كۆرۈش: 182|ئىنكاس: 7

بايقاش مۇنبىرىگە تىما يوللايدىغان بارلىق ئۇقۇتقۇچىلارغا :

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېقىندىن بىرى بايقاش مائارىپ تورىمىز  ئۇيغۇر مائارىپ تور بەتلىرى ئىچىدە  داۋاملىق ئەڭ ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ .  يۇقارقى ئۇتۇق نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى  ئاتامان ئەپەندى ۋە بايقاش تورىدىكى باشقۇرغۇچى يولداشلارنىڭ  ۋە بايقاش مائارىپ تورىغا ئەزا بولغان بارلىق مائارىپچىلارنىڭ  كىچىنى -كۈندىزگە ئۇلاپ  جاپالىق تىمىلارنى بىر - بىرلەپ تەھىرلىشى ، تەسىقلىشى  ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا ،ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بارلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىزدىنىڭ سەرخىل ياخشى بولغان دەرىس تەييارلىقىنى تەييارلاپ  ھەر خىل دەرىسلىك دىتاللىرىنى لاھيەلەپ  ئىزدىنىپ جاپاغا چىداپ تەييارلىشى نەتىجىسىدە  بايقاش مائارىپ تورى يۇقارقىدەك ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ   ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى بارلىق كەسىپداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرشىپ كەلمەكتە .  
بىز بايقاش مائارىپ تورىغا ۋاكالىتەن شۇ جاپاكەش ئۇقۇتقۇچىلارغا ۋە تەرەپ -تەرەپلەردىن جەم بولغان بايقاش ئەزالىرىغا ئالاھىدە رەخمەت ئىيتىمىز .
يۇقارقىدەك ئۇتۇق نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ  يەنە تىما يوللىغۇچىلاردا  تۈۋەندىكىدەك مەسىللەر داۋاملىق ساقلىنىپ كەلمەكتە :
1- بەزى دەرىس تەييارلىقلىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى نۇرمال بولماسلىق بۇزۇلۇش ئەھۋاللىرى بەك ئېغىر  بۇنى يوللىغۇچىلار قايتا تۈزتۈپ يوللىساق .
2-  ھەر قايداق تىما يوللىغاندا چۇقۇم  بايقاش مۇنبىرىنىڭ تور بوشلىقى ئارقىلىق يوللىساق .
3- بۇرۇندىن ھازىرغىچە بولغان  چىيەنناۋ تور بوشلىقى ، بەيدۇ توربوشلىقى ، 360 بۇلۇت سۇپىسىغا يوللانغان تىمىلار ئاساسەن نۇرمال چۈشمەيۋاتىدۇ .  بۇ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىس بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش جەھەتتە بەزى قۇلايسىزلىق ئامىللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ . شۇڭا يۇقارقى ئۈچ تور بوشلىقى ئارقىلىق ماتىريال يوللىمىساق .  يوللىغانلار قايتا تەھىرلىۋەتسەك
4. بۇ ماۋسۇملۇق ھەر قايسى يىللىقلارنىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگۈرۈپ بولدى .  لېكىن يىڭى كىتاپ بۇيىچە دەرىس تەييارلىقى ، دەرىسلىك دىتاللارنى جۇغلاپ يوللىماسلىق مەسىلىسى بەك ئېغىر بۇلىۋاتىدۇ . شۇڭا  ئەڭ ئاز بولغاندا ئايلىق ۋە ياكى 123- ئايلىقنى جغلاپ يوللاشقا ئەھمىيەت بىرىلسە
5- ھازىرغىچە  بىر سائەتتىن  بىر ھەپتىدىن بولغان ھەر قايسى يىللىقلارنىڭ دەرىس تەييارلىقلىرىنى  شۇ يوللىغان ئۇقۇتقۇچى كەسىپداشلار ھەممىسىنى جۇغلاپ تەپسىلاتىنى ئىنىق چۈشۈنۈشلىك قىلىپ قايتا يوللىساق . بىز باشقۇرغۇچىلار  قايتىدىن كۈرۈپ   شۇ جۇغلاپ يوللىغان دەرىسلىكنى ھەقلىق قىلىپ تەڭشەپ  نادىرلاپ قويساق دەيمىز
6-چۈشۈرۈش ئادىرسى نۇرمال بولماي بۇزۇلغان ،  چىيەنناۋ تور بوشلىقى . بەيدۇ تور بوشلىقى . 360 بۇلۇپ سۈپىسىدىكى تىمىلارنى قايتا يوللىساق
7- تىما يوللىغاندا  تىللا ئۈچۈن بىر سائەتلىك   ئىككى سائەتلىك تىمىلارنى يوللىمىساق . جۇغلاپ يوللاشقا ئادەتلەنسەك
8- باشقۇرغۇچى يولداشلارمۇ تىما تەسىقلىغاندا ئەستايىدىل بولساق . چۈشۈرۈش ئادىرسى يوق  باشقا تور بوشلىقى ئارقىلىق يوللىغان تىمىلارنى تەسىقلىمىساق . ئالدى بىلەن ئۈزىمىز  تەسىقلىغان تىمىنى چۇقۇم چۈشۈرۈپ كۈرۈپ بولغاندىن كىيىن .  مۇكەممەل بولسا تورغا چىقىرايلى . مەسىلە بولسا  ۋاختىدا تۈزتۈپ ئۈچۈرەيلى .
9- چۈشۈرۈش ئادىرسى نۇرمال بولمىغان تىللا ئۈچۈنلا تىما يوللايدىغان تىمىلارنى قەتئى تەسىقلىمايلى  
10- بۈگۈندىن باشلاپ ھەر قانداق تىما يوللىغاندا  چۇقۇم    بايقاش تور بوشلىقى ئارقىلىق يوللانسا ، بارلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ  يۇقارقى مەسسىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ  بايقاش مائارىپ تورى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ  يىتەرسىزلىكلەرنى قەتئى تۈزۈتۈپ  نەتىجىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ بايقاش تورىنىڭ يەنىلا داۋاملىق ئەڭ ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرۇپ ئۇقۇتقۇچىلارغا ياخشى بولغان دەرىس بايلىقلىرىنى دەرىسلىك دىتاللىرىنى تەمىنلەپ مىللىي مائارىپىمىزنىڭ  ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى كۈتىرلىشىگە كۈچ چىقىرشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز .
11- باشقۇرغۇچى يولداشلار يوللانغان تىمىنى قىمىتىگە ،تۇلۇق بولغان ياكى تۇلۇق بولغان بولسا چۇقۇم نادىرلايلى .باھا بىرىپ ئۇلارغا مەدەت بىرەيلى، ئۇلارنىڭ روھىنى كۈتۈرۈپ  ياخشى بولغان سەرخىل تىمىلارنى يوللاشقا ئىلھاملاندۇرايلى

