى،ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئوموميۈزلۈك ماسلىشىشى،كومپىيۇتېرنىڭ مىكرولىشىشى،ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنلارنىڭ ئوموملىشىشى قاتارلىق زامانىۋى تېخنىكىلارنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ،مائارىپ ئوقوتۇش تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىدا زامانىۋى ئوقوتۇش ئەندىزىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.ئوقوتۇش تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى زامانىۋى ئوقوتۇش ئۈسكۈنىلىرىگە جىددى ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى.ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئېلىشى زامانىۋى ئوقوتۇش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدى،زامانىۋى ئوقوتۇش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ دەرس تەييارلاپ ئۆتۈشمۇ ھازىرقى زامان ئوقوتقۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنىڭ موھىم بىر تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندى.مەن بۇنىڭ كونكىرت ئىپادىلىرىنى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ چىقتىم.
(1)ئوقوتۇشنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئوقوتۇش بىلەن بىر گەۋدىلىشىشى. ئوقوغۇچىلارنىڭ زامانىۋى ئوقوتۇش ئۈسكۈنىلىرىگە ھېرىسمەن بولۇشى،ئوقوتقۇچىلارنىڭ ھەر سائەتلىك دەرسنى كومپىيۇتېردا لاھىيەلەپ ئۆتۈشىگە توغرا كەلدى.ئوقوتقۇچىنىڭ كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىغا پىششىق بولۇش بولماسلىغى ئوقوتقۇچىنىڭ خىزمەت سىجىللىقىنى ئاشۇرىۋەتتى،ئۇ بۇ خىل شەرتلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن چوقۇم كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىنى پىششىق ئىگەللىمىسە بولمايدىغان مەجبۇرىيەتكە قىستاپ كەلدى.
(2)ئوقوتقۇچىلارنىڭ ھازىرقى زامان ئوقوتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆگۈنۈشى ئۇنىڭ ئۆگۈنۈش پوزۇتسىيەسىنى يېڭىلىدى. بىر سائەتلىك دەرىسنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتۈش،ئوقوتقۇچىغا كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىغا پىششىق بولۇشنى تەلەپ قىلدى،كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىدا پىششىق بولۇش ئۈچۈن ئۇ ئەمدى خەنزۇ تىلى ئۆتكىلىنى پىششىق ئىگەللىمىسە بولمايدىغان بولدى،ئويلاپ باقساق بۇ يالغۇز ئوقوتۇش تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ تەلىۋى بولماستىن ھازىرقى زامان دەۋرىنىڭ تەلىپى ئىكەن،دىمەك ئوقوتقۇچىلارمۇ چوقۇم دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىشى تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن.
(3) ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئوقوتۇشقا قويغان تەلىپى. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق،ھازىرقى زامان ئۇچۇر دەۋرى،ئۇچۇر تېخنىكىسى ئوقوتۇش تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە نىسبەتەن يۇقۇرى تەلەپنى قويماقتا.قىسقىسى يىراق مۇساپىلىق ئوقوتۇش تېخنىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى مىسال قىلساق،يىراق مۇساپىلىق ئوقوتۇش تېخنىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئوقوتۇشتىكى تار مەھكىمىچىلىك ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ،رايونلارنى بىرلىك قىلىپ ئوقوتۇش نىشان كۆرسەتكۈچلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈردى.بۇ تېخنىكا ئوقوتۇش بايلىقلىرىنى ئېچىش،ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتا موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.ۋاقىت،ئادەم،ماتىرىيال ئىسراپچىلىقىغا خاتىمە بەردى.
(4)ئوقوتقۇچى ئاشۇ دەۋىر پۇخرالىرى ئىچىدىكى ئالاھىدە پۇخرا. ئوقوتقۇچى دەۋىر روھىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتە ئىلغار مەدەنىيەتنى بەرپا قىلغۇچىلار بولغاچقا،ئالدى بىلەن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى،كومپىيۇتېر مەشغۇلاتى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى كېرەك.ئۇ ھەرقايسى دەۋىر پۇخرالىرى ئىچىدىكى ئالاھىدە پۇخرا بولغىنى ئۈچۈن دەۋىرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ،ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى ۋە تېخنىكىلىرىنى پۇختا ئىگەللەپ ياش ئەۋلاتلارنىڭ پەن-مەدەنىيەتكە بولغان ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇشى كېرەك.ئزىدىن باشقا كىشىلەرگە ئوقوتقۇچىغا خاس تەسىر بىرىشى،يالغۇز مەكتەپتىلا ئەمەس،ئائىلە ۋە جەمىيەتتە باشقىلارغا ئەنە شۇنداق گۈزەل ئەخلاقى پەزىلىتى ئارقىلىق بۇ ‹‹ئۇلۇغ ئېقىم››دا يارقىن ئوبرازىنى چاقنىتالىشى كېرەك.ئوقوتقۇچى بولۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس،ئوقوتقۇچى بولساق دۇرۇس ئوقوتقۇچى بولايلى،ياش ئەۋلاتلارنىڭ بىزدىن كۈتكىنى ئۇنداق ئاددى تەلەپ ئەمەس،ئۇلارنىڭ ئۈمۈدى قۇرۇك كۆپۈككە ئايلىنىپ قالمىسۇن،ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلاشتۇرمايلى،ئوقوتقۇچىلار قوشۇنى دائىم قەددىنى رۇس تۇتسۇن.پۈتكۈل قوشۇن،بىر قىسىم كۈن ئۆتكۈزىدىغان جان باقارلارنىڭ پاجىئەسىگە ئورتاقلىشىپ قالمىسۇن.
2016-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
|