سىزگە ئەسقاتىدىغان 12خىل ئۈگىنىش ئادىتى 1.ئەستە تۇتۇش ئادىتى. ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەستە تۇتۇش ئۈچۈن، ئەستە تۇتۇش بىلەن ۋاقىتنى بىرلەشتۇرۇڭ ،ۋاقىت ئېنىق بولغاندىلا دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرەلەيسىز . 2.نۇتۇق سۆزلەش ئادىتى. پىكرىڭىزنى ئېنىق ئىپادىلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ . نۇتۇق سۆزلەش ھازىرقى زامان كىشىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئىقتىدارلارنىڭ بىرى . 3.كىتاپ ئوقۇش ئادىتى. جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى ياكى مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇپ ، ئىلغار ئىدىيىلەرنى قوبۇل قىلىڭ ، ھەر كۈنى ئىككى مىنۇت ئوقۇسىڭىز ، ئاستا- ئاستا يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز . 4.كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئادىتى. مەيلى ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن ، كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇڭ. 5.پىلان تۈزەش ئادىتى. پىلانلىق ئىش بۇزۇلماس . دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە پىلانلىق ئىش قىلالمىغانلىقىدا، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى ، ئۇلار ئۆزىنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ . 6.ئالدىن تەييارلىق قىلىش ئادىتى. ئالدىن تەييارلىق قىلىش جەريانىدا ، ئۈگىنىش ، ئىزدىنىش ۋە ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرۇش خوشاللىقىنى ھېس قىلالايسىز . 7.مۇئەللىمگە ماسلىشىش ئادىتى. ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىغا ھەر خىل ئۇسۇلدا ماسلىشىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ . 8.كىچىك ئىشتىن باشلاش ئادىتى. قىيىن سۇئاللارغا قارغۇلارچە ئېسىلىۋالماي ، ئاسان سۇئاللارنى ئاۋۋال ئىشلەڭ . ھاياتلىقتىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئىش شۇكى ، چوڭ ئىشلارنى قىلالماسلىق ، كىچىك ئىشلارنى قىلماسلىقتۇر . 9.ئۆز - ئۆزىگە تاپشۇرۇق بېرىش. 10.خاتا ئىشلىگەن سۇئاللارنى توپلاش ئادىتى. ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندىن كېيىن ، خاتا ئىشلىگەن سۇئاللارنى توپلاپ ، قايتا ئىشلەپ بېقىش نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئېتىراپ قىلغان ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىدۇر . 11.ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش ئادىتى. ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش ئۇنچە قىيىن ئىشمۇ ئەمەس . ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش دەرۋەقە دەرسلىكتىكى بىلىملەرنى پىششىقلاش ۋە ئىگىلەش دەرىجىڭىزنى سىنايدۇ . 12.ماتېريال تاللاش ۋە خۇلاسىلەش ئادىتى. ئەمىلىي ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن ، ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ماتىرياللارنى تاللاشنى ئۈگىنىۋېلىڭ. |