بايقاش مائارىپ تورى رەھبەرلىك قىلىش گۇرپىسى ئىشخانىسى
2016- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-10-10 12:43:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-10-10 12:55  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زەپەر ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز؟ بايقاش مۇنبىرىدىكى بارلىق باشقۇرغۇچى ۋە بارلىق بايقاش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى يۈرەك سۆزىنى ئىپادىلەپ بېرىپسىز ياخشى پىكىرلەر بوپتۇ .قوللايمەن .
بىر گەپ ماڭا مۇجىمەل تۇيۇلدى ئۇ بولسىمۇ ، شۇڭا  ئەڭ ئاز بولغاندا ئايلىق ۋە ياكى 123- ئايلىقنى جغلاپ يوللاشقا ئەھمىيەت بىرىلسە
مەن بۇ سۆزنى قانداق چۈشۈنىشىم كېرەك ؟
2- بىر مەسىلە ، بۇ توپتىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇتقۇچىلار ، شۇڭا ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ ،ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلايلى .
3- دىن بولدى قىپ تۇراي.

باھا سۆز

ئوخشاش ئويدا  ۋاقتى: 2016-10-10 23:08
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-10-10 14:47:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز پەرى خانقىز ؟ كۈرۈشمىگىلى خېلى ئۇزۇن بۇپتۇ . ئالدى بىلەن مىنىڭ تىمامغا ئىنكاس قايتۇرغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۈر بىلدۈرىمەن . رەخمەت سىزگە .
دىمەكچىمەن : دەرىس تەييارلىقى يوللىغاندا بىر -ئىككى سائەتنى بىر يوللىماي . ئەڭ ئاز بولغاندا 1ئايلىق ياكى 2ئايلىق دەرىسلىكنى جۇغلاپ يېغىپ يوللاشقا ئەھمىيەت بىرىلسە دەيمەن

باھا سۆز

ئىپادىلەش توغرا بولماپتۇ . بولسا تۈزۈتۈپ قويسىڭىز . تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2016-10-11 18:02
ۋاقتى: 2016-10-10 21:50:23يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان تەشەببۇس بوپتۇ.
تەكلىپ:
1-بايقاش تور بوشلۇقى دېگەنگە چۈشەنچە بىرىلسە.
2-باشقۇرغۇچىلار مەسئۇلىيەتچان بولسا.
3- ئەزالارنى يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بىرىلسە.

باھا سۆز

قوللايمەن  ۋاقتى: 2016-10-10 23:08
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-10-11 17:16:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش تور بوشلىقى دىگىنىمىز . بايقاش تورىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالغان تور بوشلىقى  مۇشۇ بوشلىققا يوللىغان تىمىلار بۇزۇلماپتۇ
لېكىن بەيدۇ ، چىيەنناۋ 360 بۇلۇپ سۇپىسىغا يوللانغان تىمىلار بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن بۇزۇلۇپ كىتىش ئەھۋالى بەك ئېغىر  ھازىر شۇ بوشلۇققا يوللانغان تىمىلار 95% ئېچىلمايدۇ.

شۇڭا تىمىنى بايقاش مۇنبىرىمىزنىڭ تور بوشلىقىغىلا يوللايلى   . تۈپ يوللاش دىگەن كوزنەكتىن يوللىساق  شۇ بوشلىققا يوللىغان بۇلىمىز
ۋاقتى: 2016-10-11 18:02:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يوللىغان ۋاقتى  2016-10-10 14:47
ياخشىمۇ سىز پەرى خانقىز ؟ كۈرۈشمىگىلى خېلى ئۇزۇن بۇپتۇ ...

ئىپادىلەش توغرا بولماپتۇ . بولسا تۈزۈتۈپ قويسىڭىز .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش